غەرب ئەللىرى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە خىتايغا قارىتا سوئاللىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى

0:00 / 0:00

يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى خەلقئارادا كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا. غەرب ئەللىرىدىن ئامېرىكا باشچىلىقىدا نۇرغۇن دۆلەتلەر ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن بۇ خىل دەپسەندىچىلىككە قارىتا قارشىلىقىنى ئىپادىلىمەكتە. مەسىلەن، 25-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكىدىكى «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى» تەشكىلاتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە نويابىردا ئېچىلماقچى بولغان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى «ئۇنىۋېرسال قەرەللىك كۆرۈپ چىقىش» يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن دوكلات سۇنۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىگە جىددىي قاراش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈن يەنە غەربتىكى بەزى دۆلەتلەر مۇشۇ يىغىندا خىتايدىن سورىماقچى بولغان سوئاللىرىنى ئېلان قىلغان.

مەزكۇر سوئاللار ئاساسلىقى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ھەددىدىن ئاشقان دەپسەندىچىلىكى، ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى سەۋەبسىزلا تۇتۇپ لاگېرلارغا سولىشى قاتارلىقلارغا قارىتىلغان. بۇنىڭدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئۇرۇگۋاي، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق 12 دۆلەت خىتايدىكى جازا لاگېرى، زىيالىيلار ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ياكى يوقاپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ ئەمەلگە ئاشقان-ئاشمىغانلىقى، ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ ۋە تىبەت رايونى ئۈچۈن چىقارغان تەشەببۇسلىرىنىڭ تەتبىقلىنىش ئەھۋالى قاتارلىق نۇقتىلاردا كەسكىن سوئاللارنى تەييارلىغان.

مەزكۇر ماتېرىيالدا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى تىلغا ئالغان: ئۆتكەن بەش يىلدىن بۇيان لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئادەملەرنىڭ ھەقىقىي سانى، لاگېرلارنىڭ ئورنى ۋە تۇتقۇنلارنىڭ لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇلۇش مۇددىتى؛ ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي پائالىيىتىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولىنىشىغا سەۋەب بولغان ئاساسى؛ خىتاينىڭ ب د ت نىڭ ئالىي كومىسسارىنى ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونىنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇش-قويماسلىقى ۋە خىتاينىڭ كىشىلەرنى مەخپىي تۇتقۇن قىلىش، قانۇنسىز ۋاسىتىلەر بىلەن قىيناش، قانۇنىي جەريانسىز تۇتۇپ تۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تۈگىتىشتە قوللانغان تەدبىرلىرى قاتارلىقلار.

ئەنگلىيە مۇنداق نۇقتىلارنى تىلغا ئالغان: خىتايدىكى ئادۋوكاتلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئاخبارات خادىملىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ۋەزىيىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنىڭ نامۇۋاپىق مۇئامىلىلەرگە، كەمسىتىشلەرگە ھەم قىيىن-قىستاقلارغا ئېلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر تەدبىرلىرى قاتارلىقلار.

مۇشۇ قاتاردا يەنە گېرمانىيەمۇ ئۆزىنىڭ سوئاللىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇلار: «تۈرمە ۋە تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا سولانغانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى يۆتكەشكە دائىر شىكايەتلەرگە قارىتا خىتاينىڭ ئىنكاسى؛ خىتاينىڭ ئىچكى ئەزالارنى ئالماشتۇرۇشتىكى يىللىق سانلىق مەلۇماتى ۋە يۇقىرىقى شىكايەتلەرنى ئىنكار قىلالىغۇدەك قانۇنىي مەنبەسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر».

نورۋېگىيە تۆۋەندىكى نۇقتىلاردا سوئال تەييارلىغان: خىتاينىڭ 2013-يىلى نورۋېگىيە دۆلىتى ئېلان قىلغان خەلقنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى قوغداش ھەققىدىكى تەشەببۇسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، خەلقنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى ھۆرمەت قىلىش، قوغداش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتلەردە قوللانغان كونكرېت تەدبىرلىرى؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى تارتىۋېلىشتىن ساقلىنىشتا ئىشلىگەن خىزمەتلىرى قاتارلىقلار.

بۇنىڭدىن باشقا شىۋېتسىيە، گوللاندىيە، ئۇرۇگۋاي، كانادا ۋە شۋېتسارىيە قاتارلىق بىر قانچە دۆلەتلەرمۇ بەزى تولۇقلىما نۇقتىلاردىن ئۆز سوئاللىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بەزى ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى «ئۇنىۋېرسال قەرەللىك كۆرۈپ چىقىش» يىغىنىغا تەييارلىغان سوئاللىرى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە ئىنتايىن ئەستايىدىل مۇئامىلە تۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىكەن. ھالبۇكى، پاكىستان، بولىۋىيە ۋە بېلارۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ تەرەققىيات پىلانى، ئۆتكەن بىر نەچچە يىللاردا قۇرۇپ چىققان ئىنتېرنېت ئاساسىي قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىن سوئاللارنى تەييارلىغان.

پاكىستاننى مىسالغا ئېلىپ ئۆتسەك، ئۇلارنىڭ تىلغا ئالغان نۇقتىلىرى خىتاينىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن ئالەمشۇمۇل نەتىجىلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تەجرىبىلەر؛ خىتاينىڭ 2020-يىلىغا كەلگۈچە يېزا رايونلىرىدا ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان نامراتلىقنى تۈگىتىش پىلانى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

بېلارۇسىيە خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرى ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى ئاساسىي نۇقتا قىلغان. لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بولىۋىيە سورىماقچى بولغان مەسىلە بولسا خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سايلاملارغا توردا بېلەت تاشلاش ۋە بۇنىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا ئېلىپ كەلگەن پايدىلىق تەرەپلىرى بولغان.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك، «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى» تەشكىلاتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە دوكلات سۇنۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئادۋوكاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان ۋە خەلقئارانى بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراشقا چاقىرغان. ۋەھالەنكى، پاكىستانغا ئوخشاش مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ يۇقىرىقىدەك ئىنكاسى كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى غەرب ئەللىرىنىڭ ئۆزلىرىدە بار بولغان كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپى ئارقىلىق، باشقا دۆلەتلەردىن سورىغان سوئاللىرىدىمۇ بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۆز خەلقىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىلا روشەن ئەكس ئېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بىر ئايلار ئاۋۋال پاكىستان دىنىي ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاينىڭ پاكىستاندىكى باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغانلىقىنى رەت قىلىشى بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىشنى تاللىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىكەن.