ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ميۇنخېن مىللەتلەر مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىدە كۆرەك قىلىندى

0:00 / 0:00


گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە 6 - دېكابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 9 - نۆۋەتلىك مىللەتلەر مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت بۇيۇملار ۋە ئۇيغۇر سەنئىتى يۇقىرى باھاغا ئېرىشتى.

9 - نۆۋەتلىك مىللەتلەر مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى 6 - دېكابىر كۈنى ميۇنخېن شەھىرىدىكى «بىر دۇنيا ئۆيى» ناملىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 50 دىن ئارتۇق مىللەت ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىگە ئائىت بۇيۇملارنى بازارغا سالغان بۇ سورۇنغا گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتىمۇ ئۇيغۇر تائاملىرى، سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە ئىشتىن سىرتقى سەنئەتكارلارنى قاتناشتۇرۇپ تاماشىبىن ھەمدە خېرىدارلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.

6 - دېكابىر كۈنى كەچ سائەت يەتتە بىلەن باشلانغان بۇ پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى شەھەر باشلىقى سۆزلىدى. شەھەر باشلىقى ميۇنخېن شەھىرىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردە ئىرقىي، مىللىي ئايرىمىچىلىقنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى مەزمۇن قىلغان نۇتقىنىڭ ئاخىرىدا، ئىككى كۈن ئىلگىرى قازا قىلغان جەنۇبىي ئامرىقىنىڭ مىللىي قەھرىمانى نېلسون ماندىلا ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە بولغان قايغۇسىنى ئىپادىلىدى. شەھەر باشلىقىنىڭ نۇتقىدىن كېيىنلا شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ مەزكۇر پائالىيەتكە مەسئۇل خادىمى ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ، بۈگۈنكى سەھنىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپلۇقىنى، ياش ئۇيغۇر سەنئەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە سەنئەت نومۇرلىرى بىلەن بۇ قېتىمقى مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىگە ھاياتىي كۈچ بېغىشلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. دەرۋەقە، 9 - نۆۋەتلىك مىللىي مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بەكرەك چەككىنى ئۇيغۇر ئۇسۇللىرى بولدى.

ئۇيغۇر فولكلورى تەتقىقاتچىسى نۇرنىسا خانىم سەھنىگە چىقىپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىغا يەنە بىر قېتىم چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇيغۇر سەنئىتى سەھنىدە جەۋلان قىلىشقا باشلىدى. مۇڭلۇق ئۇيغۇرچە ناخشا بىلەن گۈزەل ئۇيغۇر ئۇسۇللىرى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ئۇزۇنغىچە داۋام قىلدى. بۇ قېتىم ميۇنخېن شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى تەرىپىدىن تەشكىللىگەن 9 - نۆۋەتلىك مىللىي مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنىڭ سەھنىسى پەقەتلا ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن بولۇپ، ھەر مىللەت تاماشىبىنلاردىن سىرت، شەھەر باشلىقى يېتەكچىلىكىدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ھەر مىللەت كىشىلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئورۇنلانغان ئۇيغۇرچە ئۇسۇللارنى كۆرۈپ قىزغىن ئالقىشلار ياغدۇردى ۋە ئۇيغۇر سەنئىتىگە يۇقىرى باھالار بېرىشتى.

گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتى 9 - نۆۋەتلىك مىللىي مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىگە يەنە ئۇيغۇرچە تائاملار ۋە سەنئەت بۇيۇملىرىنى قاتناشتۇرغان بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى گۈلنار خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇرچە يېمەكلىكلەرنىڭ كىشىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان مۇختەبەر خانىممۇ كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بولغان يۇقىرى باھالىرىدىن ئىپتىخار ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

پائالىيەتنىڭ ئالدى كەينىدە كىشىلەر يەنە شەھەر باشلىقى بىلەن بىرگە خاتىرە سۈرەتلەرگە چۈشۈشتى ۋە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشتى.