موڭغۇل پروفېسسور يادرو بىخەتەرلىكى يىغىنىدا ئۇيغۇرموڭغۇل مەسىلىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى

0:00 / 0:00


30 - مارت ياپونىيە شىزۇكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ياڭخەييىڭ «ياپونىيە ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىدا «خىتايدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ تۇپراقلىرى چۆللۈككە ئايلاندى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر ماقالىدە خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر، تىبەت، ئىچكى موڭغۇل رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان يادرو سىناقلىرىنىڭ تەسىرىدىن بۇ رايونلارنىڭ تۇپراقلىرى چۆللىشىپ، ئاھالىسى تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ، ئېغىر ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بۇلغىنىش ھادىسىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ياپونىيەدە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان موڭغۇل پروفېسسور ياڭخەييىڭ ماقالە ئېلان قىلىپ ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان 4 - نۆۋەتلىك يادرو بىخەتەرلىك يىغىنىدا خىتايدىكى يادرو سىناقلىرىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللار مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان.

پروفېسسور ياڭخەييىڭ ماقالىسىدە، 31 - مارتتىن 1 - ئاپرېلغىچە 50 دۆلەت پرېزىدېنتلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ۋاشىنگتوندا چاقىرىلىدىغان 4 - نۆۋەتلىك يادرو بىخەتەرلىكى يىغىنىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ خىتاينىڭ يادرو سىناقلىرىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ۋە بۇ مەسىلىدە خىتايغا بېسىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياڭخەييىڭ ماقالىسىدە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى مەركىزىنىڭ خىتاينىڭ ئاتوم سىناقلىرىنى پەقەتلا كونترول قىلالمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر، تىبەت، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلىرىنى ئاتوم سىناق تەجرىبىخانىسى قىلىۋاتقانلىقىغا يېرىم ئەسىر بولدى. لېكىن، ھېچكىم ھازىرغىچە بۇنىڭغا ھېچنېمە دېمىدى» دەيدۇ.

ماقالىدە پروفېسسور ياڭخەييىڭ، خىتاينىڭ 1964 - يىلى 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى «خەلق گېزىتى» دە ئېلان قىلغان: «لوپنۇردىكى ئاتوم سىنىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى» ناملىق ماقالىسىدىنمۇ نەقىل ئالغان بولۇپ، بۇنىڭدا خىتايدىكى ئاتوم سىناقلىرىنىڭ دەل 1964 - يىلىدىن باشلاپ رەسمىي ئېلىپ بېرىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەدىكى خىتاي ئىشلىرى كۆزەتكۈچىلىرىدىن كىم خانىم: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا 1964 - يىلىدىن 1996 - يىلىغىچە جەمئىي 46 قېتىم ئاتوم سىنىقى ئېلىپ باردى. بۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بولغان تەسىرى زور بولدى» دېدى.

ماقالىدە خىتاينىڭ ئاتوم بومبىسى تەتقىقاتىغا سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ بىر مەزگىل ياردەمدە بولغانلىقىنى، كېيىن ئىككى دۆلەت دوستلۇقى بۇزۇلغاندىن باشلاپ خىتاينىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تەتقىقات ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلغان.

تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پروفېسسور ياڭخەييىڭ ماقالىسى ھەققىدە توختىلىپ:«خىتاينىڭ ئاتوم سىناقلىرى پۈتۈنلەي ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلدى. ئەمما بۇ خىل سىناقلار، خىتاي مىللىتى ئولتۇراقلاشقان رايوندا پەقەتلا كۆرۈلمىدى. بۇ خىتايدىكى ناھايىتى زور مەسىلە. شۇڭا مەن ماقالەمدە بۇنى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتۈم.» دېدى.

خىتاينىڭ ئازسانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە توختالغان پروفېسسور ياڭخەييىڭ: «خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل رايونلىرىدا يادرو سىناقلىرىنى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئۆزى، ئازسانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشنىڭ ۋە يوق قىلىشنىڭ جانلىق ئۇسۇلى قىلدى» دەيدۇ.

تىبەتتىكى خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 221 - نومۇرلۇق زاۋۇتىدا ياسالغان ئاتوم بومبىسىنىڭ 1964 - يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئېلىپ بېرىلىپ لوپنۇردا سىناق قىلىنغانلىقىنى ماقالىسىدە ئالاھىدە ئەسكەرتكەن ئاپتور، شۇندىن بۇيان خىتايدا جەمئىي 40 نەچچە قېتىم ئاتوم بومبىسى سىنىقىنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

يىپەك يولىدىكى مۇھىم تۈگۈنلەردىن بىرى بولغان لوپنۇر ھەققىدە توختالغان ئاپتور:«تارىخىي بوستانلىق شەھەر لوپنۇر پۈتۈنلەي چۆللىشىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئادەم ياشىغىلى بولمايدىغان قاباھەتلىك بىر جايغا ئايلاندى» دەيدۇ.

پروفېسسور ياڭخەييىڭ: «بىزنىڭ بۇ قېتىمقى ۋاشىنگتوندا چاقىرىلغان 4 - نۆۋەتلىك يادرو بىخەتەرلىك يىغىنىدا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇلارنىڭ ئاتوم سىناقلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلارمۇ، دېگەن سوئالىمىز ھەققىدە توختىلىپ:«مەن ئەلۋەتتە بۇ مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىراق، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شى جىنپىڭ بىلەن ئاساسلىقى جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلىشىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باشچىلىقىدا چاقىرىلغان يادرو بىخەتەرلىك يىغىنىدا بەلكىم يادرو قوراللىرىنىڭ تېررورچى تەشكىلاتلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىشى مۇمكىن. لېكىن، ھەممە شۇنى ئويلىشى كېرەككى، خىتاينىڭ ئازسانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا يادرو سىناقلىرىنى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئۆزى تېررورلۇق ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.