تۈركىيەنىڭ «ساباھ» گېزىتى ۋە مالايشىيا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، 13-مارت كۈنى مالايشىيادا 62 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم.
مالايشىيا چېگرا باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى 62 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىر مالايشىيانىڭ تايلاند بىلەن تۇتىشىدىغان شىمالىي چېگراسىدا تۇتۇلغان. مالايشىيا ساقچى تەرەپ تۈنۈگۈن تۇتقۇنلارنىڭ خىتايدىكى ئەڭ سەزگۈر رايون بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مالايشىيا ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئاشكارىلىشىچە، بۇ ۋەقە يېقىندا تايلاندتا تۇتۇلغان 220 نەپەر مۇساپىردىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق توپ ھالەتتە « چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈش» ۋەقەسى ھېسابلىنىدىكەن.
بىز بۇ ھەقتە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.
ئۇ ئۆزىنىڭ يېقىندا مالايشىيادا تۇتقۇن قىلىنغان 62 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىلشات ھەسەن ئۆزىنىڭ مالايشىيادىكى دوستلىرى ۋە شەخسىي مۇناسىۋەت دائىرىسى ئارقىلىق بۇ ۋەقەدىن جۈمە كۈنى خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، مالايشىيا چېگرا ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئارىسىدا ئاياللار، ھەتتا كىچىك بالىلارمۇ بار ئىكەن. ئەڭ چوڭلىرىنىڭ يېشى 40 ياشتىن ئاشىدىكەن.
ئۇ مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى بىرقانچە قېتىم ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە يېقىندا مالايشىيا ھاۋا يوللىرىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى غايىب بولۇش ۋەقەسى بىلەن مالايشىيا دائىرىلىرىنىڭ ئىچكى-تاشقى بېسىم ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، تۇتقۇن قىلىنغان مەزكۇر 62 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ مالايشىيادىن خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئىلشات ھەسەن زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە ب د ت، ئامېرىكا ۋە خىتاي تەرەپنىڭ مالايشىيادا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ھەققىدىكى ئاخبارات ئىنكاسلىرى ھەققىدە توختالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ تۈرلۈك يوللار بىلەن مالايشىياغا توپلىشىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئاخىرىدا ئۇ، بۇ قېتىم مالايشىيا ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان 62 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ تەقدىرى مەسىلىسىدە مالايشىيا ھۆكۈمەت تەرەپكە نىسبەتەن ئۆزىنىڭ ئانچە چوڭ ئۈمىدتە ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.