بېرلىندا چاقىرىلغان ئۇيغۇرلار مۇساپىرلار مەسىلىسى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلىبىلىك ئاياقلاشتى

0:00 / 0:00


25 - ئاپرېلدىن باشلاپ بېرلىندا چاقىرىلغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى خەلقئارا يىغىنى 26 - ئاپرېل غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويغان خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 26 - ئاپرېل ئەتىگەن ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەنىۋەرجاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە باشلاندى.

يىغىننىڭ ئەتىگەنلىك پروگراممىسىدا خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى ئىلارىيا «خەلقئارا قانۇندىكى قايتۇرۇپ بەرمەسلىك ۋە قايتۇرۇپ بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش پرىنسىپلىرى ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويمىغان دۆلەتلەرگە بىر نەزەر»، تۈركىيە فاتىھ ئۇنىۋېرسىتېتى مۇتەخەسسىسى دوكتور مەتتۇرسۇن بەيدۇللا «ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مۇھاجىرەتتە كىملىكنى ساقلاپ قىلىش ھەققىدە ئىزدىنىش»، تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم«زامانىۋىي ئۇيغۇر كىملىكى ۋە ئۇنى قوغداش>» قاتارلىق تېمىلاردا ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتىۋە بۇ ھەقتە قىسمەن مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلدى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتە قىسقىچە توختالدى.

يىغىنىڭ كېيىنكى پروگراممىلىرىدا خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى خاننونىڭ «مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى توختىتىش ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش» ناملىق ماقالىسى، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات ئورگىنىڭ مۇدىرى ئالىم سېيىتوفنىڭ «ئۆتمۈشتىن ئېلىنغان ئاچچىق ساۋاقلار ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىدىغان پايدىلىق ئىستراتېگىيەلەر» ناملىق ماقالىسى، ياۋروپا چېگرالىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەكىلى ھارالدنىڭ «گېرمانىيە ۋە ياۋروپا بىرلىكىنىڭ پاناھلىق ۋە كۆچمەنلەر سىياسىتى» ناملىق ماقاللەر ئوقۇپ ئۆتۈلۈپ بۇ ھەقتە بەزى بىر پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى ھەققىدە ئوقۇپ ئۆتۈلگەن بارلىق ماقالىلەرگە يىغىن ئەھلى بىردەك پىكىر قاتناشتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە بولغان قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

بۈگۈنكى يىغىندا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشۋىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى پەرھات مۇھەممىدى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەتقىقات ماقالىسىنى ئوقۇپ كەڭ يىغىن ئەھلىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

بىز يىغىندىن كېيىن بۇ قېتىمقى يىغىن ھەققىدە بەزى بىر قاراشلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن بىر قىسىم يىغىن ئەھلى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئالدى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لۇيىسا خانىم ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ:«مەن سۆزۈمنى يىغىنچاقلاپ ئېيتسام،ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىمىز ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىدا بىخەتەر ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك» دېدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسا بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى. يىغىنغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ناخشىچىسى رەھىمە يىغىن ھەققىدە توختالدى.

بېرلىندا چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدىكى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللاپ كېلىۋاتقان چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرگە ئۇيغۇر دوپپىسىنى تەقدىم قىلدى.

يىغىن چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتە غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.