باشقىرتىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا سەنئەت فېستىۋالىدا ئۇيغۇر ناخشىچى باش مۇكاپاتقا ئېرىشتى

0:00 / 0:00

7-ۋە 9-ئىيۇن كۈنلىرى باشقىرتىستان پايتەختى ئۇفا شەھىرىدە تۈركىي خەلقلەر ياشلىرىنىڭ «ئۇرال مونو-2018» خەلقئارا سەنئەت فېستىۋالى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا تۈركىيە، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان ھەمدە رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ تاتارىستان، توۋا، ياقۇتىيە، داغىستان، باشقىرتىستان، ئالتاي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن ھەمدە موسكۋا شەھىرى ۋە ئاستراخان ۋىلايىتىدىن كەلگەن سەنئەتكارلار بولۇپ، تۈركىي تىللىق 10 مىللەتتىن 30 ۋەكىل قاتناشتى. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر فېستىۋالنى باشقىرتىستاننىڭ جۇمھۇرىيەتلىك خەلق ئىجادىيەت مەركىزى، ئۇفا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ئىشىمباي ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، رۇسىيەنىڭ مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ھەمدە پوليونوف نامىدىكى رۇسىيە دۆلەت خەلق ئىجادىيەت ئۆيىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن. فېستىۋالنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا باشقىرتىستاننىڭ مەدەنىيەت مىنىستىرى ئامىنە شافىقوۋا قاتنىشىپ، نۇتۇق سۆزلىگەن.

ئۇفادا بولۇپ ئۆتكەن فېستىۋالنىڭ نەتىجىلىرى ھەققىدە قازاقىستاننىڭ ھەر خىل ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خەۋەر بەردى. شۇلارنىڭ بىرى بولغان «ئاخبارات بيۇروسى» ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «قازاقىستانلىق رەسۇل قۇربانوف ئۇفادا ‹ئۇرال مونو-2018› خەلقئارا سەنئەت فېستىۋالىنىڭ باش مۇكاپىتىنى قازاندى. ئۇنىڭغا 250 مىڭ رۇبلىلىق (يەنى تەخمىنەن 1 مىليون 330 مىڭ تەڭگىلىك) گۇۋاھنامە تاپشۇرۇلدى،» دېيىلگەن.

ئالمۇتا ۋىلايىتى تالغىر ناھىيىسىنىڭ گۈلدالا يېزىسىدا ياشاۋاتقان رەسۇل قۇربانوفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مۇسابىقىگە قازاقىستاندىن كەلگەن يېردېن جاقسىبېكوف «ناخشىچى ھەم ئىجراچى» دەرىجىسى بويىچە، «مۇراگېر» ئېتنو-فولكلور ئانسامبىلى «چالغۇ ئەسۋابلار كوللېكتىپى» دەرىجىسى بويىچە ئىككىنچى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا مۇيەسسەر بولغان ئىكەن. ئىگىلىشىمىزچە، مۇسابىقىنىڭ باشقىمۇ قاتناشقۇچىلىرى ھەر خىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. فېستىۋالنىڭ باھالىغۇچىلار كومىسسىيىسى تەركىبىدە قازاقىستاندىن بارغان «تۇران دۇنياسى» جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ مۇدىرى كارلىن مەخپىروفمۇ بار بولۇپ، ئۇ فوند نامىدىن ياقۇتىيە، ئالتاي ۋە باشقىرتىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قاتناشقۇچىلىرىغا پەخرىي يارلىقلار تاپشۇرغان.
رەسۇل قۇربانوف رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر مۇسابىقىگە تونۇلغان سەنئەتكار، كومپوزىتور پولات ھېزىموفنىڭ تەكلىپى بىلەن قاتناشقانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئالاھىدە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە ئۇ يەرگە مەن پولات ئاكا بىلەن بېرىشىم كېرەك ئىدى. مەن يېڭى ئۆيلەنگەن ئىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن پولات ئاكا مېنى ئايالىم بىلەن بىرگە ئەۋەتتى. مۇسابىقە ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدە ئۆتتى. ھەر مىللەتتىن كەلگەن ئىجراچىلارنىڭ تەييارلىقلىرىنى كۆردۈم. مۇسابىقە ئىككى قىسىمدىن ئىبارەت بولدى. بىرىنچىسىدە مەن ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ‹ئەسلەرسەنمۇ› دېگەن ناخشىسىنى ئېيتتىم. ئىككىنچى قىسىمدا ئۇيغۇر ‹ئون ئىككى مۇقام› لىرى ئىچىدىكى ‹چەبىيات› مۇقامىنى ئېيتتىم. راستىنى ئېيتسام، مەن مۇنداق قارارنى كۈتمىگەن. خۇشاللىقىمدىن گەپمۇ قىلالمىدىم. مەن ئۇ يەرگە بارغاندا مۇكاپات ئېلىشنى مەقسەت قىلمىدىم. ئۇيغۇرنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى تونۇمايدىغان خەلقلەرگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، سەنئىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن باردىم. مەن ئۇيغۇرلارنى ئاز بولسىمۇ تونۇتتۇم دېگەن ئۈمىدتە.»

رەسۇل قۇربانوف ئۆزىنىڭ ناخشىچى بولۇپ يېتىلىشىگە ئاتاقلىق ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى: «بىرىنچى نۆۋەتتە، ئاۋازى بۇلبۇلدەك، خەلقىمىزگە كەڭ تونۇلغان نۇرئالىم ۋارىسوف، ئاندىن رۇستەم نىيازوف ۋە باشقىلار. ۋەتەندىكى سەنئەتكارلار ئارىسىدا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، نۇرنىسا ئابباس، مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ ناخشىلىرىنى بەك سېغىنىپ تىڭشايمەن. مەن كۆپىنچە ئاممىباب ناخشىلارنى ئېيتىمەن. بىراق ئاخىرقى ۋاقىتلاردا خەلق ناخشىلىرىغىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈۋاتىمەن. ھازىر بولسا ۋەتەندە ئۆزىنى كۆپ تونۇتقان سانىيەم ئىسمائىلنىڭ دەرسىگە بېرىۋاتىمەن. سانىيەم ھەدىنىڭ ماڭا سەھنىدە ئۆزىنى تۇتۇشى ناھايىتى ياقىدۇ.»

رەسۇل قۇربانوف ئۆزىنىڭ مۇنداق ئۇتۇققا يېتىشىگە بىرىنچى نۆۋەتتە ئاتا-ئانىسىنىڭ، ئايرىم سەنئەتكارلارنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ چەكسىز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئالامەت» فىلىم ئىشلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى قەلبىنۇر روزىيېۋانىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار رەسۇل قۇربانوفنىڭ ئېرىشكەن ئۇتۇقىنى چوڭ خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالغان. ئۇ بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستاندىكى مۇزىكا، تىياتىر، كىنو سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلەپ سانىلىدىغانلىقىنى، شۇلارنىڭ ئىچىدە «دەرۋىشلەر»، «ياركەنت بۇلبۇللىرى»، «دىيار»، «نۇر» قاتارلىق سەنئەت گۇرۇپپىلىرى بىلەن بىر قاتاردا يەككە ناخشىچىلارنىڭمۇ بار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «قازاقىستان ئاممىباب سەنئىتىگە بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇپ كېلىۋاتقان گۈلسەنەم مەشۇروۋا ئۆزىنىڭ چىرايلىق ئاۋازى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكەن ‹يىپەك يولى ساداسى› غىمۇ قاتنىشىپ كەلگەن. ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئۇسلۇبلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئاممىباب ناخشىچىلىقىغا قەدەم تەشرىپ قىلغانلارنىڭ يەنە بىرى ئەركىن ئابدۇۋاجىتوفتۇر. ياش ئەۋلادلىرىمىزدىن بىرى ئىرادە مامۇتوۋانى ئاتىغۇم كېلىدۇ. ئۇ كۆپلىگەن مۇسابىقىلەردە غالىپ ئاتىلىپ، قازاقىستاندىكى ئەڭ ئەقىللىق، ئەڭ تالانتلىق بالا دېگەن نامغا ئىگە بولۇپ، مېدال ۋە دىپلوملار بىلەن مۇكاپاتلاندى. مەن ئۆزلىرىنى سەنئەتكە بولغان چەكسىز مۇھەببىتى بىلەن ئۇنىڭ گۈللىنىشىگە ھەسسە قوشۇۋاتقان ياش چولپانلىرىمىزغا پەقەت ئاپىرىن دەيمەن.»

بىر قاتار سەنئەت مۇسابىقىلىرىنىڭ چولپىنى رەسۇل قۇربانوف 1993-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىگە قاراشلىق چېلەك يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئوتتۇرا مەكتەپنى تالغىر ناھىيىسىنىڭ گۈلدالا يېزىسىدا ئۇيغۇر تىلىدا تاماملىغان. سەنئەتكە كىچىكىدىن باشلاپ قىزىققان ئۇ مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن ئالمۇتا شەھىرىدىكى چايكوۋسكىي نامىدىكى سەنئەت مەكتىپىدە بىلىم ئالغان. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە بولۇپ، ئىككى يىل مابەينىدە خىتاي تىلىنى ئۆگەنگەن ھەم شۇ جەھەتتە «يىپەك يولى ساداسى» مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. مۇسابىقىدە ئۇ ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، نۇرنىسا ئابباس ۋە باشقىمۇ ئاتاقلىق سەنئەتكارلار بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلاردىن ياخشى ساۋاق ئالغان.