0:00 / 0:00
چەتئەللەرگە ھىجرەت قىلىپ چىقىۋاتقان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، چەتئەل پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئۇيغۇرلارمۇ بارغانچە كۆپەيمەكتە.
يېقىندا گوللاندىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشكەن ئابدۇسالام ئەپەندىمۇ شۇ خىلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىدۇر.
ئۇ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەينى يىلى خىتاي پاسپورتىنى ئېلىش جەرياندىكى مۇشەققەتلىرى بىلەن نۆۋەتتە گوللاندىيە پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن چاغدىكى مۇرەككەپ تۇيغۇلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.