مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «يېپىق تەربىيىلەش ھەرىكىتى» قازاقىستان بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىلى ئوبلاستى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر يەككە تىجارەتچىلەر ئارىسىدا داۋام قىلىۋاتقان تىجارەت ئىشلىرىنى ئاساسەن دېگۈدەك توختاتقان. كۆپ سانلىق تىجارەتچىلەر يۇرتىغا چاقىرتىلىپ ئىز-دېرىكى يوقالغان بولسا، قازاقىستاندا قېپقالغان ئاز بىر قىسىملىرى نېمە قىلارىنى بىلمەي تېڭىرقىماقتىكەن. مۇخبىرىمىز بۇ ئەھۋال ھەققىدە ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىپ، خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلغىنىدا ئەلچىخانا خادىمى ئۇيغۇرلارنىڭ قازاقىستاندىكى تىجارىتىنىڭ ئاقسىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى. ئەمما گۇۋاھچىلاردىن بىرى مەلۇمات بېرىپ، ئالمۇتا بىلەن غۇلجا ئارىلىقىدا تىجارەتچىلەر قاتناۋاتقان ئاپتوبۇس سانىنىڭ كۈنىگە 30 دىن ئاران بىرگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ئالدىنقى كۈنى خىتاينىڭ ئالمۇتادا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى جاڭ ۋېي ئۇيغۇر رايونىدا «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دە سولىنىپ ياتقانلار ئارىسىدا كۆپ ساندا چەتئەلگە چىقىپ كىرگەن ياكى چەتئەلگە چىقىشقا تەمشەلگەنلەر بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدىنلا چەكلىك بولغان تاشقى سودا پائالىيىتىگىمۇ ئېغىر زەربە بولغان. دائىرىلەر «يېپىق تەربىيىلەش ھەرىكىتى» باشلاپ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ ئەكېتىشكە باشلىغان چاغلاردا دەسلەپتە سۈرىيە، تۈركىيە، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە چىقىپ كىرگەنلەرنى «گۇمانلىق كىشىلەر» تىزىملىكىگە ئالغان ۋە «يېپىق تەربىيە» ئوبيېكتى قىلغان بولسا، بار-بارا بۇ دائىرىنى قازاقىستان ۋە رۇسىيە ۋە غەرب دۆلەتلىرىگىمۇ كېڭەيتكەن.
نەتىجىدە قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا تىجارەت قىلىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان مىڭلارچە ئۇيغۇرنىڭ تىجارىتى سۇغا چىلاشقان ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكى خەتەر ئاستىغا كىرگەن. بولۇپمۇ قازاقىستاندىن يۇرتىغا قايتقان ئۇيغۇرلار چېگرادىن ئۆتكەندىن كېيىنلا ئىز-دېرىكى مەلۇم بولمىغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ چېگرادىن كىرىشىگىلا بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ نامەلۇم جايغا ئەكېتىلىۋاتقانلىقى ئۇلارنىڭ تىجارەتتىكى شېرىكلىرىنىڭ قۇلىقىغا ئانچە-مۇنچە يېتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن يۇرتىدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان. چېگرادىن كىرىشىگە بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈش ھادىسىسى ھەتتا قازاقىستان نوپۇسىغا ئۆتۈپ بولغان قازاق تىجارەتچىلەرنىڭمۇ بېشىغا كەلگەن.
بۇ ۋەزىيەت ئادەتتە يۇرتىغا بېرىپ-كېلىپ تىجارەت قىلىۋاتقان قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ بېشىغا ئېغىر غەم سالغان. يۇرتىغا قايتىش ئۇلارنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىش ۋە بۇ سەۋەبتىن ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىمۇ خانىۋەيران قىلىش خەۋپىنى تۇغدۇرسا، يۇرتىغا قايتماسلىق ئائىلىسىدىن، مال-مۈلكىدىن، تىجارىتىدىن ئايرىلىش خەۋپىنى تۇغدۇرغان.
بىز قازاقىستان بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن قورغاس چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچىخانا خادىمى بىزنىڭ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ سودىسىنىڭ ئاقسىغانلىقى ۋە نېمە ئۈچۈن تۇتۇپ كېتىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا ئۆزىنىڭ جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى ئىزدىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. ئەمما قورغاس چېگرا ئېغىزى ساقچى ئىدارىسى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىدى.
قورغاستىكى ساقچى خادىملىرى رەت قىلالمىغان ۋە جاۋاب بېرىشكە جۈرئەت قىلالمىغان بۇ ئەھۋالنى، يەنى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋالىنى خىتاينىڭ ئالمۇتادىكى كونسۇلخانا خادىملىرى ئاشكارا ئىنكار قىلدى. ئۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تىجارەتنىڭ نورمال كېتىۋاتقانلىقى، ئىلى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چېگرا ۋە تاشقى سودا ئىشلىرىدا ھېچقانداق بىر ئاقساشنىڭ بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئەمما ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى، نۆۋەتتە قازاقىستاندا تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك قالمىغانلىقىنى، ئادەتتە كۈنىگە 20-30 ئاپتوبۇسىدا كېلىپ-كېتىپ تۇرىدىغان 1000 ئەتراپىدىكى تىجارەتچىلەر سانىنىڭ نۆۋەتتە بىر ئاپتوبۇسىغا يەنى 20-30 كىشىگە چۈشكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، نۆۋەتتە قاتناۋاتقان بۇ 20-30 چە كىشى قازاقىستان ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتۈپ بولغان قازاقلار ئىكەن.
بىز ئالمۇتادىكى خىتاي كونسۇلخانا خادىمىغا ھەر كۈنى قاتناۋاتقان ئاپتوبۇسلار قېتىم سانىنىڭ زور دەرىجىدە كېمەيگەنلىكىنى ئېسىگە سالغىنىمىزدا، ئۇ كېمەيگەن ئاپتوبۇسلارنىڭ ساياھەت ئاپتوبۇسلىرى ئىكەنلىكىنى، يەنى ساياھەت ئۆمەكلىرىنىڭ ئازايغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئەمما ئۇ يەنە ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىمىغانلىق پىكرىدە چىڭ تۇردى. ئۇ يەنە ساياھەتچىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئازايغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرەلمىدى.