ئۇيغۇرلار سىياسىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا چاقىرىلدى

0:00 / 0:00

يېقىندا گوللاندىيەدە زىيارەتتە بولغان بىر قىسىم ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەر شۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇلارنى نامايىش قاتارلىق سىياسىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا دەۋەت قىلغان.

ئۇلار نۇتۇقلىرىدا بىردەك ئۇيغۇر دەۋاسىنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قوللىشى ۋە ئاكتىپ قاتنىشىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقى، قاچانىكى ئۇيغۇر جامائىتى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئەيىبلەشتىن ۋە ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى مۇھىم كۈنلەرنى ئەسلەشتىن ئىبارەت ۋىجدانى بۇرچىنى ئادا قىلىشتىن سۇسلىشىدىكەن، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭمۇ زاۋاللىققا يۈز تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

بىز بۇ نۇتۇقلارنىڭ ئەھمىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق تاپتۇق.

تۆۋەندە ئىختىيار مۇخبىرىمىز پىدائىيدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە سىياسىي پائالىيەتچى ئىلشات ھەسەن قاتارلىقلار سۆزلىگەن نۇتۇقلاردىن ئارىيىلەر ئاڭلايمىز.