چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ تەشۋىقاتچىلىرىغا رەددىيە بەردى

0:00 / 0:00


ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغاندەك، خىتاي دائىرىلىرى مەخسۇس ئاساسىي قاتلاملاردا خىزمەت قىلىدىغان تەشۋىقاتچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېدىئولوگىيىسى ۋە دىنىي ئېتىقادىغا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرماقتا.

خىتاي كوممۇنىستلىرى ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، مەخسۇس يېتىشتۈرگەن بۇ تەشۋىقاتچىلارنىڭ تور دۇنياسىدا ئېلان قىلىنغان لېكسىيەلىرى، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى. جۈملىدىن گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئاكتىپلىق بىلەن رادىيومىزغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.

ئەزىز رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، مەزكۇر خىتاي تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ لېكسىيەلىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شەخسى مەنپەت، نام ۋە نەپ ئۈچۈن ئۆز خەلقىنى قۇللۇققا كۆندۈرۈشكە جان پىدالىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا قارشى گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار جىددىي ئىنكاس بەردى.

گوللاندىيىنىڭ مەلۇم شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق نىگارە خانىم مەزكۇر خىتاي تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ نە مىللىي، نە دىنىي جەھەتتە ئېغىز ئېچىش سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئائىلە ھاياتى، ئىسلامىي قىياپىتى، ئۇنىڭ نازۇك ۋە پاكلىقىغا خاس ئالاھىدىلىكى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ھۈسەيىن تەجەللىي ئەپەندى بۇ خىل سەپسەتىلەرگە شەخسلەرلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە رەددىيە بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. تەجەللىي ئائىلىسىنىڭ كىچىك ئەزالىرىمۇ ئۆز پىكىرلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.