يېقىندىن بۇيان مەركىزىي ئاسىيانىڭ سىياسىي-جۇغراپىيەلىك ھاياتىدا مۇھىم رول ئويناۋاتقان ئىككى قوشنا مەملىكەت، يەنى قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ مۇناسىۋەتلىرى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى.
مۇتەخەسسىسلەر بۇنى ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتلىقىغا شاۋكەت مىرزىيويېفنىڭ كېلىشى بىلەن باغلىماقتا. دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھەر خىل ئىدارىلىرى ئارىسىدا يېڭى كېلىشىملەر ئىمزالانغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئاساسىي دىققەت مەدەنىيەت ئالاقىلىرىگە مەركەزلەشمەكتە. ئۆزبېكىستان 2018-يىلىنى «ئۆزبېكىستاننىڭ قازاقىستان يىلى» دەپ جاكارلىغان بولسا، قازاقىستان تەرەپ 2019-يىلىنى «قازاقىستاننىڭ ئۆزبېكىستان يىلى» دەپ ئېلان قىلغان. بۇنىڭغا ئەگىشىپ نۆۋەتتە ئىككى مەملىكەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ مەدەنىيەت ئالاقىلىرى كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقانلىقى مەلۇم.
يېقىندا قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىگە ئورۇنلاشقان قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ ئارتىسلىرى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدە تۆت كۈن ئويۇن قويغان. بۇنىڭ بىلەن ئىككى مەملىكەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەدەنىيەت ۋە باشقا مۇناسىۋەتلەر جەھەتتە يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلغان.
ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ رېژىسسورى يالقۇن شەمىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىملىق سەپەر 16-ئاۋغۇستتىن 19-ئاۋغۇستقىچە 4 كۈن داۋاملاشقان. بۇ جەرياندا قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ ئارتىسلىرى تاشكەنت شەھىرىدىكى «تۈركىستان» كونسېرت زالىدا ئۆزبېكىستاننىڭ داڭلىق خەلق ئارتىسى ئابدۇرەھىم ئەخمىدەنىڭ 90 يىللىقىغا بېغىشلانغان كونسېرت پروگراممىسى، «تەبەسسۇم» ھەزىل-كۈلكە پروگراممىسى ۋە «ناۋا» ئۇيغۇر فولكلور ئانسامبىلىنىڭ مەخسۇس پروگراممىسى بولۇپ جەمئىي 3 سەنئەت پروگراممىسى كۆرسەتكەن. ئۇلار يەنە «مۇقىمى» نامىدىكى ئۆزبېكىستان دۆلەت مۇزىكىلىق تىياتىرىدا كلاسسىك ئەسەر «غېرىپ-سەنەم» دىرامىسىنى قويغان.
يالقۇن شەمىيېف قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرى ئارتىسلىرىنىڭ 15 يىللىق ئۈزۈلۈشتىن كېيىن ئۆزبېكىستاندا تۇنجى قېتىم ئويۇن كۆرسەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ ئىقتىسادىي تەرەپلەردىنمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق سەۋەبلىرى بار. چۈنكى ئۆزبېكىستان ھازىر بىز ئۈچۈن چەتئەل بولۇپ قالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئوزاقى يىلى ھۆكۈمەتتىن ئاقچا سورىغان ئىدۇق. بىز پرېزىدېنتتىن تارتىپ مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىدىكى خادىملارغا رەھمەت ئېيتىمىز، چۈنكى بىزگە چوڭ مەبلەغ بەردى. تاماشىبىنلىرىمىز بىزنى ناھايىتى ياخشى قارشى ئالدى. ئۆزبېكىستاندىكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىمىزمۇ بىزگە كۆپ ياردەم بەردى. ئۇلار بىزگە ھەممە شارائىتنى يارىتىپ بەردى.»
يالقۇن شەمىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، تاماشىبىنلارنىڭ مۇتلەق قىسمىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار ئارىسىدا ئۆزبېك ئارتىسلىرى ۋە تاماشىبىنلىرىمۇ قەدەم تەشرىپ قىلغان ئىكەن. قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرى ئارتىسلىرىنىڭ تاشكەنتتىكى كونسېرت پروگراممىلىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئۆزبېكىستاننىڭ مىنىستىرلار ئىدارىسى يېنىدىكى مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە چەتئەللەر بىلەن دوستلۇق ئالاقە قىلىش كومىتېتنىڭ رەئىسى رۇستەم قۇربانوف ۋە قازاقىستاننىڭ ئۆزبېكىستاندىكى باش ئەلچىسى ئېرىك ئۆتېمبايېف قاتنىشىپ، نۇتۇق سۆزلىگەن.
يالقۇن شەمىيېف قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ قىرغىزىستان ۋە ئۇيغۇر ئېلى بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالاقىلىرى ھەققىدىمۇ توختالدى: «ئالدىمىزدىكى سەپىرىمىز بىشكەك شەھىرىگە بولىدۇ. ئۇ يەردىمۇ بىزنى تاماشىبىنلىرىمىز خېلى يىللاردىن بېرى كۈتمەكتە. ئۇ يەرگىمۇ ئۈچ كونسېرت پروگراممىسىنى ۋە «غېرىپ-سەنەم» دىرامىسىنى ئېلىپ بارماقچىمىز. ئەمدى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن بولغان ئالاقىمىز ئۆز ۋاقتىدا ناھايىتى قويۇق بولغان. بىز ھازىرمۇ شۇ مەدەنىيەت تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىغا تەييارمىز. نېمە سەۋەبتىندۇر، ھازىر بۇ ئالاقىلىرىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى، مەن ئۇنى ھازىر ئېيتالمايمەن، بىراق سەنئەتتە چېگرا يوق دەيمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەگەر ئۇ تەرەپتىن بىزگە چاقىرىق بولۇپ قالسا، بىز بېرىشقا تەييار.»
ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى، تېخنىكا پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابدۇلجان بەرايېفنىڭ پىكرىچە، قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىي تۈگۈنى ئىكەن. ئۇلارنىڭ سەنئىتى خەلق ئۈچۈن روھىي ئوزۇق بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. تىياتىر كوللېكتىپىنىڭ ئۆزبېكىستانغا قىلغان سەپىرى پۈتكۈل مەملىكەت بويىچە چوڭ يېڭىلىق بولغان ئىكەن.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئەمما مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ كۆڭلى تولمىدى. خەلقىمىز نېمە ئۈچۈندۇر، سەل پاسسىپراق بولدى. بىرىنچى كۈنى ئابدۇرەھىم ئەخمەدىنىڭ 90 يىللىقىغا بېغىشلانغان كونسېرت ناھايىتى چىرايلىق تەشكىل قىلىندى. ئابدۇرەھىم ئاكا ئۆزبېكىستانغا كۆپ خىزمەت قىلغان. ئۇنىڭ بىلەن ئىشلىگەنلەر كۆپ بولغان. ھەممىسى بېسىپ كېتەمدېكىن دېسەم، ئەپسۇس، مەن دېگەندەك بولمىدى. ئومۇمەن ئېيتقاندا ياخشى. خۇش بولدۇق. بۇ، ئەلۋەتتە، دۆلەتلەر ئارا سىياسەتنىڭ ياخشى بولغانلىقىدىن بولۇۋاتىدۇ.»
ئابدۇلجان بەرايېف ئابدۇرەھىم ئەخمەدى بىلەن بىللە ئىشلىگەنلەردىن مۇتلەق كۆپىنىڭ ۋاپات بولۇپ كەتكەنلىكىنى ياكى باشقا دۆلەتلەرگە كۆچۈپ كەتكەنلىكىنى، ئۆزبېكىستاندا پەقەت ھاكىم خېلەموف، تۇرسۇن سازىنوف، شاھىدەم شاھىمەردانوۋا، تۇرسۇنئاي مىراللىموۋا، خالىسخان قادىروۋا قاتارلىق ئاتاقلىق سازەندە ۋە ناخشىچىلارنى ئۇچرىتىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇلجان بەرايېف ئىلگىرى ئۆزبېكىستان دۆلەت رادىيو-تېلېۋىزىيە كومىتېتى يېنىدا مەخسۇس ئۇيغۇر ئانسامبېلى مەۋجۇت بولۇپ، ئۇنىڭغا ئابدۇرەھىم ئەخمەدىنىڭ رەھبەرلىك قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۇرۇنقىدەك كونسېرتلار يوق. ھازىر مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدا "گۈلدەستە" ئانسامبېلى مەۋجۇت. ئۇلار يىلدا بىر قېتىم، ئاندىن نورۇز ۋە مۇستەقىللىق كۈنلىرى كىچىك مەيدانلاردا كونسېرتلارنى بېرىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ. تارىخىي ۋەتىنىمىز بىلەن ئالاقىمىز بار، بىراق تار دائىرىدە. بۇنىڭغىمۇ ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز. بىزدە قازاقىستاندىكىدەك كەڭ دائىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا ھازىرچە شارائىت يوق.»
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىشتا 1989-يىلى قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى» بىر قاتار ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرماقتىكەن. مەزكۇر مەركەزنى دەسلەپكى يىللاردا شۇ ۋاقىتتىكى ئۆزبېكىستان دۆلەت رادىيو-تېلېۋىزىيە كومىتېتى باشلىقىنىڭ ئورۇنباسارى لاۋازىمىنى ئۆتىگەن خېلەم خۇدايبەردىيېف باشقۇرغان. ئۇ 90-يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ 1994-يىلغىچە ئۆزى باشقۇرۇپ، بۇ ۋاقىتلاردا كۆپلىگەن پائالىيەتلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئىكەن. شۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىنى، ئەدەبىياتىنى، تارىخىنى ئۆگىنىشنى مەقسەت قىلغان «ئەجدادلىرىمىز كىم» دېگەن ماۋزۇدىكى چوڭ مۇراسىم بولغان ئىكەن. ئابدۇلجان بەرايېف ئۇيغۇر تىلى سىنىپلىرىنى ئېچىش بويىچە كۆپ ئىشلار قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بىرەر نەتىجە بەرمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
0:00 / 0:00