ئىستانبۇلدا، «شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى ئۇنتۇمايمىز» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ياش ئاكادېمىكلەر مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، «شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى ئۇنتۇمايمىز» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىن «قۇرئان كەرىم» تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. يىغىندا ياش ئاكادېمىكلەر مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلكەر ئەر ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

ئىلكەر ئەر ئەپەندى سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ بېسىم ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى قەلبىدە ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر خەلقىگە ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى تۈرك خەلقىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىنغا، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق باشلىقى ھامۇت كۆكتۈرك تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا يىغىندا سۆز قىلغان ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى بۇ يىغىندا تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.