تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى رەئىسى دۆلەت باغچېلى، 9-ماي سەيشەنبە كۈنى پارلارمېنتتىكى پارتىيە گۇرۇپپا يىغىنىدا، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختالدى ۋە ھېچبىر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئامانەت دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيە خەلقىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كەلدى. ئەسلىدە 5-ئاينىڭ 6-كۈنى كېچىدە تۈركىيە ساقچىلىرى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىبۇرنۇ رايونىدا بىر ئۆيگە بېسىپ كىرىپ، ئۆيدىكى كىشىلەرنى دائىش (ئىراق سۈرىيە ئىسلام دۆلىتى) تەشكىلاتىغا چېتىشلىق دەپ قاراپ 3 ئەر كىشىنى تۇتقان بولۇپ، ئۇلار بىلەن بىرگە ئۆيدە تۇرۇۋاتقان 11 كىچىك بالا، 7 ئايالنىمۇ قوشۇپ ساقچىخانىغا ئېلىپ كەتكەن ۋەقەدىن كېيىن، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى ۋە خەۋەرلەردە رەسىملىرى كەڭ تارقالدى.
بۇ ھەقتە دەسلەپتە خەۋەرروندۇم دېگەن بىر تور گېزىتى خەۋەر ئېلان قىلغان بولۇپ، خەۋەردە بۇ يەردە تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئەندىشىلىك ھالدا گەۋدىلەندۈرۈپ تەسۋىرلىگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن كېين پۈتكۈل تۋېتتىر، فېسبوك، ۋاتسئاپ قاتارلىق ئىجتىمائىي ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە بەس - مۇنازىرە قوزغىلىپ كەتتى. بەزى كىشىلەر، 3 مىليون سۈرىيىلىككە ئىگە چىققان تۈركىيە نېمە ئۈچۈن 21 ئۇيغۇرغا ئىگە چىقالمايدۇ؟ دېگەندەك سوئال قويۇپ ھۆكۈمەتنى تەنقىدلىگەن بولدى. بۇ، شەنبە كۈنى تۈركىيىدە تۋېتتىردا ئەڭ كۆپ بەس - مۇنازىرە قىلىنغان تېما قاتارىغا ئۆتۈپ دۆلەت ئەربابلىرى ۋە سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى.
شۇنىڭ بىلەن 9-ماي سەنشەنبە كۈنى تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى رەئىسى دۆلەت باغچېلى تۈركىيە پارلامېنت بىناسىدىكى پارتىيە گۇرۇپپا يىغىنىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختالدى ۋە ھېچبىر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئامانەت دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى رەئىسى دۆلەت باغچېلى، زەيتىنبۇرنۇدا تۇتۇلغان 21 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا تارقالغان خەۋەرلەر ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ مۇنداق دېدى:« 21 شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز قولغا ئېلىنىپ، چېگرادىن چىقىرىۋىتىلىش خەۋپىگە دۈچ كەلمەكتە. مىليۇنلىغان سۈرىيەلىكلەرنى باقالىغان تۈركىيە بۇ 21 قېرىندىشىمىزغا قارىيالمامدۇ؟ ئۇلار ئۈچۈن ئولتۇرغۇدەك ئۆي، يىگۈزگىدەك نان تېپىلماي قالارمۇ»؟! دەپ سوئال قويدى ۋە يەنە : «بىزدە خىتاي زۇلمىغا تاپشۇرۇپ بىرىلىدىغان ھېچبىر قېرىندىشىمىز يوق، ھەم بولمايدۇ. مەزلۇم شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ھەقلىق دەۋادۇر! ئۇ ئاخىرغىچە داۋاملىشىدۇ! ئۇ قېرىنداشلىرىمىز بولسا ھەر ۋاقىت بىزنىڭ ئىززەت - ئابرويىمىزدۇر، ئۇلار بىزگە ئامانەتتۇر!» دېگەن سۆزلەر بىلەن مىللەتچى ھەركەت پارتىيسىنىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتقان پوزىتىسيەسىنى بىلدۈرۈپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى.
مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى تۈركىيىدىكى تۆت چوڭ پارتىيىنىڭ بىرسى بولۇپ ئىلگىرى ھۆكۈمەت قۇرۇپ تۈركىيىنى باشقۇرۇپ كەلگەن ۋە ھازىر تۈركىيە پارلامېنتىدا 36 نەپەر پارلامېنت ۋەكىلى بىلەن ئۆكتىچى رولىنى ئويناپ كېلىۋاتقان پارتىيەدۇر. مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى تۈرك دۇنياسى ۋە ئۇيغۇرلارغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مۇھىم سىياسىي پارتىيىلەردىن بىرىدۇر.
5-ئاينىڭ 9 - كۈنى يەنە، زەيتىنبۇرنۇ ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا، ئەنسار ۋە مۇھاجىر مۇنبىرى نامىدا بىر تەشكىلات، ساقچى ئىدارىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان 21 ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇردى. ئەر - ئايال بولۇپ 50 ئەتراپىدا كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېچىلغان بۇ پائالىيەت كۆپ ساندا ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلدى.
ئەنسار ۋە مۇھاجىرلار مۇنبىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەنەس ئەپەندى، باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى ۋە ساقچى ئىدارىسىنى ئۇ 21 ئۇيغۇرنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.
ئەنەس ئەپەندى باياناتتا مۇنداق دېدى: «مىللەتنىڭ غېرىپلىرى ۋە ۋەتەنسىزلىرى ۋەتىنىمىزگە پاناھلىق تىلەپ، بىزگە ئىشىنىپ كەلسە، ئۇلارنى تاجاۋۇزچىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بىرىش نۇمۇس ۋە ھاقارەت تۇيۇلمىغان بولسا، بۇ نۇمۇسسىزلاردىن بىرى بولغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ. »
ئەنەس ئەپەندى ساقچىلارغا سوئال قويۇپ مۇنداق دېدى: «شۇنداق، بىز ئۇلاردىن سورايمىز. قېرىنداشلىرىمىز جاللاتلارغا تاپشۇرۇلۇش ئارقىلىق قايسى ئىلاھ ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنماقچى؟»
ئەنەس ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «بىزلەر ئۈچۈن ئامانەت بولغان قېرىنداشلىرىمىزغا ۋە بۇ ھەق ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققانلارغا قىلىنغان بۇ زۇلۇملارغا لەنەت ئوقۇيمىز. ئۇ سەبى بالىلاردىن بىز ئاجىزلارنى ئەپۇ قىلىشىنى سورايمىز. بۇ مۇبارەك ئاينىڭ ھۆرمىتىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، بۇ جامائەتنى ئالدىغان بارلىق مەسئۇللاردىن شىكايەت قىلىمىز! »
5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى يەنە ئىستانبۇل ئالپەرەن ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى كۇرشاد مىجان، زەيتىنبۇرنۇ ساقچى ئىدارىسىنى زىيارەت قىلىپ ئۇ يەردە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان 21 ئۇيغۇر توغرىسىدا ساقچى باشلىقىدىن مەلۇمات ئالغان. كۇرشاد مىجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، زەيتىنبۇرنۇ ساقچى باشلىقى، دائىش (ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى) تەشكىلاتىغا چېتىشلىق دەپ قارىلىپ ئۆيدىن تۇتۇلغان 21 كىشىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ ساقچىخانىسىغا ئېلىپ كىلىنگەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ كىشى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىدار دەپ قارىلىپ ئەدلىيە ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بىرىلگەنلىكى، قالغانلارنىڭ تەكشۈرۈشلەر ئاخىرلاشقۇچە كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسىدا تۇرىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقى قاتارلىقلار مەلۇم بولغان.
بىز بۇ ھەقتە پىكىر - قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن، بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر يازغۇچى ھامىد كۆكتۈرك بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.