مىللىي ئىرادە مۇنبىرى يىغىنىدا ئۇيغۇر ۋەكىللەر تۈركىيە مىنىستىرلىرى بىلەن ئۇچراشتى

0:00 / 0:00

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان مىللىي ئىرادە مۇنبىرى يىغىنىدا، ئۇيغۇر ۋەكىللەر تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفكان ئەلا بىلەن ئۇچراشتى ۋە سۆھبەتلەشتى.

2014 - يىلى 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان 150 ئاممىۋىي تەشكىلاتنىڭ بىرلىشىشى بىلەن قۇرۇلغان مىللىي ئىرادە مۇنبىرى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن مىللىي ئىرادىگە ئىگە چىقىش نامىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىنغا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفكەن ئەلا ئەپەندى، ئادالەت مىنىستىرى بەكرى بوزداغ قاتارلىق مۇھىم ئەربابلارمۇ قاتناشتى.

بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىر قاتارلىق مىنىستىرلىرى بىلەن ئىستانبۇلدا خىزمەت - پائالىيەت قىلىۋاتقان 150 دىن ئارتۇق ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ ئۇچرىشىشى ۋە تۈركىيىنىڭ تېخىمۇ بىر كۈچلۈك دۆلەت بولۇشى ئۈچۈن مىللىي ئىرادىدە چىڭ تۇرۇپ ھۆكۈمەتنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئىكەن.

بۇ يىغىندا باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان سۆز قىلدى ۋە تۈركىيىنىڭ نۆۋەتتە دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى ئۈستىدە توختالدى. ئەردۇغان سۆزىدە تۈركىيىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن كۈتۈرۈلۈپ كۈچلىنىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنى قوبۇل قىلىشنى خالىمايدىغان بىر قىسىم ئىچكى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ھۆكۈمەتنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە ئىچكى قالايمىقانچىلىق چىقىرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ كۈچلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا ھېچ ئىككىلەنمەي كېرەكلىك قەدەملەرنى بېسىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە 2023 - يىلى تېخىمۇ بىر تەرەققىي قىلغان تېخىمۇ كۈچلۈك بىر تۈركىيە بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن نېمە كېرەك بولسا ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان 150 دىن ئارتۇق ئاممىۋىي تەشكىلاتلار تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردۇغاننى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بۇ يىغىننى ئويۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىندا باش مىنىستىر ئەردۇغان ۋە تۈركىيىنىڭ مۇھىم سىياسەتشۇناس شەخسلەر سۆز قىلدى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئىگە چىقىش كېرەكلىكىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئىگە چىقىشنىڭ مىللىي ئىرادىگە ئىگە چىققانلىق بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى.

يىغىن باشلىنىشتىن ئىلگىرى تاماق زىياپىتى بېرىلگەن بولۇپ بۇ جەرياندا شەرقي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە جەمئىيەتنىڭ باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سالامىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، ۋەتەن ئىچى - سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى، ھەر زامان ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۈمىد كۈزى بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفكان ئەلا بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئەنقەرەدىكى ئىشخانىسىدا ئايرىم ئۇچرىشىشقا ۋەدە ئالغانلىقىنى، يېقىندا ئەنقەرەگە بېرىپ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بىر قىسىم ئىلتىماس ۋە تەلەپلەرنى سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە جەمئىيەتنىڭ باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلىدىن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە كۆڭۆل بۆلۈش، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۈچ كېلىۋاتقان ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ئۇلارغا ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، ئەخمەت داۋۇتئوغلى بۇنىڭغا ئىجابىي جاۋاب بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدىن قايغۇلىنىۋاتقانلىقىنى، ئىمكانىيەت ۋە شەرت - شارائىتلارغا قاراپ قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.