كېيىنكى يىللاردا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپلىگەن ئۇيغۇرنىڭ ھەر خىل يوللار بىلەن تۈركىيەگە كېلىشى، بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن تۈركىيەدىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قاتنىشىشىنى كۆرمەسلىككە سالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
بۇلاردىن بىرى تۈركىيەنىڭ بۇرسا شەھىرىدىكى ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پروفېسسور مەمەت يۈجە ئەپەندىدۇر. ئۇ، ئۆتكەن ھەپتە بۇرسادا ئۆتكۈزۈلگەن 9-نۆۋەتلىك خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا بەرگەن «ئوتتۇرا ئاسىيادا كۈچىيىۋاتقان ئەسەبىيلىك توغرىسىدا تەھلىل» ماۋزۇلۇق دوكلاتىدا، خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا كىرىپ كېتىشىنى كۆرمەسكە سېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق قىلىش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن دۆلەت ئىچىدىكى خىتايغا قارشى چىقىۋاتقانلاردىن قۇتۇلسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ كاللىسىدا ئۇيغۇرلار «تېررورچى» دېگەن ئوبرازنى يارىتىپ، ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئەڭ مۇھىمى تۈركىيە خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان سۆيگۈسىنى ئازايتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ كۆز قاراشقا ئائىت ماقالىگە تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن بىرى بولغان «مىللەت» گېزىتىدىمۇ ئورۇن بېرىلدى.
بىز بۇ پىكىرنى ئىلگىرى سۈرگەن ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتى مۇئاۋىن مۇدىرى پروفېسسور دوكتور مەمەت يۈجە ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ بېرىپ، نېمىگە ئاساسەن بۇنداق دېگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئۇيغۇرلارنىڭ بىر شەھەردىن باشقا بىر شەھەرگە بېرىشى قاتتىق كونترول ئاستىدا تۇتۇلۇۋاتسا، ئۇلارنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى تەقىب قىلىنىۋاتسا، بۇلارنى گۇرۇھ ھالدا دەمەشق ئىراق ئىسلام دۆلىتى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىۋاتقان قىلىپ كۆرسىتىشى تاسادىپ بىر ئەھۋال ئەمەس دەپ ئويلايمەن. بۇنىڭدا چوقۇم خىتاي خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ قولى بار دەپ ئويلايمەن. بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يېتىم قالدۇرۇش سىياسىتىدۇر.»
يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ تېزلا كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازى بۇزۇلۇشقا باشلىدى. پروفېسسور دوكتور مەمەت يۈجە ئەپەندى بۇنىڭدىمۇ خىتاينىڭ قولى بارلىقىنى ئەمما تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا تەۋرەنمەس رىشتى بارلىقىنى، خىتاينىڭ مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئالدى بىلەن شۇنى دېمەكچىمەنكى، تۈركىيە بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئوتتۇرىسىدا تارىخى، مەدەنىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر بار، بۇنى ھېچ كىم بۇزالمايدۇ. بۇ مۇناسىۋەت داۋام قىلىدۇ. ئەمما، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىياسىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇھىم بىر مەسىلە. ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ بۇ توزىقىغا چۈشمەسلىكى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن ئۇزاق تۇرۇشى كېرەك.»
سابىق پارلامېنت ئەزاسى ئورخان قاۋۇنجۇ ئەپەندى بەزى دۆلەتلەرنىڭ خەلق ئارىسىدا بەزى مىللەتلەرنىڭ ئوبرازىنى چۈشىرىدىغان ئەھۋالنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئەمما بۇنىڭغا تۈركىيەدىكى تۈركىستانلىقلارنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تېگى تۈركىستانلىق تۇرۇپ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان كىشىلەر بار. تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قاتناشقان ھەر مىللەتتىن كىشىلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇنىڭ تۈپەيلى ئۇ مىللەتنى ئەيىبلەش توغرا ئەمەس، بۇ ئوبيېكتىپ كۆز قاراش بولمايدۇ. ئۇ، مىللەتنىڭ ئوبرازىنى يامان كۆرسىتىش غەرىزى بار دۆلەت ۋە كىشىلەر بۇ تېررورچى ئۇيغۇر، بۇ تېررورچى ئۆزبېك دەپ تەكىتلىشى مۇمكىن. ھەر مىللەت ئىچىدە يامان ئادەم ۋە ياخشى ئادەملەر بار. كېيىنكى يىللاردا تۈركىيەدە بەزى ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە بەزى كىشىلەر ئۇيغۇرلارنى يامان كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. بۇلار مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ دەپ ئويلايمەن.»
تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، پروفېسسور دوكتور مەمەت يۈجە ئەپەندى ئىلگىرى سۈرگەن كۆز قاراشنىڭ يېڭى كۆز قاراش ئەمەسلىكىنى بۇرۇن غەرب، ئەرەب ۋە خىتاي ئاخباراتىرىدىمۇ چىققانلىقىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ يىل يېڭى يىل كېچىسىدە ئىستانبۇلدىكى رېيىنا رېستورانىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇم ۋەقەسىدىن كېيىن، جىنايەتچى تۇتۇلۇشتىن بۇرۇن بەزى كىشى ۋە ئورۇنلارنىڭ ئۇيغۇر ئىسمىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىغا زىيان بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
بەزى مۇتەخەسسىسلەر تۈركىيەدىكى كوممۇنىست ئىدىيەسىدىكى سىياسىي پارتىيە ۋە ئۇلارنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ، تۈركىيەدە ئۇيغۇر ئوبرازىنى بۇزۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
0:00 / 0:00