ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇنىي بىلىملەر بىلەن تەربىيىلەش كۇرسى باشلاندى

0:00 / 0:00

13-ئۆكتەبىر شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتنىشىدىغان 60 تىن ئارتۇق ۋەكىللەر بىر يەرگە جەم بولدى.

د ئۇ ق، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئۇيۇشتۇرۇشى، ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ ماددىي جەھەتتىن قوللىشى بىلەن 13-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇنىي بىلىملەر بىلەن تەربىيىلەش كۇرسى 13-ئۆكتەبىر كۈنى شىۋېتسىيەنىڭ سىتوكھولم شەھىرىدە باشلاندى.

بۇ كۇرسقا د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن رابىيە خانىم، ئۆمەر قانات، دولقۇن ئەيسا، نۇرى تۈركەل، دىلشات رېشىت، غەيۇر قۇربان ئەپەندىلەر ھەمدە ئۇ ن پ ئو ۋەكىللىرى، شىۋېتسىيە مائارىپ ئۇيۇشمىسى رەھبەرلىرى قاتناشتى ھەمدە مەخسۇس تېمىلاردىكى لېكسىيەلەر تەقدىم قىلىندى.

كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 13-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن سائەت 14:30 دا ئىبس مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى بىلەن رەسمىي باشلاندى. مۇراسىمغا شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى نىجات تۇرغۇن ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا د ئۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە خانىم ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

مۇراسىمدا د ئۇ ق باش كاتىپى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ سۆز قىلدى. ئۇ، بۇ قېتىمقى كۇرسقا قاتناشقان ياشلارغا بۇ پائالىيەتنىڭ مەقسەد-مۇددىئالىرى ھەمدە ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيىلەش پائالىيىتىنىڭ تارىخى ھەققىدە چۈشەنچىلەر بەردى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ نۇتقىدىن كېيىن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خادىمى مايا ئابېرگ ئۇيغۇر دەۋاسىنى خەلقئارا سەۋىيىدە ئېلىپ بېرىشنىڭ يوللىرى ھەققىدە توختالدى. ئەنگىلىيەلىك پروفېسسور جوشۇا كاستېللېنو بولسا مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئۇقۇمى توغرىسىدا توختىلىپ، «بۇنى خەلئارا سەھنىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تەدبىقلاش» نىڭ ئۈنۈملۈك چارىلىرى ھەققىدە سۆزلىدى.

مەزكۇر پائالىيەت 15-ئۆكتەبىرگىچە 3 كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بىز نەق مەيداندا تۇرۇپ، پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلىۋاتقان ھەرساھە زاتلار ۋە ياشلارنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.

بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكىدىن كەلگەن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى، ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ قېتىمقى ياۋروپا سەپىرى توغرىلىق تەسىراتلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندىمۇ بۇ پائالىيەتلەر ھەققىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىز يەنە شىۋېتسىيەنىڭ سىتوكھولم شەھىرىدە ياشايدىغان د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭمۇ بۇ كۇرس توغرىسىدىكى تەسىراتلىرىنى ئىگىلەپ كۆردۇق. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللەشكە قاناشقان شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇللاھ ئەپەندىمۇ پىكرىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ياۋروپادىكى پائالىيەتلىرى 2 ھەپتە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، 3 كۈنلۈك بۇ كۇرس ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇلار بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلغا بېرىپ، ياۋروپا پارلامېنتىدا 19-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشماقچىكەن.