قازاقىستاندىكى «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» غا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.01.15
lager-edhem-mijit.jpg قازاقىستان پۇقراسى گۈزەل بېسىتىۋانىڭ لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن ئېرى ئەدھەم مىجىت.
Güzel Bésitiwa teminligen

ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقىستانغا كۆچۈپ كەلگەن بىر قىسىم قازاق پائالىيەتچىلىرىنىڭ خىتاينىڭ لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىش، قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە ئەرز سۇنۇش مەقسىتىدە تەشكىللىگەن «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» ناملىق گۇرۇپپىنىڭ پائالىيەتلىرى ئىجابىي نەتىجە بېرىشكە باشلىغانلىقى مەلۇم. «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باشلامچىسى سېرىكجان بىلاشئوغلىنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارغا قامالغان ئىككى مىڭ قازاق تۇتقۇننى قويۇپ بېرىشكە ماقۇل بولغانلىقىنى ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقلىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. قويۇپ بېرىلگەنلەر ئىچىدە «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» سېپىگە قېتىلغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ بار ئىكەن. بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە مەلۇمات بېرىدۇ.

ئۆتكەن ھەپتە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بايانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلاردىكى قازاق تۇتقۇنلاردىن ئىككى مىڭ كىشىنى قويۇپ بېرىشكە ماقۇل بولغانلىقىنى خەۋەر قىلىشى، دۇنيا مەتبۇئاتى ۋە ئۇيغۇرلاردا زور غۇلغۇلا قوزغىغان بىر خەۋەر بولغان ئىدى. ئەمما بۇ خەۋەردە ئۇلارنىڭ پۈتۈنلەي قازاقلار ياكى ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئېيتىلمىغان ئىدى. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ مۇشۇ پۇرسەتتە ئۆزلىرىنىڭ لاگېرلارغا قامالغان بىگۇناھ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭمۇ قۇتۇلۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بىز بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئېنىق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، قازاقىستاندىكى «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ باشلامچىسى سېرىكجان بىلاشئوغلىنى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلدۇق.

سېرىكجان بىلاشغلى: «گەرچە قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئارقىلىق تاراتقۇلاردا تارقالغان، خىتاينىڭ ئىككى مىڭ قازاق تۇتقۇننى قويۇپ بېرىپ قازاقىستانغا يەرلەشتۈرۈلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ھەقىقەتەنمۇ بىر خۇش خەۋەر بولسىمۇ، ئەمما «ئاتا يۇرت» تەشكىلاتىمىزغا مەلۇم بولغان ئۇچۇرلاردا، بىزگە كېلىپ ئەرز قىلغانلار ئىچىدە قويۇپ بېرىلىپ ھازىر قازاقىستان ’غا يېتىپ كەلگەنلەر يۈزدىن ئاشىدۇ. خىتاي تەرەپتىن زادى قانچە قازاقنى قويۇپ بەرگەنلىكى، قانچىلىك ئادەمنىڭ قازاقىستان چېگراسىدىن ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئېنىق مەلۇمات يوق. شۇڭا بىز خىتاينىڭ كۆز بويامچىلىقىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈنمۇ بايانات ئېلان قىلدۇق» دېدى.

سېرىكجاننىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا قازاقىستاندىكى «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنغان قازاقلارنىڭ لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئاشقان. ئۇلار ئىگە بولغان مەلۇماتلاردىن ھازىرغا قەدەر بۇلاردىن مىڭ نەپىرىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى مەلۇم بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئاساسەن ئۆيلىرىدە نەزەربەند قىلىنغان ۋە تېخى قازاقىستان ‘غا يېتىپ كېلەلمىگەن.

سېرىكجاننىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا قازاق پائالىيەتچىلەرنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان لاگېرلاردىكى قازاقلار ھەققىدە توختىماي مەتبۇئاتلارغا گۇۋاھلىق بېرىشى، قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە ئەرز سۇنۇشى ۋە خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىشلارنى تەشكىللىشى قاتارلىق پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە، لاگېرلاردىكى قازاقلارنىڭ مەسىلىسى خەلقئارالاشقاندىن باشقا قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشايدىغان قازاقلار ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مەخسۇس سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر قىلغان.

«ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ قازاقىستاندىكى پائالىيەتلىرى بارغانسېرى راۋاجلانغاندىن باشقا، ئالمۇتادىن باشقا ئاستانا ۋە يەنە بىر شەھەر بولۇپ جەمئىي 3 جايدا مەخسۇس ئىشخانا ئاچقان.

سېرىكجان: «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» غا ئەرز قىلغان ئۇيغۇرلاردىنمۇ تۇغقانلىرى لاگېردىن قۇيۇپ بېرىلگەنلىرى بار

بىز سېرىكجاندىن مەزكۇر تەشكىلات تەرىپىدىن خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارغا لاگېر ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلىرىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ كەمدىن-كەم تىلغا ئېلىنىشىدا قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بىرەر بېسىمى ياكى باشقا بىر سەۋەبى-بار يوقلۇقىنى سورىدۇق. سېرىكجان بۇنىڭغا جاۋابەن بۇنىڭدا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا سولانغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ئىگە چىقىشقا جۈرئەت قىلالماسلىقى ۋە بۇ خىل دەۋا پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقانلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى شۇنداقلا «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتنىڭ نىشانىنىڭ مىللەت ياكى يۇرت ئايرىماي پەقەت خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغان بارلىق ئىنساننىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن، لاگېرلارنىڭ تاقىلىشى، لاگېردىكىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن دەۋا قىلىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

سېرىكجاننىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ھازىر قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىمۇ بارا-بارا قورقۇنچلىرىنى يېڭىپ، «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» سېپىگە قېتىلىۋاتقانلار، ئەرزىنى يەتكۈزۈۋاتقانلارمۇ كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى مەزگىللەردە 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئۆزلىرىنىڭ لاگېرلاردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە مەزكۇر تەشكىلاتقا مەلۇمات بېرىپ ئەرز تاپشۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە قازاقىستان پۇقراسى گۈزەل بېسىتىۋانىڭ لاگېردىكى ئېرى، يەنى خىتاي پۇقراسى، ئۇيغۇر ئەدھەم مىجىت يېقىندا لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەنكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ تەشكىلاتقا تۇغقانلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ ئەرز سۇنغان باشقا مىللەتلەردىن ئىككى قىرغىز، بىر تاتارمۇ لاگېردىن چىققان.

بىگۇناھ ھالدا 15 ئاي لاگېرغا قامالغاندىن كېيىن، بۇلتۇر سېنتەبىردە لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان قازاقىستان پۇقراسى گۈلباھار جېلىلوۋا، لاگېرغا قامالغان قازاقىستان پۇقرالىرى ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بارلىقىنىڭ بىر مىسالى.

قازاقىستاندا لاگېردىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مەخسۇس تەشكىلاتى يوق

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خېلى كۆپ ساندىكى قازاقىستانلىقلار بىلەن نىكاھلانغان، ئەمما تېخى قازاقىستان پۇقرالىقىنى ئالمىغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ لاگېردا ئىكەنلىكى مەلۇم بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئېنىق سانلىق مەلۇماتى يوق ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېرىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات ئالغان قازاقىستانلىق ئۇيغۇر گۈزەل بېسىتىۋا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

گۈزەل بېسىتىۋا 2016-يىلى ئاخىرى يولدىشى، يەنى ئىككى قىز ۋە بىر ئوغۇل، جەمئىي 3 بالىنىڭ دادىسى ئەدھەم مىجىتنىڭ تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن قازاقىستاندىن غۇلجىغا كىرىپ كەتكەنچە قايتىپ كەلمىگەنلىكنى، ئارقىدىن ئېرىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئەرز قىلسام ئېرىمگە تېخىمۇ زور خەتەر يېتىپ قالارمۇ دېگەن ئەندىشىدە سۈكۈت قىلغانلىقىنى، بىر يىلدىن بۇيان ھېچقانداق جاۋاب ئالالمىغاندىن كېيىن يېقىندا «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىغا ئەرز قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۆزىنىڭ غۇلجىدىكى بىر يېقىن تۇغقىنى ئارقىلىق ئېرىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان بولسىمۇ، ئەمما ئېرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدە ئۆزىنىڭ ئەرزىنىڭ قانچىلىك رولى بولغانلىقىغا ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

گۈزەل خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە قازاقىستاندىكى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى لاگېرلاردا بولسىمۇ، ئۇلار ئەرز قىلىشقا جۈرئەت قىلالماي كەلمەكتە. ئۇنىڭ بىلىشىچە ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلار قازاقىستاندا لاگېرغا قامالغان ئۇرۇق تۇغقانلىرى ئۈچۈن پائالىيەت قىلىدىغان بىر تەشكىلات قۇرمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆزىمۇ «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» دىن ياردەم سورىغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.