ئالمۇتادا قازاق پائالىيەتچىلىرى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
2018.03.19

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ ھەددىدىن ئاشقانلىقى چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ، ئايرىم دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ۋە خەلقئارا ئىنسان ھوقۇقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچراپ كەلگەنلىكى مەلۇمدۇر. كېيىنكى ۋاقىتلاردا بولسا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قازاق ۋە باشقىمۇ مىللەتلەرنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بېسىملارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى قازاقىستاندىكى بەزى مۇستەقىل ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ۋە ئايرىم قازاق پائالىيەتچىلىرىنىڭ جىددىي بەز-مۇنازىرىسىگە ئايلانماقتا. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇتقۇن قىلىنغان قازاقلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تەرىپىدىن ئالمۇتا ۋە ئاستانا شەھەرلىرىدە بىر نەچچە پائالىيەتلەر، جۈملىدىن خىتايدىكى ئۆز قېرىنداشلىرىنى قوغداش بويىچە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى، بۇ ھەقتە قازاقىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى ئەلچىخانىسى نامىغا خەت ئۇيۇشتۇرغان ئىدى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي ئۆگىنىش لاگېرلىرى، پاسپورتلارنى يىغىۋېلىش، ئوقۇغۇچىلارنى قازاقىستانغا ئەۋەتمەسلىك، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يوقلاپ كەلگەنلەرنى تۇتقۇن قىلىشتەك قانۇنسىز ھەرىكەتلەر مەزكۇر پائالىيەتلەرنىڭ ئاساسىي تېمىسى بولدى.
ئەنە شۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ يەنە بىرى 17-مارتتا ئالمۇتا شەھىرىنىڭ «ئالاتاۋ» رېستورانىدا «خىتايدا ئېنىقسىز سەۋەبلەر بىلەن ۋاپات بولغانلارنى خاتىرىلەش» ماۋزۇسىدا ئۆتتى. قازاقىستاندىكى «ئەركىن ياشلار گۇرۇپپىسى» نىڭ ئەزاسى ئۇرازۇلى قىدىرەلى قاتارلىق ياش قازاق پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەزكۇر مۇراسىمغا زىيالىيلار، خىتاينىڭ «تەربىيەلەش مەركەزلىرى»دە ئازاب چېكىۋاتقانلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، ياشلار بولۇپ يۈزگە يېقىن ئادەم قاتناشتى. مۇراسىمنى ئاچقان ئۇرازۇلى قىدىرەلى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېنىقسىز سەۋەبلەر بىلەن، ئۆزىگە ئۆزى قول سالدى دېگەن نام بىلەن بىر قانچىلىغان ئۆز قانداشلىرىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى، شۇلارغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىش مەقسىتىدە مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى ئېيتىپ، خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇ ئۇيغۇرلار بېشىغا كەلگەن زۇلۇمنىڭ قازاقلارغىمۇ كەلگەنلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قازاق، ئۇيغۇر ئوخشاش خەلقلەرگە قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىنى، بۇنىڭدىن مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ئازاب تارتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى قازاقلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەققىدە فىلىم كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، سۆزگە چىققان قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى قابدېش جۇمادىلوف، تېببىي پەنلىرىنىڭ دوكتورى سوۋېتخان غابباسوف، «تۇران» جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ مۇدىرى كارلىن مەخپىروف، سىياسەتشۇناس راسۇل جۇمالى ۋە باشقىلار مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتايدىكى ئەھۋالنى پۈتكۈل قازاق خەلقىگە، قازاقىستاننىڭ تېگىشلىك ئورگانلىرىغا، خەلقئارا تەشكىلاتلارغا يەتكۈزۈپ تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى، خىتاي قازاقلىرىنىڭ ئەھۋالىغا ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەسىر يەتكۈزۈش مۇمكىنلىكىنى، مۇشۇنداق ئېغىر ۋەزىيەتتە تۈركىي خەلقلەر بىرلىكىنىڭ، خەلقلەر دوستلۇقىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاق زىيالىيسى قۇل-كېرىم ئېلېمېس ئەپەندى ئىسلام دىنىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ۋە كۈچلۈك دىنلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، خىتايدا ئەنە شۇ دىنىي باستۇرۇشنىڭ كۈچىيىشىدىن مىڭلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ «بۇ بىزنىڭ ئىچكى ئىشىمىز» دېگەن سىياسەتكە تايىنىپ، ئوچۇق تۈردە خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىر يېرىم يىل دېگۈدەك ۋاقىت بولدى، بىزنىڭ قانداشلىرىمىزنى تۈرمىلەرگە قاماش ئەھۋاللىرى كۆپىيىپ كەتتى. ھەتتا خىتاينىڭ قانۇنلىرىغا بېقىنىپ، ئۆز ئىختىيارى بىلەن تۇرۇۋاتقان خەلقنى، خىتاي سىياسىتىگە قارشى تۇرمىسىمۇ تۈرمىلەرگە قاماپ، ئۇلارنىڭ ئالدى مانا ئۆلۈمگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بىرىنچى نۆۋەتتە ئىماملارغا ھۇجۇم قىلىنىۋاتىدۇ. ئىماملارغا ھۇجۇم بۇ مىللەتنىڭ روھىيىتىگە ھۇجۇم دېگەن سۆز. بۇ مىللەتنىڭ مۇسۇلمانچىلىقىغا قارشى ھۇجۇم دېگەن سۆز. ئىككىنچىدىن، ئۆز مىللىتىنى سۆيىدىغان مىللەتپەرۋەر شەخسلەرگە قىلىنغان ھۇجۇمدۇر. بۇ مىللەتنىڭ ئالدىنقى قاتارلىق ئەربابلىرىنى يوق قىلىش دېگەن سۆز. ئۈچىنچىدىن، ئاساسەن ئەر كىشىلەرگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇم. بۇنىڭ بارلىقى بىر مىللەتنىڭ ئىككىنچى بىر مىللەتكە قىلىۋاتقان ھەم مەملىكەتنىڭ قانۇنىغا، ھەم خەلقئارا قانۇنغا ماس كەلمەيدىغان ناھايىتى چوڭ قىسمى».
قۇل-كېرىم ئېلېمېس خىتاي ۋە قازاقىستاننىڭ قوشنا، ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلەر بولغىنىغا قارىماستىن، خىتايدىكى ئۆز قېرىنداشلىرىغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇمنىڭ بۇ ھەمكارلىققا پۈتۈنلەي زىت كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، كېلەچەكتە ئىككى مەملىكەت رەھبەرلىكىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئېتىبار بېرىپ، بۇنىڭ تېز ئارىدا ھەل بولىدىغانلىقىغا ئۈمىد قىلدى.
«ئەركىن ياشلار گۇرۇپپىسى» نىڭ ئەزاسى قىدىرەلى ئۇرازۇلى بۇ مۇراسىمنىڭ ئاساسىي مەقسىتىگە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش بولسا، ئىككىنچىدىن، مۇشۇ ئەھۋالنى بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىزگە، قانداشلىرىمىزنىڭ قۇلاقلىرىغا يەتكۈزۈشتۇر. بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە بارلىق ئادەملەرگە خەۋەر بەرمىدۇق، پەقەت مۇشۇنىڭغا نىيىتى بار، كۆيۈنىدىغان مىللەتپەرۋەر ئاكىلىرىمىزنى، ئىنىلىرىمىزنى چاقىردۇق. بىز ھازىر ئەل رەھبىرىگە خەت يېزىۋاتىمىز. شۇنىڭغا ئىمزا توپلاپ، ئاندىن يەنە ئىلگىرىلەيمىز. بىز بۇنىڭغىچە بىر نەچچە قېتىم يىغىنلارنى ئۆتكۈزدۇق. ئەھۋالنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە، خەلققە يەتكۈزدۇق. ھازىر تېگىشلىك ئورۇنلار بۇ مەسىلىنى قاراۋاتىدۇ».
قىدىرەلى ئۇرازۇلى بۇ مەسىلىنىڭ پەقەت قازاقىستاننىڭلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭمۇ شۇغۇللىنىدىغان مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەسىلىنى دۇنيا مىقياسىدا ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى، ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغىچە يەتكۈزۈش ئويىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.