خىتاي دائىرىلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئاشكارا تەھدىت سېلىشقا باشلىغان

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017.12.06
undidar-tehdit.jpg خىتاي دائىرىلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ئۈندىدار ئارقىلىق قىلغان تەھدىتلىرى.
Oqughuchilar teminligen

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ چەتئەلدىن يۇرتىغا قايتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىۋېلىپلا قالماي، ھەتتا ئۇلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ئۆگىنىش مەركەزلىرىگە سولىغانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى. يېقىندىن بۇيان رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا ھەتتا چەتئەللەردىن يۇرتىغا قايتىپ بارمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچرىغان ۋە ئۆزلىرىمۇ ئورۇنسىز پاراكەندىچىلىك ھەم ئاشكارا تەھدىتكە ئۇچرىماقتا.

رادىيومىزغا بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكا، كانادا، تۈركىيەدىكى ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىم ئەللەردىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ شىكايەت قىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى ئۈندىداردا ئوقۇغۇچىلارغا تەھدىت ئۇچۇرلىرىنى ئەۋەتىش ئارقىلىق، ئۇلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىشقا دەۋەت قىلغان ۋە يەنە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھەم كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، ئورۇن بەلگىلەش خەرىتىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى دەرھال قايتىپ كېلىشكە قىستىغان.

بۇ خىل تەھدىت ئۇچۇرى تاپشۇرۇۋالغان ياۋروپادا ئوقۇۋاتقىنىغا ئىككى-ئۈچ يىل بولغان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭلا ئەمەس، بەلكى باشقا دۆلەتتىكى بىر دوستىنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش تەھدىت ئۇچۇرى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى: ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇرۇن بۇنداق تەھدىت ئۇچۇر كەپ باقمىغان، يېقىنقى 2، 3 ھەپتىدىن بۇيان مۇشۇنداق تەھدىت ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. ھەتتا ئۇنىڭدا، ‹بىز تەربىيىلەش مەركىزىدىن، ئاپاڭ ساڭا كېرەك بولسا مېنى ئۈندىدارىڭغا قوش› دېگەن تەھدىتمۇ بار. مەنلا ئەمەس يەنە مەن تونۇيدىغان بىر قانچە بالىلارمۇ ئوخشاش ئۇچۇر تاپشۇرۇۋاپتۇ. ئاتا-ئانام بىلەن ئالاقەم 7-ئايدىن باشلاپلا ئۈزۈلگەن، ئۇلارنى تەربىيىلەشكە ئەكىرىپ كەتتىمىكىن دەپ پەرەز قىلىۋاتىمەن».

ئىلگىرى رادىيومىزغا چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاسپورتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلىدىغانلىقى، بولۇپمۇ دىنىي ساھەلەردە ئىلىم تەھسىل قىلغۇچىلارنىڭ نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن ئىنكاس كەلگەن ۋە بۇ مەسىلىلەر مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا قاراتقان زىيارەتلىرىمىزدىمۇ دەلىللەنگەن ئىدى. بۇ ئوقۇغۇچى يەنە دائىرىلەرنىڭ چەتئەللەردىن يۇرتىغا قايتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى داۋاملىق بىھۇدە ئاۋارە قىلىپ، ھەر تۈرلۈك تەھدىت تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى ئۆزىنىڭ ئۇچرىغان پاراكەندىچىلكى ئارقىلىق تېخىمۇ ئېنىق يورۇتۇپ بەردى: «مەن ھەر يىلى تەتىلدە يۇرتقا قايتىۋاتقان، ئۆتكەن يىلىمۇ قايتقان. ئادەتتە ھەممە ئوقۇغۇچىلارنى يۇرتىغا قايتقان ھامان ساقچىلار ئىزدەپ كېلىدۇ. نەدە ئوقۇۋاتقىنىمىز، كىملەرنى تونۇيدىغىنىمىز دېگەندەك سوئاللارنى سورايدۇ ۋە ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما بۇ قېتىم ماڭا ھەتتا پۇل بەردى ۋە بۇنى ئوقۇشۇڭغا ئىشلەت دېدى، مەن بۇ پۇلغا موھتاج ئەمەس، قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا بېرىڭلار، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئوقۇۋاتقان جايدا ئۇيغۇرلار يوق دەپ رەت قىلغان ئىدىم. ئۇ چاغدا تەھدىت قىلمىغان. بۇ قېتىم رەسمىي تەھدىت سېلىشقا باشلىدى. بەزى بالىلارنى قايتىپ كېلىپ، ئىككى ئايلىق ئۆگىنىشكە قاتنىشىپ كەت دەپمۇ تەھدىت ساپتۇ تېخى. كورلىلىق بىر ساۋاقدىشىم ئۆيىدىكىلىرىگە چىدىماي قايتىپ كېتەيمىكى دېگەن ئىدى. ئاران توسۇۋالدۇق. ئەمەلىيەتتە ئاتا ئانىلارمۇ بىزنىڭ قايتىپ كېتىشىمىزنى خالىمايدۇ».

دەرۋەقە مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاۋۋال تەھدىتكە، كېيىن خىتاينىڭ قولى بىلەن مىسىر دائىرىلىرىنىڭ سەۋەبسىز تۇتقۇنىغا ئۇچرىشى خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تەقىبگە ئېلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ دائىرىلەرنىڭ ئۆزلىرى بىلەن ماسلاشمىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاسپورتىنى ئۇزارتىش ۋە ئوقۇشىغا مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشتە قەستەن كاشىلا پەيدا قىلىۋاتقانلىقىمۇ ئىنكاس قىلىنماقتا.

خىتاي دائىرىلىرى ئۆز مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن چەتئەللەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرىنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ قېتىم يىغىپ ئۇلارغا بىر تەرەپتىن ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىپ قىزىقتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتايغا قارشى پائالىيەت ۋە گەپ-سۆزدىن يىراق تۇرۇشىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. رادىيومىزغا كەلگەن پاش قىلىش تېلېفون ئىكاسلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى جاسۇسلۇققا ئۈندەش ۋاسىتىلىرى ھەر خىل بولۇپ، ئەڭ كۆپ ئىنكاس قىلىنغانلىرى بولسا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىپ تەھدىت سېلىش، ئۈندىدار ۋە باشقا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تېلېفونلىرىغا ۋىرۇسلۇق ئۇچۇرلارنى يوللاش، جاسۇسلۇق ئەپلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تېلېفونىدىكى ئالاقە ئۇچۇرلارنى توپلاش؛ ھەر تۈرلۈك «ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر بىرلەشمىسى»، «ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» دېگەندەك تەشكىلاتلار ئاستىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى يىغىپ ئۇلارنى كونترول قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنى خىتايغا ئىشلەشكە، ئۇچۇر بېرىشكە زورلاش ۋە قورقۇتۇش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىش، قەستەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈش، ئۇلارنى ھەر تۈرلۈك ماقالىلەرنى ئېلان قىلدۇرۇپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ياخشى سىياسەت قوللىنىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلدۇرۇش قاتارلىقلار ئىكەن.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغىمۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن بۇ خىل شىكايەتلەر كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالغان كۆزەتكۈچىلەردىن، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان زۇلۇمىغا سۈكۈتتە تۇرغان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ ئوخشاشلا دۈشمەن كۆرمەكتە ھەمدە تۈرلۈك تەھدىتلەر ئارقىلىق چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە زىيالىيلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا يەنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشكە مەجبۇرلاش سالمىقىنى ئاشۇرغان. بۇنىڭ بىلەن ھەتتا چەتئەلدە ئۆز ئىقتىسادىغا تايىنىپ، ھېچ ئىشقا ئارىلاشماي ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قورقۇتۇپ، قايتۇرۇپ كېلىشكە تەھدىت سالغانلىقى قاتارلىق بېسىملار سەۋەبلىك چەتئەللەردە پاناھلىق تىلەشكە مەجبۇر بولماقتا.

ئىلشات ئەپەندى بۇ خىتاينىڭ بۇ خىل تەھدىتلىرىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا، ئالدى بىلەن تەھدىت كېلىۋاتقان مەنبەنى ئۈزۈپ تاشلاش، يەنى ئۈندىدار قاتارلىق خىتاينىڭ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى قوللانماسلىقىنى، چەتئەللەردىكى ئەركىن ئاخباراتلارغا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزلىرى ۋە ئائىلىسىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىنكاس قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ ھەقسىزلىق ۋە زۇلۇمدىن دۇنيانى خەۋەردار قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.