ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى: «خىتايغا بولغان نارازىلىق ئۇيغۇرلارنى سۈرىيە ئۇرۇشىغا باشلاپ كىردى» (3)
2017.12.29
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى گېررىي شېخ «خىتايغا بولغان نارازىلىق ئۇيغۇرلارنى سۈرىيە ئۇرۇشىغا باشلاپ كىردى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنىڭ ئالدىنقى بۆلىكىدە ئېلى ۋە روزى مەمەت قاتارلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنىڭ ئۇلارنى يۇرتىنى تاشلاپ چىقىشقا ۋە ئاخىرىدا سۈرىيەدە قولىغا قورال ئېلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرگەندىن تامامەن پەرقلىق سەۋەبلەر بىلەن سۈرىيەدىكى «جىھادچى گۇرۇپپىلار» بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇش قىلغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. ئۇ ماقالىسىدە تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەن بۇ ئۇيغۇرلارنى رادىكال گۇرۇپپىلارنىڭ خۇددى بىر ئولجىنى تالاشقاندەك تالاشقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.
گېررىي شېخ ماقالىسىدە «ئەل-قائىدە» ۋە «ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى» قاتارلىق رادىكال گۇرۇپپىلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا سۈرىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن «دىنسىز خىتاي باسقۇنچىلىرى» غا ھۇجۇم قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجرىگە جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ ھەدەپ ئۇلارنى ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلغانلىقىنى، يەنە كېلىپ بۇ ئۇيغۇرلارنى بەشەر ئەسەد قىسىملىرىغا قارشى ئادەم بومبىسى بولۇشقا ئۈندىگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
مۇخبىرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئەھۋال ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ تۈرلۈك مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولغان ئىكەن. مۇخبىر بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ بايان قىلغان: «خوتەندىن كەلگەن ياشقا چوڭراق بىر جەڭچى ئارىدىكى ياشراق بىرىگە ئاچچىقلىنىپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ بۇ ئەرەب جىھادچىلارنىڭ نىيىتىنى گۇمانلىق دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاشۇنداق مەدھىيە گەپلىرى بىلەن قۇربان قىلىۋېتىپ بارغانلىقىنى ئېيتتى. ئىدلىپتە ئۇرۇشقا قاتناشقان 40 ياشلىق روزى توختى ‹ئۇلار بىزنى مەدھىيىلەيدۇ، نېمىشقا؟ چۈنكى ئۇلار بىزنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلسۇن، دەيدۇ. ئۇلار بىزنى ئالداپ ئۆزىنىڭ پېچكىسى قىلماقچى›، دېدى».
مۇخبىر گەررىي شېخ يەنە مۇنداق دەپ داۋام قىلىدۇ: «بىر قانچە ئۇيغۇر جەڭچىلەر ئۆزلىرى بىلەن باشقا ئىسلامچى قوراللىقلار ئارىسىدا زور پەرق بار دەپ قارايدىغانلىقىنى قەتئىيلىك بىلەن ئىلگىرى سۈردى. يەنە بەزى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئورنىغا سۈرىيەدە توختاپ قالغانلىقىدىن شىكايەت قىلدى. مەمەت بىزگە ‹بىز ئۇلار ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىپ، دۆلەتنى كونترول قىلىشىغا ياردەم قىلدۇق. ئەمما ئۆزىمىز ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىدۇق،› دېدى. 2015 يىلىدا ‹تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى› گە قاتناشقان ئابدۇرېھىم ئۇرۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار كۆمۈلگەن يەرلىكنى زىيارەت قىلىۋاتقىنىدا ئۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بايرىقىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ، بۇنىڭغا ھەيران قاپتۇ. ئۇنىڭ بىزگە ئەسلەپ بېرىشىچە، بىر كۈنى ئۇ ھەتتا ‹تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى› نىڭ باشلىقى ئىبراھىم مەنسۇر بىلەن ‹بىز بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىمىز؟› دەپ دېيىشىپ قاپتۇ. ئۇ بىر توپ ئۇيغۇر جەڭچىلەر يىغىلغان سورۇندا ‹بىز ئۆزىمىزنىڭ دۈشمىنى بولغان خىتايغا قارىتىپ بىر پاي ئوقمۇ ئېتىپ باقمىدۇق. ھە دېسە خەلقئارالىق تېررورچىلار بىلەن بىر سەپتە ئۇرۇشتا قىلدۇق. بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟› دېدى.»
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۇ خەۋەر ماقالىسىدە، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىپ تۇرۇپ، سۈرىيەگە بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخىرى بېرىپ بۇ ئۇرۇشتىن زېرىكىپ، فرونتتىن ئايرىلىشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى قوراللىق قىسىم ۋە ئالاھىدە ساقچىلار بىلەن تولدۇرۇۋەتكەن بىر شارائىتتا بۇ ئۇيغۇر جەڭچىلەرنىڭ ئۇ يەرگە قايتىپ، ئۇيغۇر ئېلىنى ئازاد قىلىشى مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» ئىستراتېگىيىسىدىكى تۆمۈر يول، پورت ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراش ئېھتىماللىقى مەۋجۇتلۇقىنى بايان قىلغان.
دەرۋەقە، نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ھازىر يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ قاتتىق قول سىياسەتلىرىنى مانا مۇشۇ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارايدۇ. گېرمانىيەدىكى «ياۋروپا مەدەنىيىتى ۋە ئىلاھىيەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتى» نىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئادرىيان زېنزمۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بۇ كۆز قاراشنى ئالغا سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قاتتىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئىزاھلايدىغان ئاچقۇچلۇق بىر ئامىل. ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدە ۋە شۇنداقلا كۈنمىڭ قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن ھۇجۇم ۋەقەلىرى تۈپەيلىدىن خىتاي نوپۇسى مانا مۇشۇنداق باستۇرۇشنى تەلەپ قىلدى ۋە ھۆكۈمەتمۇ بۇ تەلەپنى قاندۇردى. ئەلۋەتتە بۇمۇ بىر ئامىل. ئەمما مەنچە، ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشى قاتتىق بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلى. خىتاي ھۆكۈمىتى مانا بۇ سەۋەب تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىن كۆزىنى بىردەممۇ ئايرىمايدۇ.»
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، نۇرغۇن غەربلىك كۆزەتكۈچىلەر ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىمۇ ئۆزىنىڭ چەتئەللەردىكى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ھەرۋاقىت ھۇجۇم نىشانى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدىكەن. شۇڭا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا فاكس ئارقىلىق قايتۇرغان ئىنكاسىدا، سۈرىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنى تېررورچىلار بىلەن ئورتاق كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان. ئەمما ئۇلار بۇ ئاگېنتلىقنىڭ ئۇيغۇرلارنى رادىكاللاشتۇرۇۋاتقان ئامىللار ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرمەي، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە زور مەبلەغ سالغانلىقىنى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەم شۇنداقلا يەنە مۇقىملىقنى بۇزغۇچىلارنى ۋە بۆلگۈنچىلىك قىلغانلارغا زەربە بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
مۇخبىر گېررىي شېخنىڭ بايان قىلىشىچە، ئېلى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ئۇيغۇرلار سۈرىيەدىكى ئۇرۇشتىن زېرىكىپ ئاخىرى بۇ يىل 6-ئايدا بىر ئاماللار ئارقىلىق تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەن. ئېلى ھازىر ئىستانبۇلدا سۈت ساتىدىكەن. سۈرىيەدىن قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلىرى ھېلىھەم ئەگەر پۇرسەت بولسا خىتايغا ھۇجۇم قىلىشتىن يانمىسىمۇ، ئەمما يەنە نۇرغۇنلار بۇنىڭغا ئانچە يېقىن كەلمەيدىكەن. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىرىغا يېقىندىن ئارىلىشىپ كېلىۋاتقان كىشىلەر ئۇرۇشتىن قايتىپ كەلگەن بۇ ئۇيغۇرلار تۈركىيەدىكى ھاياتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقتىن يەنە قايتىدىن مۇشۇنداق رادىكال گۇرۇپپىلارنىڭ قوينىغا كېتىپ قالارمۇ، دېگەندىن ئەندىشە قىلىدىكەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىستانبۇلدا ئايدا ئاران ئىككى يۈز ياكى ئۈچ يۈز دوللار پۇل تاپىدىكەن. ئۇلار تۈرك تىلىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈنمۇ كۈندىلىك ھاياتىدا قىيىنچىلىققا ئۇچراپ تۇرىدىكەن. تۈركىيەدىكى پائالىيەتچىلەر «تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى» نىڭ ئادەم قوبۇل قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قاراپ تۇرۇپ بىر تەدبىر ئالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىر ماقالىسىدە تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ زىددىيەتلىك ھاياتىنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلغان: «سۈرىيەدىن قايتىپ كەلگەن ئوتتۇرا ياشلاردىكى روزى توختى ئۆزى ۋە سەپداشلىرى يولۇقۇۋاتقان قىيىن تاللاش ئۈستىدە ئېغىر-ئېغىر ئويلىنىۋاتاتتى. ئۆزىمۇ ئىشەنمەيدىغان رادىكال ئىسلام ھەرىكىتى ئۈچۈن ھاياتىنى بېرىش كېرەكمۇ ياكى ئۆزلىرى پاتمايۋاتقان بۇ تۈرك جەمئىيىتىگە سىڭىپ كىرىش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەكمۇ؟ ئەمما بۇ يەردە ئېنىق بولغان بىرلا نەرسە بار، يەنى ئانا يۇرتىغا قايتىپ كېتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى. توختى بىزگە «كىم ئۇرۇش بولۇۋاتقان يەردە ياشاشنى خالايدۇ؟ بىزنىڭ ئانا يۇرتىمىز ئەسلىدە بىر جەننەت ئىدى. ئەمما خىتاي ئۇنى بەربات قىلدى. بىز ئامالنىڭ يوقلۇقىدا جەننەتنى سۈرىيەدە ئىزدىدۇق،» دېدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى، ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پاكىتلارنىڭ سۈرىيەگە بارغان ئۇيغۇرلارنى باشقا قوراللىق گۇرۇپپىلاردىن پەرقلەندۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە خەلقئارا جامائەتنى بۇ ئۇيغۇرلار ياردەم قىلىشقا چاقىردى.