غەرب مۇتەخەسسىسلىرى: «ئۇيغۇر رايونىدا بولۇۋاتقانلارنى دۇنياغا ئاشكارىلاش بىر زىيالىينىڭ ئەخلاقىي بۇرچى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-06-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى كۆزەتكۈچىسى، جاڭ شاۋ ئىسىملىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تۋىتېردا قەشقەر كونا شەھەردىكى يىغىۋېلىش لاگېرى دەپ كۆرسەتكەن خەرىتىسى.
كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى كۆزەتكۈچىسى، جاڭ شاۋ ئىسىملىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تۋىتېردا قەشقەر كونا شەھەردىكى يىغىۋېلىش لاگېرى دەپ كۆرسەتكەن خەرىتىسى.
Social Media/Shown Zhang

يېقىندىن بۇيان، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم غەربلىك تەتقىقاتچى ۋە ئاكادېمىكلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىنى» ھەم خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش» نامىدا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئەيىبلىمەكتە ۋە بۇنىڭغا قارىتا يەنىمۇ كۆپ جامائەت پىكرى ھاسىل قىلىشقا تىرىشماقتا. بۇ ھەقتە سۆز قىلغان ئاكادېمىكلەر ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن دادىللىق بىلەن سۆزلەشنىڭ بىر ئەخلاقىي بۇرچ ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەشتى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، ئاخباراتچى ۋە تەتقىقاتچىلار ئىگىلىگەن مەلۇماتلار نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئاز دېگەندە بىر مىليونغا يېقىن كىشىنىڭ «يېپىق تەربىيە لاگېرى» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى مەلۇم. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 21 ‏-ئەسىرگە كەلگەندە ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ تەكرارلانماسلىققا كەتتى، دەپ قارىلىۋاتقان ‏2‏-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ناتسىستلار لاگېرلىرى ياكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «گۇلاگ» دەپ ئاتىلىدىغان جازا لاگېرلىرى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى ۋە ئۇنى داۋاملىق ھالدا كېڭەيتىۋاتقانلىقى خەلقئارادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك غەزىپىگە ئۇچرىماقتا. ئەلۋەتتە، بۇ مەسىلە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ۋە ماركو رۇبىيو قاتارلىق بىر قانچە نەپەر دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر بۇ ئىنكاسلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېغىر ئىنسان ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس، دەپ قاراشماقتا. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ مانا بۇ تېما يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا باشلىق غەرب ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى يېقىندىن بىلىدىغان، ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭمۇ مۇھىم كۈن تەرتىپلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار نۆۋەتتە ماقالە ئېلان قىلىش، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە سۆزلەش ۋە ئىجتىمائىي تور بەتلەر ئارقىلىق مانا بۇ سوئالغا جاۋاب ئىزدىمەكتە. 

6-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مەركىزىگە قاراشلىق «خىتاي ئارخىپى» ھەپتىلىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇر دىيارىدا بارغانچە زورىيىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلارغا دۇنيا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك» سەرلەۋھىلىك سۆھبەت خاتىرىسى ئەنە شۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ بىرى ئىدى. 

بۇ سۆھبەت خاتىرىسىدە خەلقئارادا ئۇيغۇر تەتقىقاتى بويىچە تونۇلغان 6 نەپەر مۇتەخەسسىسنىڭ پىكىر-قاراشلىرى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار، مەزكۇر سۆھبەتكە ئامېرىكىدىكى لايولا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى پروفېسسورى رايان سام، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئېتنو-مۇزىكا ئىلمىنىڭ پروفېسسورى راچېل ھاررىس، ئاۋسترالىيەدىكى لا تروبې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي سىياسىتى ۋە ئاسىيا تەتقىقاتى پروفېسسورى جېيمېس لايبولت ۋە ئامېرىكىدىكى «خىتاي ئارخىپى» ھەپتىلىكىنىڭ ئالىي مۇھەررىرى جېسسىكا باتكې، جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس، ئاۋسترالىيە ماككۇۋارى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى كېۋىن كاررىكو قاتارلىقلار. 

«خىتاي ئارخىپى» ھەپتىلىكىنىڭ باش ماقالىسى سۈپىتىدە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر يازمىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ سۆھبەت نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 11 مىليوندىن ئارتۇق يەرلىك مۇسۇلمان ئاھالىنى ‹سىياسىي تەربىيە› لەشنىڭ نىشانى قىلىۋاتقان، بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشى مەزكۇر مەركەزلەردە قامىلىپ، ئىسلام ئەقىدىسىدىن ۋاز كېچىشكە، ئۆزىنى ۋە ئەڭ يېقىن كىشىلىرىنى ئەيىبلەشكە، كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىقىغا رەھمەت ئېيتىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان بىر پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلدى». 

تۇنجى بولۇپ بۇ سۆھبەتتە پىكىر بايان قىلغان پروفېسسور رايان سام مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كەڭ كۆلەملىك، قانۇنىي تەرتىپلەردىن ھالقىغان، يەرلىك ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ 5 پىرسەنتىدىن 10 پىرسەنتىگىچە قامالغان بۇ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا دۇنيا چوقۇم ئىنكاس قايتۇرۇشى ۋە ئۇنى ئەيىبلىشى كېرەك. ئەگەردە دۇنياۋى سودا-تىجارەتلەر، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە ھۆكۈمەتلەر خىتايدىكى بۇ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا، خىتاينىڭ ئىرقچىلىق ۋە ئېتنىك تازىلاشنى نىشان قىلغان بۇ سىياسەتلىرىگە سۈكۈت قىلسا، ئۇنى قوللىغانلىق بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ».

رايان سام سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن دىئالوگلارنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى، شۇڭا ئەمدىكى سىياسەتلەرنىڭ ئىلگىرىكىدەك پەقەت ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇش بولۇپلا قالماستىن بەلكى كەڭ دائىرىلىك ۋە بېسىم خاراكتېرلىك بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇنىڭغا مىسال قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ سىياسەت، تىجارەت ئورگانلىرى ۋە ھەتتا ئولىمپىك كومىتېتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭمۇ ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن. مەسىلەن، ئولىمپىك كومىتېتى ۋە ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىلىرى ئەگەر ‏-2022 يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈپ قالسا بۇ ئولىمپىكنىڭ تەنھەرىكەت ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى دۇنيا بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئاساسىي مەيدانىغا ئۇيغۇن بولامدۇ ‏-بولمامدۇ، دېگەنلەرنى ئويلىشىشى كېرەك»، دېگەن. پروفېسسور رايان سام سۆزىدە: «بۇنداق زور ھەرىكەت قوزغاش ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقانلاردىن تولۇق خەۋەردار بولۇشى كېرەكلىكىنى، چۈنكى دۇنيادا ئىسلامفوبىيە كەڭ تارقالغان بىر شارائىتتا خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش دېگەن نام ئاستىدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قىلىۋاتقان بېسىملىرىنى يوشۇرۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇ مەسىلىگە يەنىمۇ كۆپ دىققەت تارتىش ۋە تونۇشنى ئارتقۇزۇش ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپ خىتاينى تەتقىق قىلغۇچىلار جۈملىدىن مۇستەقىل ئورگانلار، تىجارەت دۇنياسى، خەۋەر ئورگانلىرى ۋە ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئورگانلار شىنجاڭنى خىتاي ئىشلىرىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى، قىلىشى كېرەك»، دېگەن. 

خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى تىمۇسىي گىرۇسمۇ بۈگۈن بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى. تىمۇسى گىرۇس ئۆزىنىڭ «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى» ھەققىدىكى تەتقىقات تېمىسى ئۈچۈن نۇرغۇن قېتىم ئۇيغۇر ئېلىگە بارغان بولۇپ، ئۇ گەرچە 2009‏-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت يىلمۇ-يىل ئېغىرلىشىپ ماڭغان بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ‏-2017 يىلى ئۈرۈمچىگە بارغىنىدا ئۇ يەردىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىلگىرى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئۆزگەرگەنلىكىنى ھېس قىلغان. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئۇيغۇر دوستلىرى ۋە ئائىلىلىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشتىن باش تارتقان. ئۇنىڭ ئالاقە نومۇرلىرىنى ئۆچۈرۈۋەتكەن. ئۇ ئەھۋالنىڭ قايسى دەرىجىدە ئېغىرلىقىنى بىر قانچە ئۇيغۇر دوستلىرىنىڭ ياكى كەسىپداشلىرىنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن چۈشەنگەن. تىمۇسى گىرۇس مۇنداق دېدى: «ئەپسۇسكى، بۇ مەسىلىگە قارىتا ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئورگانلار، قۇرۇلۇشلار ۋە ھەتتا دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلاردىن يېتەرلىك ئىنكاس كەلمەيۋاتىدۇ ۋە بۇ ئەھۋالغا دەرھال خاتىمە بېرىلىشى كېرەك. ئەلۋەتتە مەن نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى يېتەرلىك دىققەت قوزغىيالمايۋاتىدۇ دېگەننىڭ ئېنىق جاۋابىنى بىلمىسەممۇ ئەمما ئۇنىڭ كۆپىنچە ئىقتىسادقا باغلىق ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇل ئارقىلىق بۇ سۈكۈتنى سېتىۋېلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمەن». 

«خىتاي ئارخىپلىرى» ژۇرنىلىدىكى سۆھبەتتە لا تروبې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمەس لايبولتمۇ بۇ ھەقتە ئۆز دۆلىتى ئاۋسترالىيەنىڭمۇ سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. ئۇ سۆھبەتتە ئورۇن ئالغان سۆزىدە: «نۆۋەتتە شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقانلار شۈبھىسىزكى 1989‏-يىلىدىكى تيەنئەنمىن ھەرىكىتى باستۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدۇر. ئەمما ھازىرغىچە نۇرغۇن ھۆكۈمەتلەر سۈكۈتتە تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي يىغىۋېلىش لاگېرلىرى خەلقئارادا تەكىتلىنىۋاتقان ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلارنىڭ نورمىسىغىلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغىمۇ خىلاپ قىلمىش. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر قىسىم سىياسىيونلار ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ‹يەر شارى ماگنېتسكىي قانۇنى› بويىچە جازالاشنى چاقىرىق قىلدى. ھازىر باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ خىتايدىكى بۇ لاگېرلارنى ئوچۇق-ئاشكارا ئەيىبلەيدىغان ۋاقتى كەلدى. ناھايىتى ئەپسۇس، مېنىڭ دۆلىتىم بولغان ئاۋسترالىيە ھازىرغا قەدەر بۇ مەسىلىدە سۈكۈت قىلماقتا».

جەيمىس لېيبولت ئەپەندىمۇ سۆزى داۋامىدا ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر قاچان خىتاينى ئوچۇق-ئاشكارا تىلغا ئېلىپ، ئوچۇق-ئاشكارا ئەيىبلەشنى ئۆزىگە ئادەت قىلمىغۇچە شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بىز شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە سەل قاراش ئارقىلىق، ئەخلاقىي بىر ھاكىمىيەت ۋە ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئۇنىۋېرساللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋاتىمىز ۋە بۇ ئارقىلىق شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىنىڭ دىكتاتور ھاكىمىيىتىنى تاكاممۇللاشتۇرۇشىغا يول ئېچىپ بېرىپلا قالماي، بەلكى ئۇنى ئېكسپورت قىلىشىغىمۇ يول قويۇۋاتىمىز» دېگەن. 

تىمۇسى گرۇس ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان بارغانسېرى كۆپ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىش ۋە ئاخبارات ئورگانلىرى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق بۇ مەسىلىگە دىققەت تارتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بۇنىڭ ياخشى بىر بۇرۇلۇشلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە ئۆزلىرىنىڭ «شىنجاڭ مەخسۇس تېمىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر» ناملىق گۇرۇپپىسى بارلىقىنى ۋە بۇ گۇرۇپپا ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. «مەن، بىزگە ئوخشاش ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن يىل تۇرغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا ياشىغان مۇتەخەسسىسلەر ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇنيادا تېخىمۇ كەڭ بىر جامائەتكە ئاۋاز بولۇش مەجبۇرىيىتىمىز كۈچەيدى، دەپ قارايمەن. مۇتەخەسسىسلەر ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق چوقۇم جامائەتچىلىكنى ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىسى قىلىشى كېرەك. ئەلۋەتتە بۇ دۇنيادا ئىسلامفوبىيە مەۋجۇت بىر شارائىتتا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرلۈك ئاماللار ئارقىلىق غەربلىك مۇتەخەسسىسلەرنى سۆزلەشتىن باش تارتىدىغان قىلىپ قويغاندا بەك ئاسان بولمىسىمۇ، مەن شەخسەن بۇ ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇنى ئۆزىنىڭ بىر ئەخلاقىي بۇرچى دەپ قاراپ، تەنقىدىي ئاۋازلارغا قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى. ئۇ يەنە، «زىيالىيلار ھەقىقىي ئەھۋالنى دوكلات قىلىدۇ. ئەگەر بىز بۇنىڭدىن قورقساق بىز قانداق زىيالىي بولىمىز»، دېدى. 

ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس «خىتاي ئارخىپلىرى» دىكى سۆھبەتتە قىلغان سۆزىدە، خەلقئارا جامائەتنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ دەسلەپكى بىشارەتلىرى ئۈستىدە ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن بىرگە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى، يەرلىك خەلقلەر مۇنبىرى ۋە ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ساقلىنىش ۋە جازالاش مەسىلىلىرى ئىشخانىسى قاتارلىقلارنىڭ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا يېتەرلىك ئاساسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. 

ئاۋسترالىيە ماككۇۋارى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى كېۋىن كاررىكو سۆزىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەتقىق قىلغان تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەمدى بىرلىكتە بۇ مەسىلىگە ئىنكاس بىلدۈرىدىغان پەيتى يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ باشقا تەتقىقاتچىلار بىلەن بىرلىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىگە نارازىلىقىنى ئىپادە قىلىدىغان «شىنجاڭ ۋەدىسى» نامىدا بىر ئىمزا قويۇش ھەرىكىتى تەشكىللىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ۋە بارلىق تەتقىقاتچىلارنى بۇنىڭغا قول قويۇشقا دەۋەت قىلغان ئىدى. 

ئامېرىكا ئالەم تېخنىكىسى ئىدارىسى تەتقىقاتچىسى ئەركىن سىدىق ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، غەربلىك زىيالىيلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە يۇقىرىقىدەك ئىپادە بىلدۈرگەنلىكىنى قارشى ئالدى ۋە يەنىمۇ كۆپ غەربلىك ھەم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بۇ سەپتىن ئورۇن ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت