جېنې بۇنىن: «دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك مۇسۇلمانلار نىڭ ھالى نېچۈك ؟»

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرى قاتتىق ئەيىبلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ خىتايغا مايىل بىر قىسىم چەتئەل تاراتقۇلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنماقتا. ئىككى ئاي ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان، ئامېرىكىلىق ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى جېنې بۇنىن ئۆزىنىڭ «دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك مۇسۇلمانلارنىڭ ھالى نېچۈك ؟» دەپ تېما قويغان ماقالىسى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ساختا تەشۋىقاتىغا رەددىيە بەردى. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەڭ يېقىنقى ۋەزىيىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كەلگەن بۇ چەتئەللىك تەتقىقاتچىنىڭ ماقالىسى ئارقىلىق يورۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ۋەزىيىتى ۋە ھال-ئەھۋالى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان تەتقىقاتچىلاردا زور ئىنكاس قوزغىماقتا. ئامېرىكىدىكى لويولا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور رايىن سام مەزكۇر ماقالىدا يورۇتۇلغان دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى. تەپسىلاتىنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە ئاڭلىتىدۇ.

خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى توغرىلىق خەۋەر ۋە تەنقىدلەرگە ئۇلىنىپ ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى جېنې بۇنىننىڭ «دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك مۇسۇلمانلارنىڭ ھالى نېچۈك ؟» ناملىق ماقالىسى 27-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر دىيارى تەتقىقاتچىسى دوكتور داررېن بايلېر تەھرىرلىكىدە غەرب دۇنياسىدا تارقىتىلىدىغان «خىتاي ئوتتۇرا ئاسىياسىدىكى ھايات سەنئىتى» ناملىق تور بەتتە، فەيسبوك ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىندى. خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلى ئەتىيازدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك لاگېرلارغا قاماۋاتقان شۇنداق ئېغىر بىر ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى ئىزتىراپلارنى يورۇتۇپ بەرگەن بۇ ماقالە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىپ، بەلگىلىك دىققەت ۋە مۇلاھىزە قوزغىماقتا.

10 يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىۋاتقان جېنې بۇنىن ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىگە كۆپ قېتىم بارغان بولۇپ، ئۇ بۇ ئون يىلنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكۈزگەن ۋە ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى پۇختا ئۆگەنگەن. ئۇ ئاخىرقى قېتىم بۇ يىل ماي ئېيىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. جېنې بونىن ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئەمەلىي ئەھۋالغا شاھىت بولغان بىر چەتئەللىك تەتقىقاتچى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇ ماقالىسىدە كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تاشقى تەشۋىقات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غەيرەت سەلەي ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنى «دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك كىشىلەر» دەپ ئاتىغان. جېنې بۇنىن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قانۇنسىز ھالدا جازا لاگېرلىرىغا سولاپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئەندىشىسىنى قوزغىغان ھازىرقى پەيتتىمۇ، مانا شۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئۇ جايدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇپ، ساختا تەشۋىقاتلارنى داۋراڭ قىلىۋاتقانلىقىنى ئىزاھلىغان.

ئاپتور بۇ ماقالىسىنى ئۇيغۇر تاماقلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتى ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئىچىدىكى 50 تەك شەھەردە ئېچىلغان 200 گە يېقىن ئۇيغۇر ئاشخانا ۋە رېستورانلىرىدا ئېلىپ بارغان زىيارەتلىرى داۋامىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كونتروللۇق ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىكى، ئىقتىسادى، كۈندىلىك تۇرمۇشى، ئوي-پىكرى، روھىي ھالەتلىرىگىچە ئىنتايىن چوڭقۇر سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى مىساللار ئارقىلىق يورۇتقان.

بۇنىن ئەپەندى بۇ ماقالىسىدە يەنە ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشقا ئامالسىز ھالەتتە ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تۇرماق، ھەتتا چەتئەللىكلەر بىلەن سۆزلىشىشىنىڭمۇ خەتەرلىك ۋەزىيەت يارىتىدىغانلىقىنى، ئەمما ئەنە شۇنداق ئېغىر بېسىم ۋە قىيىن ۋەزىيەتتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئۈمىدىنى، قەلب سۆزلىرىنى ئۇستىلىق بىلەن ۋە يۇمۇرىستىك كىنايىلەر ئارقىلىق ئىپادىلەپ بىلدۈرۈشكە ماھىر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئېلىپ بارغان قىسقا سۆھبەتلىرىدە، ئۇلارنىڭ چىراي ئىپادىلىرى، كىنايىلىك سۆزلىرى ئارقىلىق، قانداق سىگنال بېرىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلەرگە كەڭرى ۋە ئىنتايىن ئىنچىكە يورۇتۇپ بېرىدۇ.

ئۇ خىتاي چېگراسى ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئارا تۇغقانچىلىق، دوستلۇق مېھرى مۇھەببىتى ۋە ياردىمىنى يەتكۈزۈشكىمۇ چارىسىز ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ئۆزىنىڭ بىر كونا تونۇشىنىڭ بۇ قېتىم كۆرۈشكەندە ئەنسىزلىك ئىچىدە تۇرۇپ ئېيتقان «ھازىر ھەتتا مەن سېنى تونۇمايمەن» دېگەن سۆزى بىلەن ئىپادىلىگەن.

جېنې بونن بۇلتۇر ئەتىيازدىن باشلاپ ھازىرغىچە مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولانغانلىقى، يوقاپ كەتكەنلىكى، ھەتتا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىغا، ئۆزى ياخشى تونۇشىدىغان كېرەم ئىسىملىك ئۇيغۇر رېستوران خوجايىنىنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمىتىنى مىسال قىلىدۇ.

جېنې بۇنىن بىر قانچە قېتىم ئۇيغۇر دىيارى ۋە خىتاي ئىچىدىكى رېستورانلاردا نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بىلەن تونۇشقان بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىم ئۇچراشقاندا، يىللار ئاۋۋال ئۇچراشقان ۋاقىتتىكىدىن خېلىلا ئورۇقلاپ كەتكەن بىر ئاشپەزدىن ئۇنىڭ ئورۇقلاپ كېتىشنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، ئۇ ئاشپەزنىڭ مەنىلىك قىلىپ: «ئۆتكەن يىل بىز ھەممىمىز بەكلا ئورۇقلاپ كەتتۇق» دېيىش ئارقىلىق پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەردىن بېشارەت بەرگەنلىكىنى يازىدۇ.

جېنې بۇنىن يەنە بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە ئۇيغۇر رايونىدىن ھەر ئايدا ساقچىلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە كېلىپ ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ كېتىدىغانلىقىنى، يېقىندا ئۈن-دىداردا چەتئەل بىلەن ئالاقىسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ 400 دىن ئاشىدىغانلىقى، يېقىنقى ئايلاردا ھەتتا خىتاي ئىچىدە ئېچىلغان رېستورانلارنىڭ ئىگىلىرى ۋە ئاشپەزلىك ياكى كۈتكۈچىلىك قىلىۋاتقانلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرىنىڭمۇ دائىرىلەر تەرىپىدىن مەجبۇرىي يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېتىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئاشخانىلارنىڭ تاقىلىپ قېلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە يالغۇز ئۆزى بىلىدىغان 200گە يېقىن ئاشخانىنىڭ بۇلتۇر 6 سىنىڭ ئادەم قىس بولۇشى سەۋەبلىك تاقالغانلىقنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىدۇ.

ئۆتكەن ھەپتە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جېنې بۇنىن، ئۆزىنىڭ ئىگىلىگەن ۋە ھېس قىلغان بىر قاتار ئەھۋاللارنى راۋان ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى «تېخى يېتەرلىك دەرىجىدە يورۇتۇلمىدى» دېگەن ئىدى. ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان تەتقىقاتچىلاردىن ئامېرىكىدىكى لويولا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور رايىن سام مەزكۇر ماقالىنىڭ كىشىلەرنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى توغرۇلۇق پاكلار ۋە ئىنتايىن زور قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

ئاپتورنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ھېس تۇيغۇلىرىغىچە يورۇتۇشقا تىرىشقان، بولۇپمۇ ھازىرغىچە يورۇتۇلماي كەلگەن خىتاينىڭ ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدىكى مەلۇماتلارمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن، بۇ ھازىرقىدەك خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا ئۇيغۇر مەسىلىنى يورۇتۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارلا ئەمەس بەلكى ژۇرنالىست ۋە چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارنىڭمۇ بەلگىلىك خەتەر ھەم رىقابەتكە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنىڭ جانلىق مىسالى. ئەمما ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېڭى ۋە تېخىمۇ توغرا مەلۇماتلارنىڭ چىقىپ تۇرۇشى، دۇنيانىڭ خىتاينىڭ ھەقىقىي يۈزىنى ئېنىق كۆرۈشىگە پايدىلىق. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق ئېچىنىشلىق بىر ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، ئەمما بولۇپمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەقىقىي شاھىتلارنىڭ ئىسپاتلىق ماقالىسى دۇنياغا ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان ۋەزىيەتنى يورۇتۇشقا يەنە نۇرغۇن ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك تەرەپلەر بارلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ. بۇ ھالدىكى ماقالىلەر ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىزگە يېڭى چۈشەنچىلەرگە ئىگە قىلىدۇ».

ئاپتور جېنې بۇنىن بۇ بىر يىل ئىچىدە قەشقەر كوچىلىرىدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر رېستورانلىرى ۋە دۇكانلارنىڭ تاقىلىپ، كوچىلاردا ئۇيغۇرلار كۆرۈنمەس بولۇپ قالغانلىقىدەك كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى تەسۋىرلەپ بەرگەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ ھازىرقى چىقىۋاتقان خەۋەر ۋە ماقالىلەردە «ئۇيغۇر ۋەزىيىتى تېخى تولۇق يورۇتۇلمىدى» دېگەن بونن ئەپەندى بۇ ماقالىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئۆزگىرىشلىرىنى تەسۋىرلەپ، قەشقەردە بىر قانچە ئاي تۇرۇش جەريانىدا كۆرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ روھىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بىر ئۇيغۇرنىڭ ئېيتقان: «بىزنىڭ روھىمىزغا ئوق تەگدى» دېگەن سۆزى بىلەن شەرھىلىگەن.

مەزكۇر تەسۋىرلەرنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى ئويلىغانلىرىنى ئىپادىلىگەن دوكتور رايىن سام، «بىزنىڭ روھىمىزغا ئوق تەگدى» دېگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ بايانىنىڭ نېمىنى ئىپادە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «مىليونلاپ ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا سولىنىشىدىن ئۇلارنىڭ قانداق شارائىتتا ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز، لېكىن بۇ يەردە ئېغىر بەدەل تۆلەۋاتقانلار ئۇلارلا ئەمەس لاگېرلارغا سولانغان ۋە يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ تۇيۇقسىز جۇدالىقتا قالغان ئائىلىسى، دوستلىرىمۇ ئوخشاشلا روھىي جەھەتتىن ئېغىر بەدەل تۆلىمەكتە. بۇ ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان بۇ مىللەتنىڭ ھەقىقىي روھىي ھالىتىنىڭ ئىنتايىن سىمۋوللۇق بىر تەسۋىرى، دېمەك مىڭلىغان، مىليونلىغان ئۇيغۇرلار تۇتۇلدى، يوقاپ كەتتى، تۇتۇلمىغانلىرىنىڭمۇ روھى يارىلاندى».

ئاپتور جېنې بۇنىن ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى ياكى يوقىتىلىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى سۈپىتىدە، ئۆزىنىڭ بۇرۇندىن بىلىدىغان تونۇش-بىلىشلىرىنى سۈرۈشتۈرگەندە ئۇيغۇرلاردىن ئەڭ كۆپ ئالىدىغان جاۋابنىڭ ھەمىشە «يوق» دېگەن جاۋاب ئىكەنلىكىنى، بۇ ئۇيغۇرچىدىكى «يوق» سۆزىنىڭ، بىر يەرگە كەتكەن ياكى ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئەمەس ئەمەس، بۇ يەردە ئىز-دېرەكسىز يوق بولغانلىقىنى ئىپادە قىلىدىغانلىقىغا ئېنىقلىما بەرگەن. ئۇ، جەنۇبتىكى شەھەرلەردىكى «ئادەم يوق» بىر ماھىيەتلىك ۋەزىيەتنى تەسۋىرلىگەن.

ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ، ۋەزىيەتنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى «بەك چىڭ» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەيدىغانلىقى، تەشۋىش ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىنىڭ خىتاينىڭ لاگېرلىرىغا سولانغانلىقىنى «ئوقۇشتا، ئۆگىنىشتە» «تەربىيىلەشتە» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن ئىپادە قىلىشنىڭ ئومۇملاشقانلىقىنى شەرھىلىگەن.

ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلارنى يۇقىرى تېخنىكىلىق كۆزىتىش سىستېمىسى ئارقىلىق قانداق نازارەت قىلىۋاتقانلىقى، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ناماز ئوقۇشنىمۇ چەكلەۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھالدا خىتاينىڭ بايرىقىنى چىقىرىشقا، كومپارتىيىگە ئىپادە بىلدۈرۈپ قەسەم بېرىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىدەك مېڭە يۇيۇش سىياسەتلىرىنى بايان قىلغان. ئاپتور شۇنىڭدەك يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئانا تىلىنى چەكلەش ۋە دىنىي كونتروللۇقى قاتارلىق سىياسەتلىرى پەيدا قىلغان ئەندىشە ھەم تەسىرلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.

ماقالىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئىشلىتىپ، چەتئەلگە چىقىشى چەكلەنگەندىن سىرت ھەتتا ئۈندىداردا چەتئەلدىكى بىرەرى بىلەن ئالاقىسى بارلارنىڭمۇ نۆۋەتتە جازالىنىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى گۆرۈگە ئېلىش، تەھدىت قىلىش، بېسىم ئىشلىتىش سىياسەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغزىنى يېپىش ۋە ئاۋازىنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.

دوكتور رايىن سام، ماقالىنىڭ ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، «بۇ ماقالىدىكى پاكىتلىق مىساللار بىزگە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان، كۆزىتىش سىستېمىسى، قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى ۋە باشقا چەكلىمىلىرىنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارنىلا نىشان قىلىۋاتقانلىقىدەك بۇ سىياسىتىنىڭ بىر ئىرقىي ۋە مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى ئىكەنلىكىنى قايتىدىن ئىسپاتلىغاندىن باشقا، ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان تراگېدىيەنىڭ پەقەت رايون خاراكتېرىدىن ھالقىغان يەرشارى خاراكتېرلىك بىر كرىزىس ئىكەنلىكىنى تونۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ، چۈنكى ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ يۇرتىدىلا ئەمەس خىتايدا ھەتتا باشقا دۆلەتتە تۇرسىمۇ بەرىبىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر تۈرلۈك تەھدىتىگە ئۇچرىماقتا. ئەمما بۇ مەسىلە لاگېرلار قۇرۇلۇپ ئىسپاتلىنىپ 6 ئايلار ئۆتكەندىن كېيىن ئەمدىلىكتە ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، چەتئەللىك تەتقىقاتچىلار، ژۇرنالىستلار ۋە بەزى سىياسىيونلاردا بەلگىلىك تەسىر قوزغىماقتا. ئەپسۇس بىز كېچىكتۇق، لاگېرلاردا ئادەملەر ئۆلۈۋاتىدۇ، ئىنسانلار بېرىۋاتقان قۇربانلار، بۇ قورقۇنچلۇق سىياسەتنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئېلىپ كەلگەن بۇزغۇنچىلىق ۋە سەلبىي تەسىرلەرنىڭ ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدۇ. بۇ ئىنتايىن جىددىي مەسىلە، بۇنى دۇنيا جامائەتچىلىكى تونۇشى ۋە مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشى كېرەك، ھېلىمۇ كېچىكتۇق بىزنىڭ جىق ۋاقتىمىز قالمىدى» دېدى.

جېنې بۇنىن ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا «ۋەزىيەت ھامان ياخشىلىنىپ كېتىدۇ» دېگەن ئۈمىدىنى يوقاتماي ئىزتىراپ ئىچىدە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ بارغانچە ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى كۆرگەن ۋە ھېس قىلغاندەك بۇ تراگېدىيەنىڭ پەقەت بىر چۈش بولۇپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.

جېنې بۇنىن ئەپەندى ئالدىنقى ھەپتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىدا، گەرچە ئۆزىنىڭ بىر تىل تەتقىقاتچىسى سۈپىتىدە ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولۇپ ياشاپ تۇرغان بولسىمۇ، بەرىبىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى قەستەن ياتاقسىز قويۇپ قىستىشى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ دوستلىرى، تونۇشلىرىنىڭمۇ لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىدىن ئىنتايىن ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى، شۇلارغا بولغان سېغىنىش ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە بولغان گۈزەل ھېسسىي باغلىنىشىنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى يورۇتۇشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.