مەلۇمكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە، بولۇپمۇ قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى تەشكىللەش بىلەن بىر قاتاردا مەشرەپلەرنى قۇرۇش ئىشلىرىغىمۇ كىرىشكەن ئىدى. بولۇپمۇ مەزكۇر جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىللىققە ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇ يۆنىلىشتىكى ئىشلار خېلى جانلىنىپ، بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاننىڭ شەھەر ۋە ناھىيىلىرى بىلەن بىر قاتاردا، ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدىمۇ جۇمھۇرىيەت ۋە تاشكەنت شەھەر دائىرىسىدە مەشرەپلەر قۇرۇلۇپ، ئۇلار ئانا تىلىنى، مىللىي مەدەنىيەتنى تەرغىب قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا.
سانى جەھەتتىن قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىن كېيىنكى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرى ئاساسەن تاشكەنت شەھىرىنىڭ كىم پيونخۋا، بېكتېمىر، ئاخۇنبابايېف، سېرگېلى قاتارلىق رايونلىرىدا ئورۇنلاشقان. دەسلەپ ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ۋە مەشرەپلەرنى تەشكىللەشتە ئاساسلىق رول ئوينىغانلارنىڭ بىرى 80 ياشلىق يارمۇھەممەت ئاكا ئابدۇساتتاروفنىڭ ئېيتىشىچە، تاشكەنت شەھىرى ۋە ئۇنىڭغا يېقىن رايونلارنى ھېسابقا ئالغاندا 60-70 ئەتراپىدا مەشرەپ ئەھلى بار ئىكەن. ئۇ مەزكۇر مەشرەپلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىدىن كېلىۋاتقان ئەنئەنىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ھەر بىر مەشرەپتە ئۆزىگە لايىق يېرىنى ئاساس قىلغان ھالدا 10 ياكى 15 كىشىنىڭ يىغىلىشى بىلەن ئايدا بىر قېتىم ياكى 15 كۈندە بىر قېتىم مەشرەپ ئوينايدۇ. مەشرەپ ھەر دايىم ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىگە ياردەم بېرىپ، غەمخورلۇق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۆتكەن يىللاردا ئىككى قېتىملىق ئالماتاغا قىلغان زىيارىتىمدە ئۇلار ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدا چوڭ بىر مەشرەپ تەشكىل قىلغان ئىكەن. مەن بۇلارنىڭ نىزامنامىلىرىنى ئوقۇپ، قايىل بولدۇم. مەن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇ يەردىكىلەرگە تەشۋىق قىلدىم.»
يارمۇھەممەت ئاكا ھازىر جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى. ئۇ ئۆزىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىر مەشرەپ قۇرۇپ، ئۇنى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ بىر كېڭىشى سۈپىتىدە بېكىتكەن ھەم ھازىر كۆپچىلىكنىڭ قوللىشى بىلەن شۇ مەشرەپنىڭ بەگلىكىگە تەيىنلەنگەن. ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «ھازىر بىز مۇشۇ مەشرەپتە رەسمىي 25 بەگ ئوينايمىز. ئويۇن-كۈلكىلىرىمىز، يۈرىشىمىز ۋە باشقىلار ئۆزىمىزنىڭ ئاتا-بوۋىمىزدىن قالغان مەشرەپنىڭ ئۆزى. لېكىن ئازىراق قوشۇمچىسى، كۆپىنچە مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ غېمىنى قىلىمىز. شۇنداق قىلىپ ھازىرغا قەدەر تۆرتىنچى قېتىم ئۆتۈۋاتىدۇ. مەشرەپ يامان ئادەتلەرگە قارشى تۇرىدۇ. مەخسۇس فوندىمىز بار. خىراجەت قىلىش يوللىرىنى مەخسۇس ھەيئەت ئەزالىرى بىكىتىدۇ.»
ي.ئابدۇساتتاروفنىڭ ئېيتىشىچە، مەشرەپ خىراجىتى ناچار تەمىنلەنگەن ئائىلىلەرگە، پۇلغا مۇھتاجلارغا، شۇنداقلا مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئېھتىياجلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ، ئىككى-ئۈچ يىلدىن بۇيان بىر نەچچە كىشىنىڭ تەشكىللىشىدە تاشكەنت مەشرىپىنىڭ قۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم جۇمھۇرىيەت دائىرىسىدە مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە ھېسابات بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، مەشرەپنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسەك بىر مەھسۇلاتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «مەشرەپ مەدەنىيىتىمىزدىكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولغان مەزمۇنلۇق مىللىي ئەنئەنە. مەشرەپ خەلقىمىزنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتى، ساداقىتى، سەمىمىيىتىنى مۇجەسسەملەندۈرگەن ئىجتىمائىي مەزمۇنغا ئىگە بىلىم دەرگاھى. بىز مەشرەپنى يالغۇز كۆڭۈل ئېچىش جايىلا ئەمەس، ئۇ بىزنىڭ بىر بىلىم، تەجرىبە دەرگاھىمىز سۈپىتىدە ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن خۇشاللىقىمىزنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.»
ئەمدى يۇقىرىدا ئېيتىلىپ كەتكەن تاشكەنت مەشرىپى ھەققىدە ئۇچۇر ئېگىلەش مەقسىتىدە، بىز تاشكەنت شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان تاشكەنت شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئالىمجان زايېتوف بىلەن باغلىنىش قىلغىنىمىزدا، ئۇ، مەزكۇر مەشرەپنىڭ ماھىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز، چوڭلار، ئۆزىمىز قاتارلىق يىگىتلەر، ياشلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئاتا-بوۋىمىزدىن قالغان مەشرەپنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە تاشكەنت ئۇيغۇر مەشرىپىنى قۇردۇق. ئۇنى 2014-يىلى باشلىدۇق. خەلقىمىز بۇنى قوللاپ-قۇۋەتلەپ، ئۇنىڭغا قاتنىشىۋاتىدۇ. ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى، تارىخلىرىمىزنى ياشلارغا تونۇشتۇرىمىز. ھەر يېڭى يىلنى ئۆتكۈزگەندە زىيالىيلىرىمىزنى ياشلارغا تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. بۇ يىلى دۇنيا بويىچە چېمپيون بولغان تەنھەرىكەتچىلىرىمىزنى تونۇشتۇردۇق.»
ئا. زايېتوف ئۆز سۆزىدە، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىگە بۆلۈنگەن يەرگە مەدەنىيەت ئۆيىنى سېلىش ئىشلىرىنى، بىرىنچىدىن، ئەنە شۇ مەشرەپلەرنىڭ ئالاھىدە ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مەشرەپ ئەھلى ئەزالىرىنى كۆپەيتىش مەقسىتىدە تېخىمۇ جىددىي ئىشلارنى ئېلىپ بېرىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ شۇنداقلا ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر مەشرەپلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقىمۇ جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇر مەشرەپلىرى بىلەن باغلىنىش ياساش ۋە بىللە ئىشلەش ئىستىكىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00