قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا

0:00 / 0:00

رۇسىيە ۋە مەركىزىي ئاسىيا ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىلەرگە قارىغاندا، ئۆزبېكىستاندا ھاكىمىيەت بېشىغا شاۋكەت مىرزىيېيېف كەلگەندىن بۇيان، مەملىكەتنىڭ تاشقى سىياسىتىدە بىر قەدەر ئىلگىرىلەشلەر يۈز بەرگەن. بۇ، مەملىكەت پرېزىدېنتىنىڭ يېقىندا قىرغىزىستان، قازاقىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستانغا قىلغان رەسمىي سەپىرىدىن كېيىن ئايان بولماقتا. بۇ ماقالىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بولۇپمۇ قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

قازاقىستاننىڭ «فوربېس» ژۇرنالىنىڭ 27-مارتتىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان «قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان شېرىكلەرمۇ ياكى رىقابەتچىلەرمۇ؟» ناملىق ماقالىدە، تونۇلغان قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس دوسىم سەتپايېف ھەقىقەتەنمۇ ئۆزبېكىستاننىڭ تاشقى سىياسىتى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئوچۇقچىلىققا قاراپ يۈزلەنگەن تەقدىردە، مەركىزىي ئاسىيادا ئاستانا ۋە تاشكەنت مىسالىدا ئىككى ئابرۇيلۇق مەملىكەتنىڭ سەھنىگە چىقىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىلگىرىكى ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموفمۇ قازاقىستان بىلەن يېقىنلىشىش ھەرىكەتلىرىنى قىلغان. ئامما بۇ، كۆپىنچە سۇ مەسىلىسى سەۋەبىدىن يۈز بېرىپ، ئۆزبېكىستان دۆلىتى قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان بىلەن يامانلىشىپ، قازاقىستاننى بۇنىڭدا ئۆزىگە شېرىك، ئىتتىپاقداش سۈپىتىدە پايدىلانماقچى بولغان.

د. سەتپايېف مۇنداق دىگەن: «ئېيتماقچى، سۇ مەسىلىسى ئىككى پرېزىدېنت ئۇچرىشىشى داۋامىدىمۇ كۆتىرىلدى، لېكىن خېلى يۇمشاق مۇئامىلىدە. ھېچ بولمىغاندا، كەرىموفتىن پەرقى، مىرزىيېيېف چېگرا ئارا دەريالار ئەتراپىدىكى توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن بۇ رايوندا ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى يۈرگۈزۈشكە كىنايە قىلمىدى. ئۆز نۆۋىتىدە، نۇرسۇلتان نازاربايېف ئالەمشۇمۇل ئىسسىشتىن قىسقىراپ كېتىۋاتقان مەركىزىي ئاسىيانىڭ سۇ مەنبەلىرىنى بۇ رايوندىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەركىن ۋە تەڭ پايدىلىنىشى لازىملىقى مەسىلىسىدە تاشكەنتنىڭ تۇتقان ئەنئەنىۋىي مەۋقەسىنى قوللىدى.»

ئىككىنچىدىن، د. سەتپايېف مەركىزىي ئاسىيادا مۇشۇ كۈنگىچە يا بىر پۈتۈن ئىقتىسادىي بوشلۇقنى، يا ۋاقىتلىق سۇ-ئېنېرگىيە تەشكىلاتىنى قۇرۇش ياكى ئېكولوگىيىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بويىچە بىرلەشكەن لايىھىلەرنىڭ ئىشقا ئاشمىغانلىقىنى، مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ بۈگۈنكى دۇنياۋىي ئىقتىسادىي جەريانلاردىن سۈرۈنمەي ئۆتۈش ئۈچۈن بىر ئىتتىپاققا كېلىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مۇنداق ئىتتىپاق، ئۇنىڭ پىكرىچە، بۇ رايوننى تاشقى سەلبىي ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىدىيىۋىي ئەھۋاللاردىن ساقلاپ قالىدۇ.

ئۈچىنچىدىن، د. سەتپايېفنىڭ پىكرىچە، ئۆزبېكىستاننىڭ ئوچۇق ھالدىكى تاشقى سىياسىتى ۋە ئىقتىسادى قازاقىستان ئۈچۈن پەقەت ئىجابىي ئاقىۋەتلەرگىلا ئەمەس، بەلكى سەلبىي ئاقىۋەتلەرگىمۇ ئېلىپ كېلىشى ئېھتىمالدۇر. ئۆزبېكىستان ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلىرىنى ئۇتۇقلۇق ئەمەلگە ئاشۇرغان تەقدىردە، قازاقىستان ئۆزىنىڭ بۇ رايوندىكى ئىقتىسادىي تەسىر دائىرىسىنى يوقىتىشى مۇمكىن.

د. سەتپايېفنىڭ قارىشىچە، ئۆزبېكىستاننىڭ قازاقىستاندىن بىر ئارتۇقچىلىقى شۇنىڭدىكى، ئۆزبېكىستان ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدىن توقۇنۇشسىز ئۆتتى. قازاقىستاندا بولسا، بۇ ھازىرچە ئەمەلگە ئاشمىدى. ئۆزبېكىستان رەھبەرلىكى ئى. كەرىموف دەۋرىدە توپلىنىپ قالغان مەملىكەتنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى ئىقتىسادىي ھەم سىياسىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالىغان تەقدىردە، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قازاقىستانغا قارىغاندا، ئۆزبېكىستانغا بولغان قىزىقىشى كۈچىيىشى مۇمكىن، چۈنكى، ئۇلار قازاقىستاندىكى ھاكىمىيەت ئالمىشىشىدىن ئەنسىرىمەكتە ئىكەن.

ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستاننىڭ دوستلۇقى رۇسىيەنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى تەسىرىنى كۈچسىزلەندۈرىدۇ

ئەمدى «سېنتىر ئاسىيا» تور بېتىدە 24-مارت كۈنى ئېلان قىلىنغان «ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستاننىڭ دوستلۇقى رۇسىيەنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى تەسىرىنى كۈچسىزلەندۈرىدۇ» ناملىق ماقالىدە فىرانسىيەدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۆزبېك سىياسەتشۇناسى كامالىددىن رەببىموف ئۆزبەكىستان ۋە قازاقىستان ئوتتۇرىسىدا ئوچۇق ۋە تۇراقلىق گېئوسىياسىي كېلىشىم قولغا كەلتۈرۈلسە، تاشقى كۈچلەر تەسىرىنىڭ كۈچسىزلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ پىكرىچە، بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەل قىلىنمىغان يا تېررىتورىيىلىك، يا چېگرا، يا سىياسىي، يا ئىقتىسادىي مەسىلىلەر يوقتۇر.

رۇسىيەنىڭ «ۋېستنىك كاۋكازا» ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان يەنە ئاكا-ئىنىلار» دېگەن ماقالىدە، ئى. كەرىموفنىڭ كوللېكتىپلىق بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى ئەزالىقىدىن چىقىپ، يېڭى قۇرۇلۇۋاتقان ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، پات-پات چېگرىسىنى يېپىۋېلىپ، مەملىكەت مۇستەقىللىقىنى ساقلاشقا تىرىشىپ كەلگەنلىكى تەكىتلىنىدۇ. قازاقىستان پرېزىدېنتى ن. نازاربايېف يېڭى ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتىنىڭ سايلىنىشى بىلەنلا ئىككى ئوتتۇرىدىكى توسالغۇلارنىڭ ئېلىپ تاشلىنىپ، ئۆتكەن يىلنىڭ تۆرتىنچى چارىكىدىلا ئۆز-ئارا توۋار ئوبوروتىنىڭ 30 پىرسەنتكە ئۆسكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان مەركىزىي ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەتلەر بولۇپ، ئۆزبېكىستاندا 30 مىليون، قازاقىستاندا بولسا، 17 مىليون ئادەم ياشايدۇ. ئامما قازاقىستان ئىقتىسادى كۆپىنچە رۇسىيەگە بېقىندا بولۇپ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا رۇسىيەدە يۈز بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەر ۋە نېفىت باھاسىنىڭ ئەرزانلىشىش سەۋەبىدىن قازاقىستاندىكى ئادەم بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم قىسقىراپ كەتكەن. مۇنداق ئەھۋال ئۆزبېكىستاندا بايقالمايدۇ.

ماقالىدە شۇنداقلا كېيىنكى يىگىرمە يىل مابەينىدە قازاقىستاننىڭ مەركىزىي ۋە شەرقىي ئاسىيانىڭ ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىيە ساھەلىرىدە لىدېرغا ئايلانغانلىقى، ئەمدى بۇ مەيداندا ئۆزبېكىستاننىڭ پەيدا بولۇشى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئېلىپ كېلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس راسۇل جۇمالىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرى ئۆزبېكىستاننىڭ قوشنا، يەنى بولۇپمۇ قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن چېگرا ۋە سۇ مەسىلىلىرىدە سۈركىلىشلەر بولۇپ، بۇ ھەتتا بەزىدە قوراللىق توقۇنۇشلارغىمۇ ئېلىپ كەلگەن. ئۆزبېكىستاننىڭ شۇنداقلا ئىران، تۈركىيە ئوخشاش مەملىكەتلەر بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىرى ئانچە ياخشى بولمىغان. ئۇ پەقەت ش. مىرزىيېيېفنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشى بىلەن، ئۇنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىدە تىلغا ئالارلىق ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۈزۈل-كېسىل ئى. كەرىموف سىزغان سىياسەتتىن چىقىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئۆزبېكىستان ھەر قانداق تەقدىردە رايوندىكى ھەل قىلغۇچى مەملىكەتلەرنىڭ بىرى. رايوندىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزبېكىستانسىز ھەل قىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭلاشقا ئۆزبېكىستان بېتىنىڭ بۇ ياققا قاراپ ئۆزگىرىشى رايون ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىمدۇر. ئۇنىڭ كۆتىرىۋاتقان تەشەببۇسى سۇ، چېگرا مەسىلىلىرىنى ھەمكارلىشىپ ھەل قىلىشتىن، سودا-ئىقتىسادىي ئىتتىپاقنى قۇرۇش ئارقىلىق مەركىزىي ئاسىيانىڭ ھەممىگە ئورتاق بايلىقىنى بىللە پايدىلىنىشتىن ۋە باشقىلاردىن ئىبارەت. ئەلۋەتتە، بۇ خۇشال بولىدىغان ھادىسە. بۇ پەقەت ئۆزبېكىستانلا ئەمەس، بەلكى مەركىزىي ئاسىيانىڭ باشقىمۇ مەملىكەتلىرىگە، بولۇپمۇ قازاقىستانغا باغلىق.»

ر. جۇمالىنىڭ پىكرىچە، ش. مىرزىيېيېفنىڭ كۆتىرىۋاتقان تەشەببۇسلىرى كەچ بولسىمۇ، مەركىزىي ئاسىيا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇلارنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى پەقەت ۋاقىت كۆرسىتىدۇ.

ئۆز مەملىكەتلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلىمىساق، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ قاتتىق تەسىرى ئاستىدا قالىمىز

سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېئۇئوف ئىككى مەملىكەت ئارا ھەر ساھە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ، قوشنىدارچىلىق ئالاقىلەر قانچە ياخشى بولسا، ھەر ئىككى دۆلەت ھەم ئۇلارنىڭ خەلقلىرى ئۈچۈن شۇنچە پايدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۇلار پەقەت سىياسىي ئىسلاھاتلار يۈرگۈزگەن تەقدىردىلا بۇ رايوندا لىدېر بولالايدۇ. ئەپسۇسكى، بىز بۇنى كۆرمەيۋاتىمىز. بىزنىڭ قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستانغا بېرىدىغان ھېچقانداق تەكلىپىمىز يوق. تۈركمەنىستانغىمۇ شۇ، چۈنكى ئۇ خۇددى ئايرىم بىر ئارال سۈپىتىدە ياشاۋاتىدۇ. مۇبادا ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستاندا ئىنسان ھەقلىرىنى ساقلاش ئىشلىرى، سىياسىي ئىسلاھاتلار يۈز بەرسە، ھەقىقەتەنمۇ ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي قۇدرىتى ھەقىقىي پۇقرالىق جەمئىيەتنىڭ راۋاجلىنىشى بىلەن بېكىتىلگەن بولاتتى. ئۇ چاغدا مەركىزىي ئاسىيادىكى مەملىكەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا يېقىنلىشىشى تېخىمۇ مۇستەھكەم بولغان بولار ئىدى. بىز ئۆزىمىزنىڭ مەركىزىي ئاسىيا تەشكىلاتىنى قۇرغان بولاتتۇق.»

غ. ئاگېلېئۇئوف ش. مىرزىيېيېفنىڭ قازاقىستانغا كېلىپ، ئۆز-ئارا ئالاقىلەرنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش، مەركىزىي ئاسىيادىكى ئومۇمىي ئەھۋالنى ياخشىلاش بويىچە قازاقىستان پرېزىدېنتىغا تەكلىپلەرنى بېرىشىنىڭ چوڭ ئىلگىرىلەش بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ شۇنداقلا، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان باشلىق مەركىزىي ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئۆز-ئارا سىياسىي، سودا-ئىقتىسادىي ئالاقىلىرى بۇنىڭدىن كېيىن مۇستەھكەملىنىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئىشەنچ ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۇ مىللىي رەھبەرلەرنىڭ ئۆز مەملىكەتلىرىنىڭ قانۇنلىرىنى قوغداش، بىزنىڭ مەملىكەتلىرىمىزدە ئىشلەۋاتقان چەتئەللىكلەردىن، بىرىنچى نۆۋەتتە، خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلىرىدىن بۇ قانۇنلارنى ھۆرمەتلەشنى تەلەپ قىلىشتۇر. بۇ شۇنداقلا خىتاي كاپىتالىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە كىرىپ كېلىشىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەگەر بىز ئۆز مەملىكەتلىرىمىزنىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكىنى ئويلىمايدىغان بولساق، بىز دائىم رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ قاتتىق تەسىرى ئاستىدا قالىمىز.»

سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ پىكرىچە، ش. مىرزىيېيېف ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن بۇيان، مەملىكەتنىڭ ئىچكى سىياسىتىدە بىر قەدەر ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، تۈرمىدىن بىر نەچچە سىياسىي مەھبۇسلار بوشىتىلغان. ئۇ بۇنىڭدىن تاشقىرى، مىللەتلەر ئارا ئىناقلىقنىڭ، مۇقىملىقنىڭ بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلۇپ، قازاقىستانغا ئوخشاش خەلقئارا مىللىي مەركەزلەر ئىشىنى كۈچەيتىشنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغىمۇ يەر بېرىپ، مەدەنىيەت مەركىزىنى سېلىڭلار ۋە ھاكازا دېگەندەك باشقىمۇ مىللەتلەرگە كەڭچىلىك قىلىۋاتىدۇ. ئامما، مېنىڭ پىكرىمچە، يېقىنقى ۋاقىتتا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان كۆز قارىشى، مەۋقەسى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىنى چەكلەش سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ. ئومۇمەن ش. مىرزىيېيېف كېيىنكى يىللاردا ئى. كەرىموف تىكلىگەن سىياسەتنى سەل-پەل پەدەزلەپ، داۋاملاشتۇرۇۋېرىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

ق. غوجامبەردىنىڭ قارىشىچە، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىكى مەدەنىي ئالاقىلەرنىڭ كېلەچەكتە قانداق داۋام قىلىدىغانلىقىنى پەقەت ۋاقىت كۆرسىتىدۇ.