ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىگە تاشكەنت شەھىرىدىن يەر ئاجراتتى

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، ئۆزبېكىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن بۇيان مەملىكەتتە قۇرۇلغان مىللىي مەركەزلەر ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تەرغىب قىلىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولغان ئىدى. شۇ جۈملىدىن 1989-يىلى تەشكىللىنىشكە باشلىغان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىمۇ بۇ يۆنىلىشتە بىر قاتار ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇردى. دەسلەپتە ئۇنىڭ بېشىدا تونۇلغان زىيالىي، شۇ ۋاقىتلاردا ئۆزبېكىستان دۆلەت رادىيو-تېلېۋىزىيە كومىتېتى باشلىقىنىڭ ئورۇنباسارى لاۋازىمىنى ئاتقۇرغان خېلەم خۇدايبەردىيېف بولدى. لېكىن ئۇ سالامەتلىكى سەۋەبىدىن بۇ ئىشنى 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئابدۇلجان بەرايېفقا تاپشۇردى. ئا. بەرايېف مەركەز رەئىسى بولۇپ 1994-يىلغىچە ئىشلىدى.

ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ تۇنجى ئۇتۇقلىرى ئەنە شۇ ئا. بەرايېف رەئىسلىك قىلغان ۋاقىتقا توغرا كەلدى. ئۇ مەركەزنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى، ئەدەبىياتىنى، تارىخىنى ئۆگىنىشنى مەقسەت قىلغان ھالدا، «ئەجدادلىرىمىز كىم؟» دېگەن ماۋزۇدا چوڭ پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭغا پۈتكۈل ئۇيغۇر تارىخچىلىرىنى، شائىر-يازغۇچىلىرىنى، باشقىمۇ ساھە ئالىملىرىنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «1991-ۋە 1991-يىلى تاشكەنت شەھىرىنىڭ تېلمان بېغىدا ئۇيغۇر سەيلىسىنى ئۆتكۈزدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئىناۋەتلىك دەرىجىگە كۆتۈرۈلۈپ قالغان ئىدۇق. جاي-جايلاردا بىزنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى تىللارغا ئېلىنىپ، گېزىتلاردا يېزىلىپ يۈردى. شۇنىڭ يارقىن بىر ئىپادىسى ئۆزبېكىستان مۇستەقىللىقى ئېلان قىلىنغان كۈنى مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ رەئىسلىرىنى تېلېۋىزىيەگە چاقىرغان. شۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارمۇ بولدى، كېيىن ئىشلار يەنىمۇ جانلىنىپ كەتتى. تۈركىيەنىڭ پرېزىدېنتى سۇلايمان دەمىرەل كەلگەندە بىزنى رەسمىي چاقىرغان. بىز تۈركىيە بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتلەر ئورنىتىپ، ئۇ يەردە بالىلارنى ئوقۇتۇشقا كېلىشكەن ئىدۇق. لېكىن بىز بۇنى ھەل قىلالمىدۇق. 1992-يىلى پۈتكۈل دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتايلىرىغا قاتنىشىش ئىمكانىيىتىمۇ بولماي قالدى.»

ئا. بەرايېفنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر بىر مەركەز رەئىسى ئۆزىنىڭ ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە ئىشنى جانلاندۇرۇشقا، مەركەزنى گۈللەندۈرۈشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما كۆپلىگەن ئىشلار ئەمەلگە ئاشماي قالغان ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بولۇپمۇ، ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى چوڭ دەرىجىدە ئېلىپ بارالمايۋاتىمىز. بېكتېمىردە ئۇيغۇر سىنىپلىرىنى ئېچىش بويىچە كۆپ ئىش قىلىندى. ئالدىدا بىرىنچى سىنىپقا 32 بالا يىغىلدى، كېيىن 22گە، ئاندىن 16گە چۈشۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنى ئېچىشقا ئىمكانىيەت بولمىدى. قارا قامىشتا مۇرات ھەمرايېفنىڭ نامىغا بەرگەن بىر مەكتىپىمىز بار. كېيىنكى ۋاقىتتا ئۇنىمۇ تارتقۇزۇپ قويدۇق.»

ئا. بەرايېف ھازىرقى كۈندە جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىدە ھەلىمە باراتوۋانىڭ، شەھەرلىك مەركەزدە بولسا، ئالىمجان زايېتوفنىڭ ياخشى ئىشلارنى قولغا ئالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ شۇنداقلا مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدا «گۈلدەستە» مىللىي ئانسامبىلىنىڭ قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ بەدىئىي رەھبىرىنىڭ يەنە شۇ ھ. باراتوۋا ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىش بويىچە رەيھان ھاشىموۋانىڭ ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى يىغىلىشى
ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى يىغىلىشى (RFA/Oyghan)


بىز تاشكەنت شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئالىمجان زايېتوف بىلەن ئالاقە قىلغىنىمىزدا، ئۇ بۇ يىلى نورۇزغىچە مەركەز نامىدىن «تەكلىماكان» ناملىق ئۇيغۇر تىلىدا ژۇرنالنىڭ يورۇق كۆرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بىلەن بىۋاسىتە ئا. بەرايېفنىڭ ئوغلى مۇرات بەرايېفنىڭ شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىدا گېزىت نەشر قىلىش بويىچىمۇ تەشكىلىي ئىشلارنىڭ كېتىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئا. زايېتوف ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا جۇمھۇرىيەتلىك ۋە شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ ھېسابات يىغىنى بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «جۇمھۇرىيەت رەئىسىنى سايلاشتا بىزدە شۇنداق خۇشاللىق بولدىكى، يېڭى پرېزىدېنتىمىز سايلىنىپ، ئۇ يېڭى ۋەدىلەر بىلەن خەلققە چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىزگە يەر ئاجرىتىلدى. ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىش يىغىنىغا مۇشۇ يېڭى سايلانغان ھەدىمىز بارغان ئىدى. ھ. باراتوۋا "بىزگە يەر كېرەك، بىز ئۆز مەبلىغىمىز بىلەن مەدەنىيەت ئۆيى قۇرىمىز" دېدى. شۇ مەسىلە بىلەن شەھەرنىڭ سېرگېلى رايونىدا بىر گېكتاردىن ئارتۇقىراق جاي ئاجرىتىلدى. بۇنىڭ لايىھىسىنىمۇ تاپشۇردۇق. بۇ يەردىكى خەلقىمىز ھەممىسى بۇنىڭغا تەييار. بىزنىڭ يېڭى پرېزىدېنتىمىز ھەر بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىگە 25 مىليون سومدىن بەردى. ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىگىمۇ بۇ پۇل چۈشتى.»

ئا. زايېتوف مەزكۇر مەدەنىيەت ئۆيىدە سەنئەت ئۆمەكلىرى، كىتابخانا، مۇزېي، تىل، ئەدەبىيات ۋە تارىخنى ئۆگىنىش كۇرسلىرى ۋە باشقىلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى، بىنانى سېلىشقا پۈتكۈل تىجارەتچىلەرنى، چوڭ خىزمەتلەردىكى ۋەتەنداشلىرىنى، ياشلارنى، ھەتتا باشقىمۇ دۆلەتلەردىن ياردەم بەرگۈچىلەرنى جەلىب قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇ يىلقى پىلانلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىلى 2016-يىلغا قارىغاندا، كۆپىرەك ئىشلىمەكچىمىز، چۈنكى جۇمھۇرىيەتلىك ۋە شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركەزلىرىگە يېڭى ئەزالار كەلدى. ئىككى مەركەز بىرلىشىپ ئىشلىمەكچىمىز. ئەڭ بىرىنچى مەسىلە، مەدەنىيەت ئۆيىنى قۇرۇش. ئىككىنچىدىن، ئىشلىرىمىزغا ياشلارنى جەلب قىلماقچىمىز. 19-فېۋرالدا ژۇرنالىستلىرىمىزنى يىغماقچىمىز. سېنتەبىر ئېيىدا يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ 1000 يىللىقىنى چوڭ ئۆتكۈزمەكچىمىز.»

ئا. بەرايېف ھەم ئا. زايېتوف ئۆز سۆزلىرىدە باشقىمۇ جۇمھۇرىيەتلەردىكى قېرىنداشلىرى بىلەن ئالاقە باغلاپ، بىرلىكتە ئىش ئېلىپ بېرىش خاھىشىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.