ۋاشىنگتوندا ئۇيغۇرلار ئۆكتەبىرنى كۆك بايراق رەڭگىدە كۈتۈۋالدى
2013.09.30
«شەرقىي تۈركستانغا ئازادلىق!»، «خىتايلار ۋەتىنىمىزدىن چىقىپ كەتسۇن»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى توختاتسۇن !» چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆكتەبىر ئېيىغا مانا بۇ جەڭگىۋار شوئارلارسىز كىرمەيدۇ، يىللاردىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ - 1 ئۆكتەبىر خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنىڭ ھارپىسىدا، نامايىش ئۆتكۈزۈشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغان.
شۇ ئارقىلىق ئۇلار خىتاينىڭ زۇلۇمىغا باش ئەگمەيدىغانلىقىنى، ۋەتىنىنىڭ ئازادلىقىغا بولغان ئۈمىد - ئىشەنچىسىنى قايتا نامايان قىلىپ كەلمەكتە. 30 - سېنتەبىر ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلغان ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشلامچىلىقىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركستاننى بېسىۋالغانلىقىنىڭ 64 يىللىقىغا قارشى نارازىلىق شوئارىنى قايتا ياڭراتتى. مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە نامايىش نەق مەيدانىدىن خەۋەر بېرىدۇ.