ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئامېرىكانىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا 27-28 سېنتەبىر كۈنلىرى 4-نۆۋەتلىك «خىتاي مۇھاكىمە مۇنبىرى» يىغىنى چاقىرىلدى. مەزكۇر يىغىن ئامېرىكىدىكى چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان «كوممۇنىزم قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش فوندى جەمئىيىتى» تەرىپىدىن يىلدا بىر قېتىم ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان يىغىن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىقتىساد، تىجارەت، تاشقى سىياسەت، كىشىلىك ھوقۇق ۋە سىياسىي تەرەققىيات ساھەسىدىكى ئىلمىي خادىملار، تەتقىقاتچى-مۇتەخەسسىسلەر ۋە سىياسەتچىلەرنى بىر ئارىغا جەم قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكىلىقلارنىڭ خىتاي دۆلىتى ۋە كومپارتىيىسىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىشى، ئامېرىكا-خىتاي ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى چۈشىنىش ھەم پىكىر ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
مەزكۇر يىغىنغا سۆزلىگۈچى بولۇپ قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر ئىككى كۈنلۈك يىغىن كۈن تەرتىپى بويىچە بېيجىڭنىڭ بېسىم ۋاسىتىلىرى، مۇكەممەللەشكەن ھاكىممۇتلەق سىستېمىسىغا قاراپ مېڭىشى، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى يېڭى رىقابەتلەر، خىتايدا ھەقىقەتنى سۆزلەش، خىتاي ئىقتىسادىي، خىتايغا قارىتىلغان سىياسەتلەردىكى ئۆزگىرىش قاتارلىق تېمىلار بويىچە دوكلات بەرگەن. دوكلاتتىن كېيىن سوئال-جاۋاپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، سورالغان سوئاللار ئاساسىدا مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىلغان. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىم يىغىنغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يىغىن جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقىرى پەن-تېخنىكا، ئىقتىساد ۋە ئادەم كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ يۈرگۈزۈۋاتقان لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ ناھايىتى كەڭ دائىرىدە مۇنازىرە قىلىنغان.
يىغىندا دوكلات بەرگۈچىلەر ئارىسىدا ئۇيغۇرلارغا ئىنتايىن تونۇشلۇق بولغان ئىككى ئىسىم بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادريان زېنز ۋە فىرانسىيەلىك ژۇرنالىست ئۇرسۇلا گوتىيەر خانىم. ئادريان زېنز ئەپەندىنىڭ دوكلاتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى ھەققىدە بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە خىتايدىكى ھەرقايسى يەرلىك تور بەتلەردە چىقىرىلغان خەۋەرلەر، قۇرۇلۇش ئېلانلىرى ۋە گۇگۇل شىركىتىنىڭ پروگراممىسىدىكى سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان لاگېر سۈرەتلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، لاگېرلارنىڭ قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكى، سىغىمى، ئىلغار نازارەت سىستېمىلىرى قاتارلىقلار ئۈستىدە تەپسىلىي دوكلات بەردى. ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى «كەسپىي تەربىيىلەش ئورنى» دەپ ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بۇ ئورۇنلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا مەجبۇرىي ۋە مۇددەتسىز ھالدا سولانغانلىقى، لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنىڭ ھەتتا ھاجەتخانىدىمۇ كامېرالار ئارقىلىق كۈزىتىلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشتۈرۈلمەيدىغانلىقىدەك بىر قاتار پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تۇرۇپ، لاگېرلاردا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمنى سۈرەتلەپ بەردى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق ھازىر ئۇيغۇرلارغا «social re-engineering»، يەنى «قايتىدىن ياساپ چىقىش قۇرۇلۇشى» يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، قىسقىسى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقانلارنىڭ كېلەچەكتە خىتاينىڭ ھەممە يېرىگە كېڭىيىشى مۇمكىنلىكى ۋە بۇنىڭ ئاللىقاچان يۈز بېرىشكە باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇرسۇلا خانىم بولسا ئۆزىنىڭ دوكلاتىدا خىتايدىكى چەتئەللىك ژۇرنالىستلار ئۇچرايدىغان بېسىم ۋە چەكلىمىلەر ئۈستىدە توختىلىپ، خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، بولۇپمۇ ھازىرقى ۋاقىتلاردا خىتايدا ئاخبارات دەپ بىر نەرسە قالمىغانلىقى، خىتاي مۇخبىرلىرىنىڭ ھازىر پەقەتلا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەشۋىقاتىدىن باشقا ئىش قىلالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەجرىبىلىرىنى سۆزلىگەندە ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپ توختالدى ۋە ئۆزىنىڭ دەل ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەرنى خەۋەر قىلغانلىقى ئۈچۈن ۋىزىسى بىكار قىلىنىپ خىتايدىن قوغلانغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە ئەينى چاغدا ئۆزى قوغلانغاندا ئەمدى خىتايدا ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق ئەمەلىيەتنى يازىدىغان مۇخبىر قالماي قالارمۇ؟ دەپ ئەندىشە قىلغانلىقىنى، بىراق بۇ ئەندىشىنىڭ ئەكسىچە ھازىر نۇرغۇن چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر يېزىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ئامېرىكا مۇخبىرلىرىنىڭ بۇ جەھەتتە ناھايىتى زور خىزمەتلەرنى قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە: «بۇ، دېمەك بۇ بېسىم بىلەن ياكى ئۆچ ئېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئىنسانلارنى ئەمەلىيەتنى سۆزلەشتىن ھەرگىزمۇ توسۇپ قالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.
ئۇرسۇلا خانىمنىڭ سۆزى ئاياغلاشقاندا يىغىن باشقۇرغۇچىسى بولغان جوش روجىن ئەپەندى ئۇرسۇلا خانىمدىن ئۇ -2014 يىلى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغاندا ھازىرقىدەك لاگېرلارنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىدەك بىر شەپە بار-يوقلۇقىنى سورىدى. ئۇرسۇلا خانىم بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «-2014 يىلى شىنجاڭنى زىيارەت قىلىۋاتقان ۋاقتىمدا ئۇ يەردە ناھايىتىمۇ قاتتىق كونترولنى ۋە نازارەتنى ئاللىقاچان يولغا قويۇپ بولغان ئىكەن. ئۇيغۇرلار ئاللىقاچان شۇنچىلىك قورقۇنچ ئىچىدە قاپتىكەن. قىسقىسى ھېچكىم جۈرئەت قىلىپ بىر چەتئەللىك مۇخبىر بىلەنمۇ سۆزلىشەلمەيتتى. ئاشۇنداق ئىكەن، مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى لاگېرغا سولاۋاتقانلىقىنى مەن قەتئىي چۈشىنەلمىدىم. مەن بۇنداق لاگېرلارنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم» دېدى. ئۇرسۇلا خانىم سۆزىدە مۇھىم بىر نۇقتىنى ئەسكەرتتى، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى لاگېرغا قاماۋاتقانلىقى، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ياخشى ئۆتىدىغان، ئۇلارنىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ كەلگەن، بالىلىرىنى ئامېرىكىدا ياكى فىرانسىيەدە ئوقۇشقا ئەۋەتەلەيدىغان تۇرمۇش سەۋىيەسىگە ئىگە كىشىلەرنى ئەدەپلەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىگە دوست كىشىلەرنى دۈشمەنگە ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى قەتئىي چۈشىنەلمىدىم» دېدى.
يىغىن داۋامىدا سۆز قىلغان باشقا تەتقىقاتچىلارمۇ بىردەك ئۆزلىرىنىڭ تېمىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى بىر سىناق مەيدانى قىلىپ قوللىنىۋاتقانلىقى ۋە بۇ سىياسەتلەرنىڭ كەلگۈسىدە پۈتۈن دۇنياغا بىر تەھدىت بولۇش ئېھتىمالىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرىلىقى ۋە بۇنى توختىتىش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. زۇبەيرە خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئەڭ مۇھىم پەرقى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ھەممە ساھەلىرىگە بېرىپ تاقىلىدىغان مۇھىم مەسىلىگە ئايلانغانلىقىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدىكەن.