ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەدەنىي يىغىلىشىنى چەكلىشى خەلقئارادا غۇلغۇلا قوزغىدى

0:00 / 0:00

30-ماي كۈنى ۋېنگىرىيە پايتەختى بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەدەنىي يىغىلىشى ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەنگەندىن كېيىن، ۋېنگىرىيەدىكى يەرلىك مەتبۇئاتلار ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىكى بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۇ ۋەقە زور مەسىلە سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىپ، زور غۇلغۇلا قوزغىدى.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە قوشۇلۇپ، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئۇلرىك دېليۇس تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان نارازىلىق باياناتى تاكى 4-ئىيۇنغا قەدەر گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن يەر ئېلىپ، ياۋروپا ئەللىرىنىڭ دىققىتىنى چەكتى. ئۇلرىك دېليۇس ئۆز باياناتىدا ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىنى «ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئەھدىنامىسىگە خىلاپلىق قىلدى» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. خەۋەرلەردە، ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ بېسىمى ھەم تۆھمىتى بىلەن ئۇيغۇرلارغا يولسىزلىق قىلغانلىقى تىلغا ئېلىندى.

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى قاتارلىق بىر قىسىم ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى بىرلىشىپ ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن ياۋروپا پارلامېنتىغا ئەرز سۇنۇپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەدەنىي يىغىلىشىنى قانۇنسىز ھالدا چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن ۋېنگىرىيەنى جازالاشنى تەلەپ قىلماقچى بولغان.

بۇ قېتىمقى ياشلار يىغىنى ئۈچۈن ۋېنگىرىيەگە بېرىپ، ۋېنگىرىيە بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن 11 سائەت تۈرمىگە سولانغان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى ۋە ۋەقەنىڭ نەق مەيداندىكى شاھىتلىرىدىن د ئۇ ق نەشرىيات-تەشۋىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى ھەمدە د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىلەر بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر ۋەقەگە بولغان قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دىققىتىڭلار بۇ خەۋەرنىڭ تەپسىلاتىدا بولغاي.