ئۈمىد ئاگاھى، ھون-ئۇيغۇر دوستلۇقىنىڭ ئالتۇن مېدالى بىلەن مۇكاپاتلاندى

0:00 / 0:00

بۇ يىل 5-ئاينىڭ 30-كۈنى ھەر قايسى ئەللەردىن كەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرى ۋېنگىرىيە پايتەختى بۇداپېشتقا توپلىنىپ د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى چاقىرماقچى بولغاندا، ۋېنگىرىيە بىخەتەرلىك دائىرىلىرى يىغىن زالى ۋە مېھمانخانىلارنى پېچەتلەپ، پائالىيەت يېتەكچىسى، د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىنى 11 سائەت قاماپ قويۇپ، ئاندىن ئۇنى «تېررورچى» لىق بەتنامى بىلەن ۋېنگىرىيە چېگرىسىدىن قوغلاپ چىقارغان ھەمدە قايتا ۋېنگىرىيەگە كىرىشىنى چەكلىگەن ئىدى. 18-ئاۋغۇست كۈنى، ئۇ ھونلار قۇرۇلتىيىنىڭ تەكلىپى بىلەن بۇداپېشتقا بېرىپ، ئۇيغۇر-ھون دوستلۇقىنىڭ ئالتۇن مېدالىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىدىن ئېرىشكەن مەلۇماتلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل ماي ئېيىنىڭ ئاخىرى خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن ۋېنگىرىيە بىخەتەرلىك دائىرىلىرى د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى ۋېنگىرىيەدە چاقىرىشنى مەنىي قىلغاندىن بۇيانقى 3 ئايغا يېقىن ۋاقىت، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋېنگىرىيەدە ناھايىتى كەڭ تونۇلغان ھەمدە قىزىق مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلانغان بىر دەۋر بولغان. ۋېنگىرىيەنىڭ دۆلەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، يەرلىك تەشۋىقات قوراللىرى ھەم ئىنتېرنېت سەھىپىلىرى 11 سائەت قاماپ قويۇلۇپ چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ۋە ۋېنگىرىيەگە قايتا كىرىشى چەكلەنگەن ئۇيغۇر ۋەكىلى ئۈمىد ئاگاھى توغرىسىدا نەچچە يۈز پارچە ماقالىلەر ئېلان قىلغان.

د ئۇ ق يىغىنىنىڭ ۋېنگىرىيەدە چەكلىنىشى، ئۇيغۇر ۋەكىلىنىڭ 11 سائەت قاماپ قويۇلۇش ۋە چېگرىدىن چىقىرىۋېتىلىش مەسىلىسى يالغۇز ۋېنگىرىيە ئاخبارات ساھەسى ھەم ۋېنگىرىيەدىكى ئۇيغۇرپەرەستلەر، زىيالىيلار قاتلىمى، ھونلار قۇرۇلتىيىغا ئوخشاش چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغاپلا قالماستىن، بۇ مەسىلە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى. مەسىلىگە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، گېرمانىيەنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئارىلىشىپ، ياۋروپا پارلامېنتىدا ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى.

ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىنىڭ ئىزاھلىشىچە، ۋېنگىرىيە سوتى ۋېنگىرىيە بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن چىقارغان ھۆكۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ ۋېنگىرىيەگە قايتا كىرىش ھوقۇقىنى تونۇيدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقى، خىتاينىڭ ۋېنگىرىيەگە 100 مىليارد ۋېنگىرىيە پۇلى قەرز بېرىشكە تايانغان ئۇيغۇرلارغا قارشى سىياسىي سۇيىقەستىنى مەغلۇپ قىلىپلا قالماي، ۋېنگىرىيەدە ئۇيغۇر سەۋدالىقىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا سەۋەب بولغان. سوتنىڭ ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ۋېنگىرىيە دائىرىلىرى ئۈمىد ئاگاھى ئۈچۈن مەخسۇس مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا پىكىر بايان قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن. بىراق، ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ يىغىندا خىتاي مەسىلىسىنى تىلغا ئالماسلىقنى شەرت قىلغان. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى مۇخبىرلارغا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىلىق كەڭ مەلۇمات بېرىپلا قالماي، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شەرتىنى رەت قىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان.

18-ئاۋغۇست بۇداپېشتتىكى ھونلار قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا 500 ئەتراپىدىكى ماجار زىيالىيلىرى ئىشتىراك قىلغان. مۇراسىمدا ئۇيغۇر ۋەكىلى ئۈمىد خەمىت ئاگاھىنى ئۇيغۇر-ھون مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قۇرغۇچىسى، دەپ ئاتاپ، شەرەپ گۇۋاھنامىسى ۋە ئالتۇن مېدال تەقدىم قىلغان. ئۇلار ۋېنگىرىيە بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ خاتا ھۆكۈمى ۋە يولسىزلىقلىرىدىن پۈتۈن ھون خەلقىگە ۋاكالىتەن ئەپۇ سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. يىغىن ئەھلى ئۈمىد ئاگاھى زالغا كىرگەندە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ئالقىش سادالىرى بىلەن قارشى ئالغانغا ئوخشاش، ئۇ ئۇيغۇر-ھون مۇناسىۋەتلىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىمۇ ئۇزۇن ئالقىش ياغدۇرغان ۋە ئۇنىڭ نۇتقىنى قىزغىن چاۋاكلار ئىچىدە ئاڭلىغان.