غەرب مەتبۇئاتلىرى: ۋىيېتنام ئەسكىرىي قۇۋۋەتلىرىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ

0:00 / 0:00

غەرب سىياسىي ئانالىزچىلىرى، ۋىيېتنامنىڭ ئەسكىرىي قۇۋۋەتلىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ماجىراسى سەۋەبلىك ھەربىي تەرەققىياتتا زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن قۇدرەتلىك قوشنىسى خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بار كۈچى بىلەن ئەسكىرىي قۇۋۋەتلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە.

گېرمانىيە دولقۇنلىرىنىڭ 17-دېكابىردىكى «ۋىيېتنام ئەسكىرى كۈچىنى كۈچەيتىپ، كۈچلۈك خىتايغا تاقابىل تۇرماقتا» ناملىق خەۋىرى ۋە 16-دېكابىردىكى «ئاۋسترالىيە ھەربىي ئايروپىلانلىرى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، ئىگىلىك ھوقۇق ماجىراسى پەيدا قىلدى» ناملىق خەۋەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ ھەربىي ئايروپىلانلىرى ۋە پاراخوتلىرى خىتاي ئىگىلىك ھوقۇق دەۋاسى قىلىۋاتقان جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى تەۋەسىگە كىرىپ، خىتاي تەرەپنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

خىتاي ئىگىلىك ھوقۇق دەۋاسىنى قىلىۋاتقان جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغا قارىتا فىلىپپىن، ھىندونېزىيە، مالايشىيا، ۋىيېتنام، كامبودژا قاتارلىق شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىمۇ ئىگىلىك ھوقۇق دەۋاسىدا بولۇپ، خىتاي ئەسكىرى كۈچىنىڭ كۈچىيىشى ۋە خىتاينىڭ بۇ دېڭىز تەۋەلىكىدە سۈنئىي ئاراللارنى ياساپ ھەربىي بازا قىلىشى ئۇزۇندىن بۇيان رايوننىڭ تىنچلىقىغا تەھلىكە پەيدا قىلىپ كەلگەن. بۇ يىل 11-ئايدا ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە بىرلىكتە سېيدنىيدا ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، «تەھدىت، زورلۇق ۋە ھەربىي كۈچ قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ زېمىن ھەم دېڭىزلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دەۋاسى قىلىشقا قەتئىي قارشى تۇرىمىز» دېگەن ئىدى. ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ھەتتا ھىندىستانمۇ بۇ رايوننىڭ ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان دۆلەتلەردۇر.

خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق تەرەپتىن كېلىدىغان ئېغىر تەھدىتكە يولۇقۇۋاتقان دۆلەتلەر ئىچىدە ۋىيېتنام ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىكەن. ۋىيېتنام ھەربىي ئەمەلدارىنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ۋىيېتنامنىڭ نۆۋەتتىكى پوزىتسىيىسى: «ئەگەر جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى چۆرىدىگەن ماجىرا كۈچەيگەن تەقدىردە، ئەسكىرىي قۇۋۋەتنى يۈكسەلتىش ئارقىلىق خىتايغا قارىتا تەھدىت يارىتىش، مۇبادا بۇ نىشان ئەمەلگە ئاشمىسا، ھېچ بولمىسا ئۆزىنى قوغداشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش» تىن ئىبارەت. خەۋەردە يەنە، ۋىيېتنامنىڭ جىددىي پىلان تۈزۈش باسقۇچىدىن ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەنلىكى، بەلكى ھازىر نۇقتىلىق ئورگانلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ھازىرلىق باسقۇچىغا كىرگەنلىكى، بۇنىڭ ۋىيېتنامنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلارنى قوغداش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان 308-دېۋىزىيە ئەسكەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ۋىيېتنام ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋىيېتنام تەرەپ دېڭىز ئارمىيىسىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن يېقىندا رۇسىيەدىن 6 دانە سۇ ئاستى پاراخوتى سېتىۋالغان، بۇ پاراخوتلارنىڭ بىر قىسمى سۇ ئاستى چارلاش ھەرىكىتىنى باشلاپ بولغان.

خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، 1979-يىلىدىكى خىتاي-ۋېيتنام ئۇرۇشىدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا بىر ‏-بىرىگە ئىشەنمەسلىك ۋەزىيىتى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن. بۇ ئۇرۇش ۋىيېتنامنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئېلىپ بارغان 10 يىلغا سوزۇلغان ئۇرۇشىدىن كېيىنكى يەنە بىر ئۇرۇشى بولۇپ، خىتاي ئارمىيىسى پايتەخت خانويغا 50 كىلومېتىر قالغۇچە بېسىپ كىرگەن ۋە ئېغىر تالاپەت يەپ چېكىنىپ چىققان ئىدى.

خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە خىتاي تەرەپ «نەنشا تاقىم ئاراللىرى» دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان سىپراتلىي ئاراللىرى بىلەن «شىشا تاقىم ئاراللىرى» دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان پاراسېل ئاراللىرىغا قارىتا ھەم خىتاي، ھەم ۋىيېتنام ئىگىلىك ھوقۇق دەۋاسىدا. 2014-يىلى خىتاي تەرەپ پاراسېل ئارىلىدا «دېڭىز ئوكيان نېفىتلىكى 981» نى ئىشقا كىرىشتۈرگەندە، ۋىيېتنام تەرەپ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا كۈچلۈك سۈركىلىش كېلىپ چىققان. ۋېيتنامدا پۇقرالار خىتايغا قارشى نامايىشلار قىلغان.

ۋىيېتنامنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا شۇنداق دېگەن: «بىز خىتاي بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىشنى خالىمايمىز، بىزدە ئۆزىمىزنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە قارىتا ئىشەنچ بولۇشى لازىم، ئەمما بىز، ئەڭ يامان تەرەپنىڭمۇ ھېسابىنى قىلىشىمىز لازىملىقىنى بىلىمىز.»

خەۋەردە يەنە، ۋىيېتنام ھەربىي تەرەپ ئىستراتېگىيە يولباشچىلىرىنىڭ، مەيلى دېڭىز ياكى خىتايغا چېگرىداش شىمالىي تاغلىق رايونلاردا بولسۇن، مۇمكىن قەدەر خىتايغا قارىتا ئىشەنچلىك بىر تەھلىكە كۈچىنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.