يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيىدە ئۇيغۇر تەتقىقاتى كۈندىن-كۈنگە كۈچەيمەكتە. تۈركىيىدە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، تىلى ۋە ئەدەبىياتى توغرىسىدا كۆپلەپ ئەسەرلەر نەشر قىلىنماقتا.
ئۆتكەن ئاي تۈركىيىنىڭ غەربىگە جايلاشقان ئەدىرنە شەھىرىدىكى تىراكيا ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور لەۋەنت دوغان ئەپەندى تۈزگەن «شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىرتىدىكى ئۇيغۇر شائىرلىرى» ناملىق ئەسەر نەشردىن چىقتى. ئەسەرگە چەتئەلدە ياشاشقا مەجبۇر قالغان ئۇيغۇر شائىرلىرىدىن ئەھمەت ئىگەمبەردى، سۇلتان مەخمۇت قەشقىرى، مەمەتئېمىن ھەزرەت ۋە كانادادا تۇرۇشلۇق ياش شائىر تۇيغۇن ئابدۇۋېلىلەرنىڭ ئون بەشتىن شېئىرى كىرگۈزۈلگەن.
كىتابنىڭ ئاپتورى دوكتور لەۋەنت دوغان ئەپەندى ئەسەر توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
-كىتابىمىزنىڭ ئىسمى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىرتىدىكى ئۇيغۇر شائىرلىرى» بۇ كىتابنىڭ كېڭەيتىلگەن نۇسخىسى بۇ يىل نەشر قىلىندى. كىتابنىڭ بىرىنچى نەشرى، ئەھمەت ئىگەمبەردى ۋە مەمەتئېمىن ھەزرەتنىڭ شېئىرلىرى بىلەن سۇلتان ماھمۇتنىڭ شېئىرلىرىدىن تەركىب تاپقان ئىدى. بۇ قېتىمقى كېڭەيتىپ نەشر قىلىنغان نۇسخىسىغا ھازىر كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر شائىرى تۇيغۇن ئابدۇۋېلىنىڭ شېئىرلىرىنىمۇ كىرگۈزۈپ، «چەتئەلدىكى ئۇيغۇر شائىرلىرى» نامى بىلەن يېڭىدىن نەشر قىلدۇردۇق.
تىراكيا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور لەۋەنت دوغان ئەپەندى بۇ كىتابقا ھەر شائىرنىڭ ئون بەشتىن شېئىرىنى كىرگۈزگەنلىكىنى، مەزكۇر كىتابنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر شائىرلىرى توغرىسىدا تەييارلانغان تۇنجى ئەسەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-كىتاب 240 بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇشبۇ كىتابىدا 4 ئۇيغۇر شائىرىنىڭ ئون بەشتىن شېئىرىغا ئورۇن بەردۇق. بۇ كىتابنى تۈزۈشتىكى مەقسىتىم، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بارلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. ئەمما چەتئەللەردە ياشاشقا مەجبۇر قالغان ئۇيغۇرلار مەيدانغا چىقارغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ بۇنداق بىر ئەسەر تۈزۈش ئېھتىياجى ھېس قىلدۇق. تۈرك دۇنياسىنىڭ قانىغان يارىسى بولغان، تۈرك دۇنياسىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىدىن مەھرۇم قالغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنى دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن بۇ ئەسەرنى تەييارلىدىم. مەنچە بۇ چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر شائىرلىرى توغرىسىدا تۈركىيىدە تەييارلانغان تۇنجى ئەسەر بولسا كېرەك.
لەۋەنت دوغان ئەپەندى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-مېنىڭ تەتقىقاتلىرىمدا ھۆرمەتلىك ئۇستازىم سۇلتان ماھمۇتنىڭ تۆھپىسى زور. سۇلتان مەخمۇت مۇئەللىم ئۇيغۇر، مېنىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتلىرىمغا يول كۆرسەتكەن كىشى. مەن دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالەمنى زۇنۇن قادىر ھەققىدە يازغان ئىدىم. ئۇيغۇر ماقال-تەمسىللىرى ناملىق ئەسىرىممۇ نەشر قىلىندى. ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى قوللانمىسى ناملىق ئەسەرنىڭ ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى قىسمىنى مەن يازدىم. يېقىندا ئۇيغۇر تۈركچىسى ناملىق ئەسىرىم نەشردىن چىقىدۇ. بۇلاردىن باشقا، ئۇيغۇر تىلى توغرىسىدا يازغان ماقالىلىرىممۇ ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. بۇندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.
بىز بۇ كىتابىغا شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن تۇيغۇن ئابدۇۋېلى ئەپەندى بىلەن كىتاب توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، چەتئەلدە قازاقىستان بىلەن تۈركىيىدە شېئىرلىرىنىڭ باشقا تىلدا چىققانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تونۇتۇش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.