مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

0:00 / 0:00

30-مارت كۈنى ئامېرىكىدىكى داڭلىق گېزىتلەردىن «ۋول-ستېرېت ژۇرنىلى» دا «بېيجىڭ دائىرىلىرى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەشكە ئۇرۇندى» سەرلەۋھىلىك بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. مەزكۇر ماقالىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن شائىر تاھىر ھامۇت، تاھىر ئىمىن، «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» نىڭ مۇخبىرلىرى ۋە ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، شائىر تاھىر ھامۇت ئۆتكەن يىلى ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى تەنقىد قىلغانلىقى ۋە ئامېرىكىغا كەلگەندىن بۇيانقى بىر قىسىم پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك 2017-يىلى 12‏-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇنىڭ ۋەتەندىكى بىر ئىنىسىنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقى، ئىككى ئايال تۇغقىنىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنغانلىقى بايان ئىلىنغان. مەزكۇر ماقالىدا يەنە شائىر تاھىر ھامۇتنىڭ «خىتايغا قايتىپ بارمىغانلىقى ۋە ئامېرىكىدا خىتايغا قارشى بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى» ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تەقىب ئاستىغا ئالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

مەزكۇر ماقالىدا يەنە ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن تاھىر ئىمىن ھەققىدىمۇ بايانلار بېرىلگەن. تاھىر ئىمىننىڭ «ۋول-ستېرېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2017-يىلى 2‏-ئايدا ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن، ساقچىلار ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ، ۋەتەندە قالغان ئايالى ۋە قىزىنى ئويلىشىپ قويۇشىنى ئېيتىپ، تەھدىت سالغان.

«ۋول-ستېرېت ژۇرنال» گېزىتىدە تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن روشەن ئابباس خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەھدىت ۋە قامال قىلىشنى بۇ قەدەر كېڭەيتىشىنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە تەكىتلىنىۋاتقان ئامېرىكىغا ئوخشاش غەرب دۆلەتلىرىگە خىرىس پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

روشەن ئابباس خانىم يەنە 2017-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا ۋەزىپە ئالغان ئېرى ئابلىكىم ئىدرىسنىڭ خوتەندىكى ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، «تەربىيىلەش مەركىزى» گە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

روشەن ئابباس خانىمنىڭ بايانىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا باش تەپتىشلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئابلىكىم ئىدرىسنىڭ ئائىلە ئەزالىرىدىن 70 ياشلىق دادىسى ئابدۇلقارىم زىكرۇللا، 68 ياشلىق ئانىسى ھەبىبىخان ۋە 3 قىز قېرىندىشى تۇراننىساخان ئىدرىس، بۈۋىئايشەمخان ئىدرىس، بۈۋىخەلىچىخان ئىدرىس قاتارلىقلار «تەربىيىلەش لاگېرى» دا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن. ئابلىكىم ئىدرىسنىڭ ئىنىسى ئابدۇرېھىم ئىدرىس تۇتقۇن قىلىنىپ، 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىكەن.

ئامېرىكىدىكى يەنە بىر ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى، «ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى» نىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ۋەتەندە قالغان ئانىسى ۋە ھەدە-سىڭىللىرى بىلەن تېلېفون ئالاقىسى قىلمىغانلىقىغا 2 يىلدىن ئاشقانلىقىنى، بىر قورساق ھەدە-سىڭىللىرى، ئۇلارنىڭ جورىلىرى ۋە بىر نەۋرە ئاكىلىرىنىڭ ئائىلە بويىچە تۇتقۇن قىلىنىپ، «تەربىيىلەش لاگېرى» غا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر ئالغانلىقىنى، ئەمما بۇ خەۋەرلەرنى دەلىللەشكە ئىمكانسىزلىقىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئىلگىرىكى يىللاردا چەتئەللەردىكى خىتايغا قارشى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىگە قاراتقان بېسىم ۋە تەھدىتلىرىنى نۆۋەتتە چەتئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان بارلىق ئۇيغۇرلارغا قەدەر كېڭەيتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، گەرچە خىتاي مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتلىرىدا قالغان ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تەھدىت سېلىش، ھەتتا ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىشنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۆز مەقسىتىگە ھەرگىز يېتەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.