ئۇيغۇر تەتقىقاتى تۈركولوگىيە تەتقىقاتىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. بۇ سەۋەبتىن تۈركىيەدە ئۇيغۇر تىلى، ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتى تۈركولوگلار ئالاھىدە قىزىقىدىغان تېمىلاردۇر.
1990-يىللاردىن كېيىن تۈركىيەدە بۇ ھەقتە تەتقىقاتلار كۆپەيمەكتە. يېقىندا تۈركىيەنىڭ ئىزمىر ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى، تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ قانۇنىي ۋەكىللىكى بىلەن نەشر قىلىنىۋاتقان «خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ژۇرنىلى»نىڭ ئىككىنچى سانى نەشردىن چىقتى.
دوكتور ئالىمجان ئىنايەت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ژۇرنالنىڭ تۈركچە، ئىنگلىزچە ، ئۇيغۇرچە تىللاردىكى مەخسۇس ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلىدىغان ژۇرنال ئىكەنلىكى، كەلگۈسى نىشانىنىڭ بۇ ژۇرنالنى خەلقئارا سەۋىيىدىكى ئىلمىي ژۇرنالغا ئايلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر ژۇرنالنىڭ 3-سانىدا در. نەشە ئەرەنوغلۇ خانىم يازغان «تۈرك تىلىدىكى-سا قوشۇمچىسى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى-سا قوشۇمچىسىنى سېلىشتۇرۇش»، در. ئالىمجان ئىنايەت يازغان «يار-يار ۋە ئۆلەڭ قوشاقلىرى تەتقىقاتى توغرىسىدا»، ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى نۇرى مەخمۇت يازغان «تۈرك خەلق ئۇسۇلى چايدا چىرا ۋە ئۇيغۇر خەلق ئۇسۇلى شاختا چىرا ھەققىدە مۇلاھىزە» ناملىق ماقالىلارغا ئورۇن بېرىلگەن.
ژۇرنالدا يەنە داڭلىق تۈركولوگ سېرگېي مالوۋ يازغان «13-ئەسىردىكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا خاتىرىلەنگەن ئىككى پارچە تىجارەت توختامنامىسى توغرىسىدا» ماۋزۇلۇق ماقالىنىڭ چەنگىز بايەر تەرجىمە قىلغان نۇسخىسى ، در. نەبىجان تۇرسۇن يازغان «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈلتۈرى ۋە ئۇتۇقلىرى توغرىسىدا» ، غەيرەتجان ئوسمان ئۇتقۇن يازغان «چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتىدا ساقلىنىۋاتقان بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدا»، ئادەم ئۆگەر بىلەن ئالىمجان ئىنايەت يازغان «ئۇيغۇرلاردا ئۆلۈم-يېتىم ئادەتلىرى» ماۋزۇلۇق ماقالىلارمۇ ئېلان قىلىنغان. ئۇشبۇ ماقالىنى سىنەم كۈچۈكاغائوغلۇ خانىم بىلەن ئەلانۇر قازانلار خانىم تۈركىيە تۈركچىسىگە تەرجىمە قىلغان.
تۈركىيەنىڭ ئىزمىر شەھىرىدە نەشردىن چىقىۋاتقان بۇ تور ژۇرنىلىنىڭ 2-سانىدا يەنە تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا نەشر قىلىنغان ئىككى كىتاب تونۇشتۇرۇلغان. بۇلاردىن بىرى ئىستانبۇل IQ كۈلتۈر سەنئەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، مۇھاممەد بىلال چەلىك ئەپەندى نەشرگە تەييارلىغان «ياركەنت خانلىقىنىڭ سىياسىي تارىخى» ناملىق ئەسەر، ئىككىنچى كىتاب بولسا، كۈرشات يىلدىرىم يازغان «خىتاي مەنبەلىرىدە تۈركىستان شەھەرلىرى» ناملىق ئەسەردۇر.
مەزكۇر تور ژۇرنىلىغا ئۇيغۇر تەتقىقاتلىرى ئارخىپى نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يېزىلىپ نەشر قىلىنغان كۆپ ساندا ماقالە كىرگۈزۈلگەن.
«خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقات ژۇرنىلى» باش تەھرىرى تۈركىيە ئۇششاق ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ئۆزگۈر ئاي ئەپەندى، مۇئاۋىن تەھرىر در. ئۆندەر سېزەر ئەپەندىدۇر.
