«رېفېرانس» ژۇرنىلى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا مەخسۇس سان چىقاردى

0:00 / 0:00

ياۋروپادا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىۋاتقان «رېفېرانس» ژۇرنىلىنىڭ بۇ ئايلىق سانىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن. ژۇرنالدا «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كېلەچىكى» ماۋزۇلۇق بىر باش ماقالە بىلەن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت خاتىرىسى ئېلان قىلىنغان.

بۇ ئىككى چوڭ ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ۋە كېلەچىكى ئەتراپلىق بايان قىلىنغان. «رېفېرانس» ژۇرنىلى مەركىزى گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان ياۋروپا تۈرك ئىسلام بىرلىكىنىڭ ژۇرنىلى بولۇپ، ياۋروپا ۋە تۈركىيەدە كۆپ ئوقۇرمەنلىرى بار. ياۋروپا تۈرك ئىسلام بىرلىكى تەشكىلاتى 1990-يىللاردىن باشلاپ ياۋروپادىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا ياردەم قولىنى ئۇزىتىپ كېلىۋاتقان تەشكىلاتلاردىن بىرىدۇر.

تۆۋەندە بۇ ژۇرنال توغرىسىدا دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىز دىققىتىڭلاردا بولسۇن:

مۇخبىر: دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى، «رېفېرانس» ژۇرنىلى بۇ سانىنى مەخسۇس ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئايرىپتۇ. سىز بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىمۇ ئېلان قىلىنىپتۇ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرسىڭىز قانداق؟
جاۋاب: ياۋروپا تۈرك ئىسلام بىرلىكىنىڭ مەركىزى گېرمانىيەدە بولۇپ، ياۋروپانىڭ نۇرغۇن دۆلەتلىرىدە شۆبىلىرى بار بىر ئاممىۋى تەشكىلات. بىر يېرىم ئاي بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بەرگۈزۈش ئۈچۈن مېنى ياۋروپاغا تەكلىپ قىلغان ئىدى. گېرمانىيەدە 5-6 شەھەردە دوكلات بېرىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان ئىدىم. بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىدا ئاڭلاتقانلىرىمنى ئۇزۇن بىر ماقالە قىلىپ يېزىپتۇ. ئۇنىڭ سىرتىدا مەن بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا ئۇزۇن سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئىدى. بۇ ئىككى چوڭ ماقالە ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەر بىلەن بىللە «رېفېرانس» ژۇرنىلىنىڭ بۇ ئايلىق سانىدا ئېلان قىلىنىپتۇ. مەزكۇر ژۇرنالنىڭ بۇ سانى ئاساسەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئايرىلىپتۇ. ژۇرنالنىڭ بۇ سانىنى ماڭىمۇ ئەۋەتتى، بەك ياخشى چىقىپتۇ. بۇ ژۇرنال ياۋروپادا ۋە تۈركىيەدە ئەڭ كۆپ تارقىتىلىۋاتقان ژۇرنال. شۇڭا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىگە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ ئويلايمەن.

مۇخبىر: ژۇرنال ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىنكاسى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟
جاۋاب: كىشىلەر ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تېلېفونلار ئارقىلىق بىزگە ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى تەسىراتلىرى بىلدۈردى. ئۇلار، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ بۇنچىۋالا ئېغىر ئىكەنلىكىدىن بىخەۋەر ئىكەنلىكىنى، ژۇرنالدىكى ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. چۈنكى مەن بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت خاتىرىسىدە بولسۇن، باش ماقالىدە بولسۇن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ۋە كېلەچىكى ئەتراپلىق ئاڭلىتىلغان.

مۇخبىر: در. ئۆمەر قۇل ئەپەندى «رېفېرانس» ژۇرنىلى مۇخبىرى سىز بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتتە، سىز نۇقتىلىق ھالدا نېمىلەرنى ئاڭلاتتىڭىز؟
جاۋاب: ئالدى بىلەن شۇنى ئەسكەرتىپ قوياي، مەن بەرگەن دوكلاتلىرىمدا، شەرقىي تۈركىستان نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟ شەرقىي تۈركىستان خىتاي ئۈچۈن نېمىشقا مۇھىم؟ تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن نېمىشقا مۇھىم؟ ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن، شۇنداقلا ئىنسانلىق ئالىمى ئۈچۈن نېمىشقا مۇھىم؟ شەرقىي تۈركىستاندا بۇرۇن نېمىلەر بولدى؟ ھازىر نېمىلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ؟ شەرقىي تۈركىستاننى كەلگۈسىدە نېمىلەر كۈتۈۋاتىدۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىتىمەن. ژۇرنالدىكى ماقالىدە بۇلار ئەتراپلىق ئاڭلىتىلىپتۇ. مەن بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە بولسا نۇقتىلىق ھالدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ئاڭلىتىلغان. بولۇپمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىنى ئاڭلاتتىم. مەن مۇخبىرغا، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىم سىياسىتى مۇشۇنداقلا داۋاملىشىدىغان بولسا، يېقىن كەلگۈسىدە شەرقىي تۈركىستاندا چوڭ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. چۈنكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى 2001-يىلى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن كۈچەيدى. ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ خىتايغا قارشى نارازىلىق ھەرىكىتىمۇ 2001-يىلىدىن تارتىپ كۆپىيىشكە باشلىدى. بولۇپمۇ، 2008-يىلىدىن تارتىپ بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. 2013-يىلىدا شەرقىي تۈركىستاندا 10 چوڭ ۋەقە يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭدا 158 كىشى ئۆلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 58 كىشى نەق مەيداندا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئەسلىدە بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش شەكلىگە قارايدىغانلا بولساق ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان بېسىمنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتەلەيمىز.

مۇخبىر: خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى خالىمامدۇ سىزچە؟ نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتى بارغانسېرى كۈچىيىدۇ؟
جاۋاب: بۇ مەسىلىنىڭ ھەل بولۇشىنى خىتاي دۆلىتى خالىمايدۇ. چۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىشى ئۈچۈن بىر سۇنى دۈشمەن پەيدا قىلىشى كېرەك ئىدى. شۇڭا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۇلار ئۈچۈن تېپىلماس بىر پۇرسەت. خىتاي ئىچ سىياسەتتە خەلقىگە ئۇيغۇرلار دۆلىتىمىزنى پارچىلايمەن دەۋاتىدۇ دەپ، خىتاي خەلقى بىلەن ئۇيغۇرلارنى دۈشمەن ھالىغا ئەكېلىپ بۇنىڭدىن خىتاي ھۆكۈمىتى پايدىلىنىۋاتىدۇ. يەنە بىرى بۇنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتىمۇ بار. شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ غەربكە ئېچىلىدىغان، شۇنداقلا تۈرك دۇنياسىغا ئېچىلىدىغان دەرۋازىسى. ئۈچىنچىدىن خىتاي تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر دۆلەت، ئېنېرگىيىگە ئېھتىياجى بار. شەرقىي تۈركىستان باي نېفىت ۋە تەبىئىي گازغا بايلىقىغا ئىگە. ئوتتۇرا ئاسىيا نېفىتى شەرقىي تۈركىستان ئارقىلىق خىتايغا يۆتكىلىۋاتىدۇ. شۇڭا خىتاي ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان بىر رايون. بۇلارنى نەزەردە تۇتقان ۋاقتىمىزدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خىتاي كۈچەيگەنسېرى زورىيىدىغان بىر مەسىلە.