شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇشى(2A): «يېڭى چېگرا» دىكى كەچمىشلەر
2019.01.28
ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىدىن گرېيم سىمىس ۋە لۇيىزا لىم بىرلىكتە ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان «شاكىچىك قىزىل پودكاست» سۇپىسىدىكى رادىئو سۆھبىتىدە نۆۋەتتە خىتاي ھەققىدىكى ئاساسىي چوڭ خەۋەرلەرنىڭ بىرى تەبىئىي ھالدا ئۇيغۇرلارغا باغلىنىپ قالىدىغانلىقى ئالغا سۈرۈلدى. بولۇپمۇ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردىن ئەڭ تىپىك بولغىنى مىليونلىغان كىشىنىڭ لاگېرلارغا سولىنىشى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل بۇ خىل لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە. ئەمما رىياسەتچىلەر بىلەن سۆھبەتلەشكەن، ئۆزلىرىنىڭ يۇرتىنى بىردەك «شەرقىي تۈركىستان» دەپ تونۇشتۇرغان، شۇنداقلا ئادىلايد شەھىرىدىكى سانى بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر شاھىتلار بۇ خىل لاگېرلار ھەققىدە كۆپلىگەن ئىنچىكە مەلۇماتلارنى تەمىن ئېتىپ كەلمەكتە ئىكەن.
ئەنە شۇ خىلدىكى شاھىتلارنىڭ بىرى بولغان نۇرمۇھەممەت بايان قىلغان ئەھۋاللارنىڭ بىرى تولىمۇ ئېچىنىشلىق. تارىم ۋادىسىدىكى بوستانلىقلاردا پۈتۈن-پۈتۈن مەھەللە ياكى مەلۇم ناھىيەلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاھالىسى مۇشۇ خىلدىكى لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن. بولۇپمۇ 15 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان ئەرلەرنى ئاساسەن كۆرگىلى بولماس بولۇپ كەتكەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «2016-يىلى تۈركىيەدىكى ۋاقتىمدا شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن بىرەيلەن يوپۇرغا ناھىيە بازىرىدا 1980-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ پۈتۈنلەي لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى، كېرىيەدە ئاھالىنىڭ يېرىمىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى، غۇلجا ۋە كۇچا قاتارلىق جايلاردىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋاللارنىڭ بارلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن» دەيدۇ.
نۇرمۇھەممەت ئېيتقاندەك «لاگېرغا ئاپىرىدىغان سەۋەبلەر» قاتارىدا ساقال-بۇرۇت قويۇش، دىنىي كىيىملەرنى كىيىش، رادىئو ياكى تېلېۋىزوردىن نېرى تۇرۇش دېگەندەك كۆپلىگەن ئەھۋاللار مەۋجۇت. ئۇ بايان قىلغان ئەھۋاللاردىن يەنە بىرى سۆھبەتداشلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان: ئۇنىڭ ۋەتەندىكى جىيەنلىرى بىردەك ئۆزلىرىنىڭ ئىسلامى تۈس ئالغان مۇجاھىددىن، سۈمەييە، ئىبراھىم، ئەزىزە دېگەندەك ئىسىملىرىنى «زامانىۋى» ئىسىملارغا ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلانغان.
رىياسەتچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى ھەمدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشنى ئاۋسترالىيەدە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان ئالىملاردىن دېيۋىد بروفىي ۋە توم كلىفقا ھاۋالە قىلىدۇ. بۇ ھەقتىكى ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلە بىر مىليون ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولغان ئاھالىنى مەجبۇرىي لاگېرلارغا يىغىۋېلىش بولۇپ، بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆز قىلغان توم كلىف لاگېرلارغا قامالغان كىشىلەرنىڭ قامىلىشىدىكى سەۋەبلەرنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ:
«ھازىر لاگېرلارغا سولىنىۋاتقانلارنى ئاساسىي جەھەتتىن مۇنداق ئۈچ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ: بىرىنچى، ئۇيغۇر ھەمدە ئىسلامى ‹پۇراق› قا ئىگە بولغان كىشىلەر. يەنى پائال تۈردە دىنىي ئەھكاملارنى ئىجرا قىلىدىغان كىشىلەر. بۇنداقلار ئۇدۇللا لاگېرغا بارىدۇ. ئىككىنچىسى، چەتئەلدىكىلەر بىلەن، بولۇپمۇ ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى كىشىلەر بىلەن ئالاقىسى بولغان كىشىلەر. بۇلارمۇ لاگېرغا بارىدىغانلار. ئۈچىنچىسى، خىتايلاردىن پەرقلىق بولغان ئىشلارنى قىلغۇچىلار. مەسىلەن، قول سائىتىدىكى ۋاقىتنى يەرلىك ۋاقىتقا توغرىلاپ قويغانلار. شىنجاڭ بىلەن بېيجىڭنىڭ ئارىلىقىدىكى ئۇزۇن مۇساپە سەۋەبىدىن شىنجاڭدا بېيجىڭ ۋاقتى كەچ سائەت توققۇز يېرىملاردا قاراڭغۇ چۈشىدۇ. شۇڭا كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار ‹شىنجاڭ ۋاقتى› دەپ ئاتىلىدىغان يەرلىك ۋاقىتنى ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن. شۇڭا ئۇلار ئادەتتە بېيجىڭ ۋاقتى سائەت ئىككى ياكى ئۈچ بولغاندا چۈشلۈك تاماق يەيدۇ. ئىلگىرى بۇ پۈتۈنلەي نورمال ئىشلار بولۇپ كەلگەن. ھازىر مۇشۇنداق قىلغانلار ياكى تېلېفونلىرىدىن ئىسلام دىنىغا ئائىت مەزمۇنلار چىقىپ قالغانلار ئۇدۇللا مۇشۇنداق لاگېرلارغا كېتىۋاتىدۇ.»
سۆھبەتتە رىياسەتچىلەر بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە سۆز بولغاندا ھازىر غەرب دۇنياسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىردەك ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان پاجىئەلەرنى «مۇستەملىكە تۈزۈمى» بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر ئاتالغۇنى ئىشلىتىشكە ماھىل بولۇۋاتقانلىقىنى سوئال تەرىقىسىدە ئوتتۇرىغا قويدى.
دوكتور دېيۋىد بروفىي بۇنىڭ ئىلمىي ۋە سىياسىي جەھەتلەردىكى مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىق دەپ تەسۋىرلەش ئەمەلىيەتتە ئۇنچە يېڭى ھادىسىمۇ ئەمەس. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرى ئۇ جايغا بارغان بىر قىسىم ئەنگلىيەلىكلەرمۇ شۇ ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنى تەسۋىرلەشتە ئاشۇنداق ئاتالغۇلارنى قوللانغان. چۈنكى شۇ ۋاقىتلاردا چىڭ سۇلالىسىنىڭ بۇ جايدىكى ھۆكۈمرانلىقى ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىگە مەنسۇپ ئىدى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، دەسلەپكى جۇمھۇرىيەت دەۋرىگە كەلگەندىمۇ ئەنگلىيە ۋە رۇسىيەنىڭ ھېچقايسىسى شىنجاڭنى بېسىۋېلىشنى ئويلىشىپ كەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، يەنە كېلىپ بۇ جاينىڭ ھىندىستان بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى تەڭشەك بولۇشىنى ئارزۇ قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جاينى مۇستەملىكە ھالىتىدە تۇتۇپ تۇرۇشقا قادىر بولالىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا خىتاينىڭ ئۆزىمۇ ناھايىتى ئاجىز بولغاچقا بۇ رايوننى ھەقىقىي مەنىدىكى مۇستەملىكە شەكلىدە ئىدارە قىلغۇدەك ھالى يوق ئىدى. شۇڭا ئۇلار مەجبۇرىي بولغان خىتايچە مەكتەپنى كۆپەيتىش دېگەندەكلەرنى ئىجرا قىلىپ باققان بولسىمۇ بۇ چارىلار تېزلا سۇغا چىلىشىپ قالغان. ھازىر بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ئاھالىسىنىڭ شىنجاڭدىكى مەۋجۇتلۇقىنى زورايتىش، خىتاي نوپۇسىنى قالقان قىلىش ئارقىلىق بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلماقتا.»
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار! بۇ پروگراممىغا قىزىققان بولساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن.