ئۇيغۇرلارنىڭ مىليونلاپ لاگېرلارغا قامىلىشى ھەققىدىكى خەۋەرلەر دۇنياغا تارقالغاندىن بۇيان بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلار تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكى مەلۇم. بولۇپمۇ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسى ئەزالىرىدىن 16 كىشىنىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن تەييارلانغان بىرلەشمە مەكتۇپنىڭ ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ستىۋېن منۇچىن ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيوغا يوللىنىشى، بۇ مەكتۇپتا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلغۇچى بىر تۈركۈم خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش تەكلىپىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بۇ ھەقتىكى خەلقئارالىق مۇھاكىمىنىڭ يۇغۇرى پەللىسىنى ياراتتى.
ھالبۇكى، ئارىدىن بىر كۈن ئۆتمەيلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر بىرلەشمە مەكتۇپنى ئەيىبلەپ بايانات بېرىشى ھەمدە «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ھەققى يوق» دەپ ئۆكتەملىك قىلىشى بىلەن بىر قىسىم غەرب جامائىتىنىڭ گاڭگىراپ قېلىشى ئوتتۇرىغا چىقتى. دەل مۇشۇنداق ئەھۋالدا غەرب دۇنياسىدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن «پبس سائەتلىك خەۋەر» قانىلى ۋە «ئەل جەزىرە» قاتارلىقلاردا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇھاكىمىسىگە سۇنۇلدى.
«پبس سائەتلىك خەۋەر» قانىلىدىكى سۆھبەتتە ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ قىسقىچە ئارقا كۆرۈنۈشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى لاگېرلار قۇرۇلۇشىنى تېزدىن كېڭەيتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ھۆججەتلىك ماتېرىياللار كۆرسىتىلدى. پروگراممىلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل «ئۇيغۇرلار بەختىيار ياشىماقتا» دەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى پەش قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى بولۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.
بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنغانلار ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ۋە جورجتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تارىخشۇناس جىم مىلۋارد ئىدى. رىياسەتچى نىك شىفرىن ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ «بىز لاگېر دەۋاتقان جايلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى ‹تېخنىكا مەكتىپى› دەۋاتىدۇ. بۇ راستمۇ؟» دەپ سورىدى.
ئۆمەر قانات بۇ ھەقتە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ، نۆۋەتتە بىزگىچە يېتىپ كەلگەن كۆپلىگەن ئىسپاتلىق ماتېرىياللارنىڭ بۇ قاراشلارنى پۈتۈنلەي رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«بۇ ئۇلارنىڭ دەۋالغان گېپى. بۇلار ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي مەنىدىكى تۈرمىلەردىن. كۆپلىگەن دەلىل-ئىسپاتلار، گۇۋاھچىلار، شۇنىڭدەك مەن يەنىلا ‹يىغىۋېلىش لاگېرى› دەپ ئاتاش مۇۋاپىق دەپ قارايدىغان بۇ جايلاردا يېتىپ چىققانلارنىڭ كەچمىشلىرىدىن بىز كىشىلەرنىڭ بۇ جايلاردا قانداق قىيناقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىنسانلىق ئىززىتى قانداق دەپسەندە بولىدىغانلىقى، كىشىلەرنىڭ غىزا ۋە ئۇيقۇدىن قانداق مەھرۇم قالدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدۇق. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ جايلاردىكى گۇندىپايلار مۇشۇ ‹تېخنىكا مەكتىپى› دىكىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىن، مىللىي ئەنئەنىسى ۋە كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىماقتا. (دېمەك، بۇ جايلار ‹تېخنىكا مەكتىپى› ئەمەس)»
شۇنىڭدىن كېيىن رىياسەتچى بۇ ھەقتىكى مەسىلە توغرىسىدا پروفېسسور جىم مىلۋاردقا سوئال قويۇپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جايدا قوراللىقلار ۋە بۆلگۈنچىلەردىن كېلىۋاتقان ئېغىر تەھدىتلەر مەۋجۇت، شۇڭا بۇنىڭغا قارىتا تېگىشلىك تەدبىرلەر ئېلىندى، دەۋاتىدۇ. سىزنىڭچە ئەھۋال شۇنداقمۇ؟» دەپ سورىدى.
پروفېسسور جىم مىلۋارد بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ مەسىلىنى ئىككى ياقتىن مۇھاكىمە قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىكى «تەھدىت» دەپ قاراۋاتقان مەسىلىلەر پۈتۈنلەي خىتاي ھۆكۈمىتى ئويدۇرۇپ چىقارغان يالغانلار ئىكەن.
«خىتاي ھۆكۈمىتى دەرۋەقە مۇقىملىقتىن ئەنسىرەيدۇ، يەنە كېلىپ بەزى جەھەتتىن ئالغاندا ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن ئەنسىرىشى ئاساسسىزمۇ ئەمەس. ئەمما ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق شەكىللەردىكى نارازىلىقنى يىغىپ-يۆگەپلا ‹تېررورلۇق› دەپ ئاتاۋاتىدۇ. دەرۋەقە ئۇ جايدا قىسمەن دېھقانلارنىڭ پالتا-كەتمەنلىرى بىلەن ساقچىخانىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى بولۇپ ئۆتتى. ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئەھۋالغا قايتۇرغان ئىنكاسى نورماللىقتىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن. يەنە بىرى ھازىر خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشىدىكى ئىقتىسادىي ئامىللارمۇ چوڭ رول ئويناۋاتىدۇ. خىتاي بۇ قۇرۇلۇشقا غايەت زور مەبلەغ سالغان بولۇپ، شىنجاڭ رايونىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا سوزۇلغان بۇ قۇرۇلۇشنى ئويلاشقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ كۈتۈلمىگەن بىرەر ئىشلارنى قىلىپ سېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىمۇ بۇنىڭدىكى يەنە بىر ئامىل. ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا غايەت زور ۋە سىستېمىلىق كونترول سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان. شۇڭا بۇ رايوندا خىتاي ئۈچۈن ھېچقانداق خەتەر ياكى تەھدىت مەۋجۇت ئەمەس. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ‹بىز شىنجاڭنىڭ ئىككىنچى سۈرىيە ياكى لىۋىيە بولۇپ قالماسلىقىنى خالايمىز› دەۋاتىدۇ. بۇ ئۇچىغا چىققان تېتىقسىزلىق. تولىمۇ كۈلكىلىك بىر گەپ.»
ئۆمەر قانات بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ «تېررورلۇق» بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقىنى، ئەڭ مۇھىمى بۇنىڭدىكى مەقسەتنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى يوق قىلىۋېتىش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
«بۇ خەلققە قارشى بىر مەيدان جەڭدۇر. بىر خەلقنى، يەنە كېلىپ بىر مىللىي ئالاھىدىلىككە ئېگە بىر ئىنسانلار تۈركۈمىنى يوق قىلىۋېتىش ھەرىكىتىدۇر. شۇڭا بۇنىڭ تېررورلۇق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى-جىسمىغا لايىق تۈرمىگە بەند قىلىنىشى، ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىدىيە ئۆزگەرتىش كۇرسلىرىغا قاتنىشىشقا مەجبۇرلىنىشىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى› غا سەۋەب قىلىپ كۆرسىتەلمەيمىز.»
مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان مەسىلىلەر خۇددى شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە خەلقئارادىكى زور تەسىرگە ئېگە «ئەلجەزىرە» تېلېۋىزىيەسىدىمۇ مۇھاكىمە قىلىندى. بۇ قېتىم ئۇلار خوڭكوڭلۇق مۇستەقىل ئالىم ئاندرېۋ لوڭ، نوتتىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئاندرېس فۇلدا ۋە گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس ئادريان زېنزنى تەكلىپ قىلغان ئىدى. سۆھبەتتە سۆز تەبىئىي ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باھانىسىدە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە بولدى.
خوڭكوڭلۇق مۇتەخەسسىس ئاندرېۋ لوڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ دىيارىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل بولۇپ خىتايدىن ئايرىلىشىدىن قورقۇۋاتقانلىقى، يەنە كېلىپ خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ سانى بەكمۇ تېز سۈرئەتتە ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقتىن ئۇيغۇرلارنىڭ يوقىلىپ كېتىشتىن ۋە بارغانسېرى روشەنلىشىۋاتقان ئىقتىسادىي تەڭسىزلىكتىن ۋەھىمىگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنسىرىشى ۋە بۇ ھەقتىكى تەدبىرلىرىنى توغرا چۈشىنىش لازىملىقىنى ئېيتتى.
ئۇنىڭدىن كېيىن رىياسەتچى ئاندرېس فۇلدادىن نۆۋەتتە بىر مىليون ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا سولىنىشى بىلەن خىتاي دەۋاتقان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى سورىدى. پروفېسسور ئاندرېس بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، مەۋجۇت مەسىلە بىلەن ئۇنىڭغا قارشى قوللىنىلغان تەدبىرلەرنى دەڭسەپ كۆرگەندە ھازىرقى رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«ھازىر دەرۋەقە مىڭلىغان يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ۋەتىنى بولغان شىنجاڭدىكى سىياسىي تەربىيىلەش لاگېرلىرىدا قاماقلىق. مەن چولتا ئەقلىم بويىچە خىتايدىكى ئىلىم دۇنياسى بۇنچە زور ئەھۋالغا سۈكۈت قىلىپ تۇرمايدۇ، دەپ ئىشىنىپتىكەنمەن. ئەمدى سىزنىڭ سوئالىڭىزغا كەلسەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقايسى تەدبىرىنى يوللۇق، دېيەلمەيمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە باياتىن ئاندرېۋ لوڭ تەكىتلىگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى توغرا چۈشىنىش ھەققىدىكى بايانلارنى ئاقلىيالمايمىز. چۈنكى بۆلگۈنچىلىك خاھىشى ھەممىلا جايدا مەۋجۇت، ئەمما تولىمۇ مۇدھىش تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق بۇ خاھىشنى چەكلەشتەك بۇ قىلمىشنى ھەرقانچە قىلىپمۇ ئاقلىغىلى بولمايدۇ. چۈنكى بىز شۇنى روشەن ھالدا كۆرمەكتىمىزكى، خىتاي ھۆكۈمىتى چوڭ قۇرۇقلۇقتا تولىمۇ قەبىھ بولغان ئىرقچىلىق سىياسىتىنى ئىجرا قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭدەك دىنىي ۋە سىياسىي ئېتىقادىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر خىتاي بولمىغانلىكى كىشىلەرنى ئاشۇ لاگېرلارغا سولاۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىزنىڭ مۇھاكىمە قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان، شۇنداقلا ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان چوڭ مەسىلىدۇر.»
رىياسەتچى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ نۆۋەتتە «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بۆلگۈنچىلىك» نى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنى قانداق باغلاشقا بولىدىغانلىقىنى سورىغاندا ئادريان زېنز سۆز ئېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر پۈتۈنلەي سۇيىئىستېمالچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
«خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن خەلقنىڭ باشقىچە كۆرۈنگەن تەقى-تۇرقى ياكى قىياپىتى، بولۇپمۇ كىشىلەرنىڭ دىندار بولۇشى ھەرقاچان گۇمانلىق ئامىل ھېسابلىنىدۇ. بىزگە مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار تارىخىي ۋە مەدەنىيەت ئۆزگىچىلىكىگە ئىگە، ئۆزىگە خاس مىللىي كىملىكى ئارقىلىق ئۇزۇن ئەسىرلەردىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بىر قوۋم. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خەلقنى مەدەنىيەت ۋە تىل جەھەتتىن ئۆزگەرتىشكە بەكلا كىرىشىپ قېلىۋاتىدۇ. ھازىر بولسا دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى زۇلۇم بەكمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ، دىنىي ئېتىقادنى چەكلەش ھەرىكىتى ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوقلا تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت، دەپ چۈشەندۈرۈلۈۋاتىدۇ. شىنجاڭدىكى ئەھۋال ھازىر دەل مۇشۇ يوسۇندا داۋام قىلىۋاتىدۇ.»
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن بىرنەچچە ھەپتىدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشلار ھەققىدە كۆپلىگەن ماقالە ۋە ئوبزورلار يېزىلغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى خەلقئارانىڭ ئەڭ زور دەرىجىدە دىققىتىنى تارتقان بىر مەزگىل ھېسابلانماقتا ئىكەن.