خەلقئارا تاراتقۇلار: «خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىغا ھۇجۇم قىلماقتا»

0:00 / 0:00

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى ئاتالمىش «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» غا قاماپ، ئۇلارنى روھىي ۋە جىسمانىي قېيىن-قىستاققا ئېلىش ئارقىلىق كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەرنىڭ كۆپلەپ ئاشكارىلىنىشى ۋە خەلقئارالىق مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۈچلۈك دوكلاتلىرى نەتىجىسىدە بۇ مەسىلە نۆۋەتتە خەلقئارادا، بولۇپمۇ غەرب ئەللىرى مەتبۇئاتلىرىدا زور ئىنكاس قوزغىماقتا.

نۆۋەتتە ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا لاگېرلارنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن لاگېرغا قامىلىۋاتقانلىقى كۈچلۈك دىققەت قوزغاۋاتقان بىر تېمىغا ئايلاندى. يېقىندا «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان سىياسەت مۇنبىرى» ناملىق ئورگاننىڭ تور رادىئو سەھىپىسىدە مانا بۇ لاگېرلار ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرلىرى ئۈستىدە سۆھبەت بولۇپ ئۆتتى. مەزكۇر سۆھبەتكە ئۇيغۇرلارنى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تەتقىق قىلىپ كەلگەن ۋە خەلقئارادا ئۇيغۇر رايونى تەتقىقاتى بويىچە تونۇلغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، پوست-دوكتور توم كىلىف ئەپەندى تەكلىپ قىلىنغان.

پروگرامما رىياسەتچىسى رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ غەربىي-شىمالىدىكى «شىنجاڭ» دەپ ئاتىلىۋاتقان رايوندا ياشايدىغان ئۇزۇن تارىخقا ۋە مەدەنىيەتكە ئىگە بىر خەلقلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن كۈرەش قىلىش نامى ئاستىدا قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى يۈرگۈزۈش بىلەن بىرگە يەنە مۇشۇ نام بىلەن بىر مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇرنى «قايتا تەربىيە» لاگېرىغا سولىغانلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە پوست-دوكتور توم كىلىفتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا تېررورلۇق بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورايدۇ.

توم كىلىف بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «مەن ئۇنى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش دەپ قارىمايمەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرگەندەك دۆلەتنىڭ دۈشمەنلىرىنى تازىلاشنى ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ۋە ئائىلە قۇرۇلمىسىنى بۇزۇپ تاشلاشنى مەقسەت قىلغان. ھازىر بۇنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان تېخىمۇ كۆپ پاكىتلار ئاشكارىلىنىۋاتىدۇ. قىسقىسى، بۇ ھەرىكەت خىتاي بولمىغان مەدەنىيەت نوپۇزىنى بۇزۇپ ئۇنى خىتايچە مەدەنىيەت نوپۇزىغا ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان،» دېدى.

توم كىلىفنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى ئائىلە قۇرۇلمىسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىر ئۇيغۇر ئائىلىسىگە خىتاي كادىرلارنى ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۇيغۇردەك ياشاۋاتقان ياكى ياشىمايۋاتقانلىقىنى كۆزىتىشىدە ئىپادىلىنىدىكەن. خىتاي ھەربىر ئائىلىدە كادىر تۇرغۇزۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسىي مەدەنىيەت ئامىللىرىنى يوقاتماقچى بولغان. توم كىلىف سۆزىدە يەنە «يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقىنىڭ چىقىپ ئۇيغۇرلار دېگەن تۈركىي خەلق ئەمەس، ئۇلارنىڭ تۈرك مىللىتى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق دېيىشىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان ھەرىكەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئائىلە قۇرۇلمىسىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتلىكىنى ئېنىق ئىپادىلەپ بېرىدۇ. لاگېرلارنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىدىن پۈتۈنلەي تاندۇرۇپ، ئۇيغۇر ئائىلىسىدىن ئىبارەت بولغان ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئوخشاش ھەرىكەت قىلىدىغان خىتاي ئائىلىۋى قۇرۇلمىسىغا ئايلاندۇرۇۋېتىشنى مەقسەت قىلغان،» دېدى.

پروگرامما رىياسەتچىسى: «خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلەرگىمۇ قاتتىق قوللۇق سىياسەتلەرنى يۈرگۈزگەنلىكىدىن قارىغاندا، يۇقىرىقىلارنى خىتاينىڭ باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگىمۇ ئوخشاش سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى دېيىشكە بولامدۇ؟» دەپ سورايدۇ. توم كىلىف ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ قاراشقا قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇ: «خىتاينىڭ غەربىي-جەنۇبىدىكى رايونلاردا ياشايدىغان نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەتلەر بار. قارايدىغان بولسىڭىز، ئۇلارنىڭ پەرقلىق مەدەنىيىتى، پەرقلىق مىللىي كىيىم-كېچەكلىرى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ ئاللىقاچان ھۆكۈمەتكە ئىنتايىن ماسلاشقان ھالدا ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. ئۇلار خىتاي مىللىتى بىلەنمۇ ناھايىتى يېقىن. دېمەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ، دېگىلى بولمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت خەتەرلىك دەپ قارىغان مىللەت ۋە گۇرۇپپىلارنى ئاشۇنداق ئۇسۇلدا باستۇرىدۇ دېسەك توغرا بولىدۇ،» دېدى. ئۇ بۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىغا قاراتقان باستۇرۇشىنىڭ ئىنتايىن ياخشى بىر ئۆرنەك بولالايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ.
بۇنىڭ بىلەن رىياسەتچى توم كىلىف ئەپەندىدىن: «ئۇنداقتا، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەدەنىيىتىدىكى خىتاي تەھدىت دەپ قاراۋاتقان نەرسە نېمە؟ نېمىشقا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى شۇنچە قاتتىق باستۇرۇۋاتىدۇ؟» دەپ سورايدۇ. توم كىلىف بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «بۇ دەل ئۇيغۇرلارنىڭ پەرقلىق بولۇشىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئوخشىماسلىقلارنى پەرقلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، پەرقلىق مەدەنىيەت نوپۇزلىرىغا قارىتا رەتلەش ۋە تۈزەش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. مەسىلەن، بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە دادا ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى مۇتلەق ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئاللاھتۇر. دېمەك، خىتاي ھۆكۈمىتى مانا مۇشۇنى ئۆزگەرتمەكچى. كىشىلەرنى ئاللاھغا ئەمەس، بەلكى كومپارتىيىگە ئېتىقاد قىلىدىغان ھالغا ئەكەلمەكچى. خىتاينىڭ شەرقىي رايونلىرىدىكى كىشىلەر ئاللىقاچان ‹مەن كومپارتىيىگە ئېتىقاد قىلىمەن› دەيدىغان بولدى.»

توم كىلىف ئەپەندى سۆزى داۋامىدا يەنە خەلقئارا جامائەتنىڭ چوقۇم ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە ئورتاق ھالدا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى، چۈنكى پۈتكۈل ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئىنتايىن ئېغىر زىيانغا ئۇچراۋاتقان بىر شارائىتتا بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىشنىڭ قېيىنلىقىنى بىلدۈردى. توم كىلىف ئەپەندى ئەمدى خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ ئىلگىرىكى بىر مەزگىللىك يۇمشاق ھۆكۈمرانلىق مەزگىللىرىگە قايتقان تەقدىردىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمدى خىتاي كومپارتىيىسىگە بولغان ئىشەنچىنى قايتا تۇرغۇزۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور توم كىلىفىنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىدىن مەلۇم بولغاندەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكى ھەر كۈنى يەنىمۇ كۆپ پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا چىقارماقتا. نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرگەنلەرنى رەت قىلماقتا. بۇ ھەقتە «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئەۋەتىلىشتىكى 48 سەۋەب» ناملىق ماقالىدىمۇ مانا بۇ ئىدىيە ئالغا سۈرۈلگەن. ماقالە ئاپتورى تاننېر گرىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن پۈتكۈل بىر مىللەتكە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ لاگېرلار ھەققىدە ھازىرغىچە ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن رايوندىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ لاگېرغا قامىلىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللارنى يىغىپ رەتلەپ چىققان ئىكەن. ئۇلار چەتئەللەرنى زىيارەت قىلغانلار بىلەن سۆزلىشىش، چەتئەللەرگە چىققان بولۇش، باشقىلارغا گۇناھ قىلماسلىق توغرىسىدا ۋەز ئېيتىش، كۈن چىقىشتىن ئاۋۋال غىزالىنىش، ئۆيىدە ئارتۇقچە يېمەكلىك بولۇش، كۆپ بالىلىق بولۇش، ھاراق ئىچمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك، ئۆيىدە بىردىن كۆپ پىچاق بولۇش، مەسچىتكە بېرىش، روزى تۇتۇش، ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەندە ھازا ئېچىش، مەكتەپ ئىچىدە ياكى خىزمەت ئورنىدا ئانا تىلىدا سۆزلەش، بايراق چىقىرىشقا قاتناشماسلىق، مېيىتنى ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادىتى بويىچە يەرلىككە قويۇش، ساقچىغا تىزىملاتماي تۇرۇپ ئۆيىگە مېھمان چاقىرىش قاتارلىق 48 خىل ئىش-ھەرىكەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئاپتور ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي كىملىك ۋە دىنى ئەقىدىگە زەربە بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى خىتايدەك بولۇشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ ماقالىسىنى تۆۋەندىكى سۆزلەر بىلەن ئاياغلاشتۇرغان: «خىتاينىڭ قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتى خىتاي ئىلگىرى سۈرگەندەك ‹تېررورلۇققا زەربە بېرىش› ئەمەس، بەلكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنى ۋە مىللىي كىملىكىگە زەربە بېرىشتۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ھاياتىنىڭ ھەر بىر جەريانلىرىغا قويۇلغان كۆرۈنمەس سىزىقلاردىن تەشۋىشلىنىپ ياشايدىغان بىر قورقۇنچلۇق ئاتموسفېرانى شەكىللەندۈرگەن. جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى› دېگەن نام بىلەن ئەمەلىيەتتە دۆلەت تېررورلۇقىنى شەكىللەندۈرگەن.»