شۋېتسىيەلىك تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.11.27
Uppsala-Uyghur-symposium.png شىۋېتسىيەدىكى ئۇپسالا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ۋەرەقىسى. 2018-يىلى 24-نويابىر. ئۇپسالا، شىۋېتسىيە.
Social Media

ئۇپسالا ئۇنىۋېرسىتېتى شىۋېتسىيەنىڭ نوپۇزلۇق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ بىرى. مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تۈركولوگىيە فاكۇلتېتى 24‏-نويابىر كۈنى «ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇرلار» دېگەن تېمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىندا نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئېغىر خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن.

يىغىندا شىۋېتسىيەنىڭ تۈركولوگىيە تەتقىقات ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەر، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە سەنئەت ساھەسىدىكى زاتلار ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، سەنئىتى، تارىخىي، شۋېتسىيە مۇزېيلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ۋەسىقىلەر، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى، شۋېت مىسيونېرلىرىنىڭ قەشقەردىكى پائالىيىتى، ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ۋە ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى قاتارلىق تېمىلاردا ئىلمىي ماقالىلەرنى سۇنغان ھەم بۇ ساھەلەردە ئەتراپلىق مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان. 

ئۇپسالا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى، ئۇيغۇرشۇناس پاترىك خالزون يىغىندا ماقالە ئوقۇغان ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ بىرى. ئۇ سەيشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇ يىغىننىڭ نىشانى شۋېتسىيە جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇر تارىخى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا دىققىتىنى قوزغاشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى بەك ئېچىنىشلىق بولۇپ، ئۇنىڭ مەقسىتى بىر تەتقىقاتچى سۈپىتىدىلا ئەمەس، بەلكى بىر شەخس سۈپىتىدە دۇنياغا بۇ رايوندا بولۇۋاتقان ئىشلارنى بىلدۈرۈشكەن. 

پاترىك خالزون مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇ رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى بەك ئېچىنىشلىق ھېس قىلىۋاتىمەن ۋە ئۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمەن. لېكىن بىز بىر تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتىدە شۇنداقلا بىر شەخس سۈپىتىدە بىز قىلالايدىغان ئىش، ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى دۇنياغا بىلدۈرۈش ۋە بۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرۈشتۇر. بىز بۇ رايوندا نېمە ئىشلارنى بولۇۋاتقانلىقىنى خەۋەرلەردە كۆرۈۋاتىمىز. بۇ رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق». 

پاترىك خالزوننىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتىدىكى ئاساسلىق قىزىقىش ساھەسى ئۇيغۇر كلاسسىك ۋەسىقىلەر، بولۇپمۇ كلاسسىك ۋەسىقىلەردىكى ئۇيغۇر مىللىي تېبابەتچىلىكىگە دائىر ماتېرىياللاردۇر. ئەمما پاترىك خالزوننىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى ھازىر ئۇيغۇر رايونىدا «دىنىي ئاشقۇنلۇق» ياكى «بۆلگۈنچىلىك» كە ياتىدىغان خەتەرلىك ساھەگە ئايلىنىپ قالدى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، سەنئىتى، تىلى، تارىخىي، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقات ساھەسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى بىردەك تۇتقۇن قىلىپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغان ياكى قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغان. 

پاترىك خالزون بۇ قېتىمقى يىغىندا «ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەرگەن. پاترىك خالزون ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ۋەسىقىلىرىغا قىزىپ قېلىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇرۇن مازار، تاۋاپگاھلارنىڭ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. لېكىن، كېيىنرەك بارغانچە شۋېتسىيەدە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇر كلاسسىك ۋەسىقىلىرىگە بەكرەك قىزىقىپ قالدىم. چۈنكى، بىزدە ئۇيغۇر تارىخىي ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر نۇرغۇن يازما ۋە ئېتنوگرافىيەلىك ۋەسىقىلەرنىڭ يىغمىسى بار. شۇڭا، سىز شۋېتسىيەدە تۇرۇپ ئۇيغۇر تارىخىي ھەققىدە نۇرغۇن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارالايسىز. باشقىلارنىڭ بىزدىكى يىغما ماتېرىياللار ھەققىدە قانچىلىك خەۋىرى بارلىقىنى بىلمەيمەن. ئەمما بىز شەرقىي تۈركلەرگە ئائىت يىغمىلاردا دۇنيادىكى ئۈچىنچى دۆلەت.» 

بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە، ئۇپسالا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خىتايشۇناس پروفېسسورى يوئاكىم ئەنۋال «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل ئەھۋالى»، سىتوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتى مەركىزى ئاسىيا تەتقىقات پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى، پروفېسسور بىرگىت شېلتېر «گۇننار يارىڭنىڭ تىل تەتقىقاتى»، ئۇپسالا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھىندى-ياۋروپا تىللىرى تەتقىقاتچىسى، پروفېسسور لاسلو كورالى «قەدىمكى يىپەك يولىدىكى ئۇيغۇرلار»، سۋېن ھېدىن فوندى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى خوكان ۋولكۇست «شۋېتسىيە مۇزېيىدىكى قەشقەر يىغمىلىرى» دېگەن تېمىلاردا، شۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر رەسسام نىجات ھوشۇر «شىنجاڭنىڭ سەنئەت قۇرۇلۇش تۈرىدىكى تەجرىبىلەر»، ئۇيغۇر زىيالىيسى، شائىر ئابدۇشۈكۈر مەمەت «ئۇيغۇر شېئىرىيىتى» دېگەن تېمىلاردا دوكلات بەرگەن. 

رەسسام نىجات ھوشۇر سەيشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ يىغىندا سۆزلىگەن دوكلاتىنى تونۇشتۇردى. ئۇ يىغىندا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تۇيۇق غوجام يېزىسىدا ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سەنئەت تەپەككۈرىنى ئالغا سۈرۈش قۇرۇلۇش تۈرىنى سىناق قىلىپ ئېرىشكەن تەجرىبىلىرىنى سۆزلىگەن. 

نىجات ھوشۇر مۇنداق دېدى: «مەن پەقەت ئۆزۈمنىڭ تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ بەردىم. ئۆزۈمنىڭ بېرىپ-كېلىپ تۇرغان ۋاقىتلىرىمدا بىز خەلقىمىزگە غەربنىڭ ئەركىنلىك ئىدىيىسىنى يەتكۈزىمىز، ئۆزۈممۇ بېرىپ كىچىك تۈرنى قىلغان، بالىلارغا قەدىمكى بۇددا رەسىملىرىنى كۆرسىتىپ، شۇ ئۇسۇلنى ئۆزىنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشى بىلەن باغلاپ، بالىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىنى كۈچەيتكەن، بۇ، ناھايىتى ئوبدان بولغان، لېكىن، 2016‏-يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئالاقە ئۈزۈلدى، ھازىر ھېچقانداق ئالاقە يوق، دەپ ئۇلارغا سۆزلەپ بەردىم».

يىغىندا ئابدۇشۈكۈر مەمەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك كۈرەشلىرىگە تاكى ھازىرغا قەدەر ئىلھام بولۇپ كېلىۋاتقان 20‏-ئەسىردىكى 3 ئۇيغۇر شائىرىنىڭ «ئويغان»، «يىللارغا جاۋاب»، «ئىز» ناملىق شېئىرىنى شۋېتچىغا تەرجىمە قىلىپ بەرگەن. ئۇ سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزغا قىلغان سۆزىدە، يىغىننىڭ مەزمۇنى تارىخ، مەدەنىيەت، تىل قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىسى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بۈگۈنكى قىسمەتلىرىگە بېرىپ تاقالغانلىقى» نى بىلدۈردى. 

ئابدۇشۈكۈر مەمەت مۇنداق دەيدۇ: «يىغىننىڭ ئومۇمى ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى ئۆتتى. ئومۇمىي مەزمۇنى تارىخ، سىياسەت، تىل، مەدەنىيەت، ئەدەبىيات قاتارلىق ھەر خىل ساھەلەرگە چېتىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى تارتىۋاتقان زۇلۇمى، بىلىم ئادەملىرىنىڭ ھازىرقى قىسمەتلىرىگە بېرىپ تاقالدى».

ئۇپسالا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانت پاترىك خالزوننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 24‏-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ يىغىننىڭ يەنە بىر مەقسىتى بۇ ساھەسىدىكى خەلقئارا تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنى دەرھال تاقاش توغرىسىدا چىقارغان چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشكەن. 

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يەردە يەنە شىنجاڭدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېلان قىلغان چاقىرىقىغا دائىر ئۇچۇرلار بار. ئۇنىڭدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەزكۇر رايوندىكى قىلمىشلارنى دەرھال توختىتىشى تەلەپ قىلىنغان. شۈبھىسىزكى بۇ يىغىن مەزكۇر چاقىرىقىنى دىققەتكە ئالدى». 

ئۇپسالا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى يىغىندا يەنە ئۇيغۇر سەنئەتكارلار سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتكەن. بۇنىڭدا 2017‏-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ئاتاقلىق مۇزىكانت ۋە ناخشىچى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ شاگىرتى مۇختەر ئابدۇكېرىم، شۋېتسىيەدىكى يەنە بىر ئۇيغۇر سەنئەتچى مىركامىل تۈركەل ئۆزھال مۇقامىنى ئورۇنداپ بەرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.