ئۇيغۇر ئېلىدە 2016-يىلى ئۆكتەبىردىن باشلاپ بىراقلا ئەۋج ئالغان «تۇققانلىشىش» ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسىدە بىر مىليوندىن ئارتۇق خىتاي كادىرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە دائىملىق ئولتۇرۇشلۇق «تۇغقان» لاردىن بولۇپ قالغانلىقى مەلۇم بولماقتا. بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس تەكشۈرۈش ماقالىسىدە مەزكۇر سىياسەتنىڭ مەنبەسى، ئىجرا قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭ مەقسىتى ئۈستىدە تەپسىلىي ئىزدەنگەن. تۆۋەندە ئىرادە سىلەرگە بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىدۇ.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن لاگېرغا قامىغاندىن باشقا يەنە، «قوشماق تۇققانلىشىش» دەيدىغان سىياسەت ئارقىلىق لاگېرنىڭ سىرتىدا قالغان ئۇيغۇرلارنىمۇ 24 سائەت بويىچە نازارەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرماقتىكەن. خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ يىل سېنتەبىرگىچە جەمئىي بىر مىليون يۈز مىڭدىن ئارتۇق كادىرنىڭ بىر يېرىم مىليوندىن ئارتۇق يەرلىك كىشىلەر بىلەن تۇغقان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ مەسىلە نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان لاگېر تۈزۈمىدىن باشقا كۈچلۈك دىققەت ۋە نارازىلىق قوزغاۋاتقان يەنە بىر مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ، خەلقئارادىكى مەتبۇئاتلاردا قىزغىن مۇنازىرە تېمىسى بولماقتا. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 30-نويابىر كۈنى «چوڭ ئاكا: نېمىشقا بىر مىليون خىتاي ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىلەن بىللە ياشاشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ؟» ماۋزۇلۇق بىر تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن نازارەتنى ئاشكارىلىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھەرقايسى جايلاردا «تۇققانلىشىش ھەپتىلىكى» دەپ باشلانغان بۇ سىياسەت كېيىن بېرىپ رەسمىيلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ «مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى» نىڭ شىنجاڭ بۆلۈمى بۇ يىلى 2-ئايدىكى بىر ئۇقتۇرۇشىدا ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ چوقۇم ئۆزلىرىگە بېكىتىپ بېرىلگەن «تۇغقانلىرى» نىڭ ئۆيىدە تۇرۇشى كېرەكلىكى، بۇنىڭ مەجبۇرىي خىزمەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىكەن. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، بۇ ۋەزىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان كادىرلار چوقۇم شۇ «تۇغقانلاشتۇرۇپ» قويۇلغان ئائىلىلەردىكى مۇھىم پائالىيەتلەرگە مەسىلەن، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا ئىسىم قويۇش مۇراسىمى، سۈننەت توي، نىكاھ ۋە نەزىر-چىراغ قاتارلىق مۇراسىملارغا چوقۇم قاتنىشىشى، شۇ ئائىلە ئىچىدىكى ھەربىر ئەزانىڭ ئىدېئولوگىيىلىك ئەھۋالىنى، ئۇلارنىڭ قانداق ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى بارلىقىنى، دىنى ئېتىقادى، ئايلىق كىرىمى، ئائىلە ئىچى مەسىلىلىرى ۋە ئېھتىياجلىرى، شۇنداقلا يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى دېگەنلەرنى چوقۇم بەش قولدەك بىلىشى كېرەك ئىكەن.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىدىكى بۇ سىياسەتنىڭ كەينىدىن «خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى» نىڭ چىقىشى ئۇيغۇرلارغا ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ پىلانلىق ۋە تەشكىللىك ھالدا، مەركەزدىن بىۋاسىتە ھالدا چۈشۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى يەنىمۇ ئېنىق ئىسپاتلاپ بېرىدىكەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ئۆز خەۋىرىدە تۈركىيەدە پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇلار يۇرتلىرىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلمەي ئۆيدە قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر ياكى بىردىن ئارتۇق خىتاي تۇغقىنى بارلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. ئۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلاردىن خالمۇرات ئىدرىس ئۆزىنىڭ يۇرتىدىكى 39 ياشلىق سىڭلىسىنىڭ ھازىر بىر ئاتالمىش خىتاي «ئانىسى» بارلىقىنى ئېيتىپ، «ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ھازىر ئۆزىنىڭ دۈشمىنى بىلەن بىرگە ياشاشقا مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ. بۇ تولىمۇ يىرگىنچلىك» دېگەن.
ئامېرىكىلىق ئانتروپولوگىيە تەتقىقاتچىسى دوكتور دەررىن بايلېر ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇلغان ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى ھەققىدە يېقىندا ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يەرلىك ۋىلايەت ۋە ناھىيىلەرگە ئەۋەتىلگەن بۇ ئاتالمىش «تۇغقان» لارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئۆيىدە نازارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەربىر ئىش-ھەرىكىتى، كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە ياشاش ئۇسۇلى قاتارلىق ئەڭ ئىنچىكە تەرەپلەرگىچە خاتىرىلەپ يۇقىرىغا دوكلات قىلىدىغانلىقىنى، بۇ مەلۇماتلارغا ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. دەرۋەقە، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇرنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ تۇرپاندىكى تاغىسىنىڭ دەسلەپتە خىتاي تۇغقىنى بىلەن چۈشكەن رەسىمىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ساقلىقىدىن خاتىرجەم بولغان بولسىمۇ، ئەمما بىر نەچچە ۋاقىتتىن كېيىنلا ئۇ تاغىسىنىڭمۇ ئوخشاشلا لاگېرغا ئەۋەتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.
ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيى تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇكنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق يوسۇندا ئۆيلىنىشى، ئۆيىدە تېلېۋىزور كۆرۈش-كۆرمەسلىكى، نېمە پروگرامما كۆرۈشى، بالىلىرىغا نېمە ئۆگىتىشى دېگەندەك بارلىق ھەرىكەتلىرىگە ئارىلىشىشى كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىي ھاياتىغا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
مەزكۇر ماقالىدە يەنە، ئەرلىرى لاگېرغا قامالغاندىن كېيىن يالغۇز قالغان ئاياللارنىڭ ئەر كادىرلار بىلەن «تۇققانلىشىش» قا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىمۇ ئالاھىدە يورۇتۇلغان. تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان يۇنۇس ئىسىملىك كىشىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇنىڭ يۇرتىدىكى ئاتا-ئانىسى ۋە ئاكىسى تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن ئۆيدە پەقەت ئۇنىڭ ئاكىسىنىڭ ئايالى ۋە بالىسى قېپقالغان ھەم بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ بىر خىتاي ئەر بۇ ئۆيدە ئۇلار بىلەن تۇرۇشقا باشلىغان ئىكەن. مەزكۇر خەۋەردە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئەڭ قاتتىق بىئارام قىلىۋاتقان بىر ئەھۋال ئىكەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى تويلىشىشنىڭ ئالاھىدە تەشۋىق قىلىنىپ ۋە ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك مۇكاپات سىياسەتلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنى شۇنداق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى «قوشماق تۇغقان» سىياسىتىنىڭمۇ ھازىر غەرب مەتبۇئاتلىرىدا كۈچلۈك دىققەت قوزغىغانلىقىنى، شۇڭا ئەمدىكى نىشاننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق سىياسەتلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن ئەمەلىي بىر نەتىجە قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تەدبىرنى «ھەر مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى چۈشەنمەسلىكنى تۈگىتىپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا زور ئۈنۈم يارىتىۋاتقانلىقى» نى تەشۋىق قىلسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ سىياسەتنى مىللەتنى «خىتايلاشتۇرۇش»، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى خالىغاندەك ياشاش، ئىبادەت قىلىش، ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىشىغا پۇرسەت بەرمەسلىك ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقى مەلۇم.