شىۋېتسىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئالىي ئورگىنى ھېسابلىنىدىغان شىۋېتسىيە ئىسلام بىرلىكىنىڭ 33-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدا باشلاندى. مەزكۇر قۇرۇلتايغا شىمالىي ياۋروپا ئەللىرىدە ياشايدىغان مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ۋەكىللىرى ۋە شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان ئالىملىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپ قىلىنىپ، ئىسلام ئەللىرىنىڭ ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيىتى، ھەرخىل ئېقىم مەسىلىلىرى ۋە غەرب ئەللىرىدە ئىسلام دىنىغا بولغان چۈشىنىشنى ئاشۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە لېكسىيە بېرىش ۋە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىش پىلانلاندى. ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ بۇ نۆۋەتلىك يىغىندىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ، يىغىننىڭ ئاياغلىشىش كۈنىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇنازىرە تېمىلىرىنىڭمۇ بىرى قىلىپ بېكىتىلگەن.
شىۋېتسىيە ئىسلام بىرلىكى شىۋېتسىيەدىكى 500 مىڭغا يېقىن مۇسۇلمان ئاممىسىغا ۋەكىللىك قىلىپ كېلىۋاتقان بىر ئورگان بولۇپ، ئۇنىڭ 40 مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى ۋە 1000 غا يېقىن تارماق تەشكىلاتلىرى مەۋجۇت. بۇ ئورگان تەرىپىدىن ھەر يىلى ئىككى قېتىم ئېچىلىدىغان شىۋېتسىيە ئىسلام بىرلىكى قۇرۇلتىيىغا شىۋېتسىيەدىكى مۇسۇلمان ۋەكىللەردىن سىرت، شىمالىي ياۋروپادىكى دانىيە، فىنلاندىيە، ئىسلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان مۇسۇلمان ۋەكىللىرىمۇ قاتنىشىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى ئېقىم مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ۋاكالىتەن ئىسلام بىرلىكى قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ھەر نۆۋەتلىك يىغىندا ياۋروپا ئەللىرىدىن كەلگەن بۇ مۇسۇلمان ۋەكىللەرگە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ كەلمەكتە.
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى قۇرۇلتايغا قاتنىشىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەندىن باشلاپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشىمۇ كۈچىيىپ بارغان.
بۇ يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدا ئارقا-ئارقىدىن نۇرغۇن قانلىق ۋەقەلەر مەيدانغا كەلدى. پىچان لۈكچۈن ۋەقەسى، خوتەن خانئېرىق ۋەقەسى، 29-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېندىكى ۋەقە ۋە تېخى يېقىندا كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ سايباغ يېزىسىدا 6 ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاياغلاشقان ۋەقەلەر ھازىرغىچە خەلقئاراغا ئاشكارىلانغان تىپىك ۋەقەلەردۇر. نىجات تۇرغۇن ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان يۇقىرىقىدەك ۋەقەلەرنىڭمۇ خەلقئارا جامائەتنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تارتىشتا، جۈملىدىن مەزكۇر قۇرۇلتايدىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مۇھىم ئېتىبارغا ئېرىشىشىدە زور رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئەمما نىجات ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ يىغىنغا قاتنىشىش جەريانىدا باشقا مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى، شۇڭا ئىسلام ئەللىرى ۋە مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ياردىمى ۋە ھېسداشلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن يەنىلا ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش، ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ئاڭلىتىش خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەشنىڭ ھازىرقى باسقۇچتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
نىجات ئەپەندى پەيشەنبە كۈنىدىكى مۇنازىرىدە ئۆزلىرىنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ چەكلىنىشى، مىللىي مەدەنىيىتى ۋە تىلىنىڭ يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.