ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى: «خىتاينىڭ ھەرىكەتلىرى نۇرغۇن دۆلەتلەردە جىددىي سوئال پەيدا قىلماقتا»

0:00 / 0:00

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر يېقىندا ئارىزونا شتاتىدا قىلغان بىر سۆزىدە، خىتاينىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەرىكەتلىرى ۋە تور ھۇجۇملىرىنىڭ ئامېرىكىنى قاتتىق ئويلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە يەنە، ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان سىياسەتلىرىنى تەڭشەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. كارتېرنىڭ جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيەگە قىلىدىغان رەسمىي زىيارىتىنى باشلاش ئالدىدا قىلغان بۇ سۆزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالىلەردە، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا قاراتقان سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر مۇلاھىزە قىلىنماقتا.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر بۇ يىل فېۋرالدا مۇداپىئە مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان ئىدى. ئۇنىڭ مىنىستىر بولغاندىن كېيىن خىتاي ھەققىدە بىلدۈرگەن تۇنجى ئىپادىسىدە قاتتىق ئىبارىلەرنى قوزغىشى دىققەت قوزغىدى. ئۇ دۈشەنبە كۈنى ئارىزونا شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا قىلغان سۆزىدە، «خىتاينىڭ رايوندا قىلىۋاتقان بەزى ھەرىكەتلىرى ئامېرىكا ۋە باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەرنى قاتتىق ئويلاندۇرماقتا. خىتاينىڭ ھەربىي راسخوتىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولماسلىقى، توردا قىلىۋاتقان ھەرىكەتلىرى ۋە تالاش-تارتىشتىكى دېڭىز رايونىدا قىلىۋاتقان ھەرىكەتلىرى كىشىدە جىددىي سوئال پەيدا قىلىدۇ» دېگەن.

ئاشتون كارتېر سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ياكى ئۇكرائىنا كرىزىسىگە ئوخشاش جىددىي مەسىلىلىرى بولسىمۇ، ئەمما تىنچ ئوكيان رايونىدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن رايوندىكى ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ قىياپىتىنى يېڭىلاش ئۈچۈن رايوندىكى قورال-ياراق ۋە ئەسكىرى كۈچلەردە تەڭشەش ئېلىپ بارىدۇ. مانا بۇ رامكا ئىچىدە ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاسىيادا تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇزۇن مۇساپىلىك يوشۇرۇن بومباردىمانچى، ھەربىي پاراخوتقا قارشى ئۇزۇن مۇساپىلىك راكېتا قاتارلىق مۇداپىئە تېخنىكىلىرىغا مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا يەنە رايونغا كۈرەشچى رېئاكتىپ ئايروپىلان، راكېتادىن مۇداپىئەلىنەلەيدىغان ھەربىي پاراخوتقا ئوخشاش قوشۇمچە ھەربىي لاۋازىمەتلەرنى ئەۋەتىدۇ.»

ئاشتون كارتېر سۆزى داۋامىدا، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ شېرىك ئەمەسلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ ئىككى دۆلەت بىر-بىرىگە دۈشمەن، دېگەن مەنىنىمۇ ئىپادىلىمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ يەردە ھەممە كىشىگە ئورتاق مەنپەئەت بېرىدىغان باشقا يوللارمۇ بار. ئۇ بولسىمۇ، يىللاردىن بېرى ئامېرىكىنىڭ يېتەكچىلىكى بىلەن بەرپا بولغان تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ داۋام قىلىشىدۇر. ئامېرىكا بىلەن خىتاي شېرىك دۆلەتلەر ئەمەس. ئەمما بىزنىڭ دۈشمەن بولۇشىمىزغىمۇ كېرەك يوق. بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز ھەم رىقابەت، ھەم ھەمكارلىق ئىچىدە داۋام قىلىدۇ» دېگەن.

ئۇ يەنە ئالىي مەكتەپتىكى ياشلارغا خىتاب قىلىپ تۇرۇپ، «ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇقىملىقى ۋە پاراغىتىگە كاپالەتلىك قىلىش سىلەرنىڭ دەۋرىڭلاردىكى مەركىزى ئىستراتېگىيىلىك رىقابەت بولۇپ قالىدۇ» دېگەن.

ۋال سىترىت ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر يېقىندا ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق زىيارەتمۇ ئاساسلىق ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدا شېرىكلىرىنى ھەر ۋاقىت قوللايدىغانلىقىنى نامايان قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەت مۇداپىئە كۆرسەتمىسىنى كۆزدىن كەچۈرىدىغان بولۇپ، بۇ 1997-يىلىدىن بۇيان ئىككى دۆلەتنىڭ كۆرسەتمىنى تۇنجى قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇمۇ خىتاينىڭ رايوندىكى ھەربىي كۈچىنى كېڭەيتىشىگە قارشى، ياپونىيەگە شەرقىي ئاسىيانىڭ تىنچلىقىنى ساقلاشتا چوڭراق رول بېرىشنى نىشان قىلىدىكەن. جەنۇبىي كورېيەدىكى زىيارىتى جەريانىدا بولسا ئىككى تەرەپ شىمالىي كورېيە يارىتىۋاتقان تەھدىت ۋە ئۇنىڭغا قارشى ئېلىنىدىغان تەدبىرلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

خىتاينىڭ ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى جۇ خەيچۈن ئاشتون كارتېرنىڭ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا دىئالوگ ئارقىلىق ئۆز-ئارا ئىشەنمەسلىكنى يوقاتقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ مۇداپىئە خاراكتېرلىك ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ رايون ۋە دۇنيادىكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىجابىي رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ۋال سىترىت ژۇرنىلىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىراق ۋە ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشنىڭ پەسىيىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئاساسلىق كۈچى ۋە مەبلىغىنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا قارىتىشنى ۋە بۇ ئارقىلىق شېرىكلىرىنى خىتاينىڭ زورىيىۋاتقان ھەربىي كۈچى ۋە باشقا خەۋپلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا خاتىرجەم قىلىشنى پىلان قىلغان. بىراق، ئامېرىكا مۇداپىئەسىگە ئاجرىتىلغان مەبلەغنى قىسىش ۋە شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان ئۈستىدىكى پىلانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى كېچىكتۈرۈپ قويماقتا ئىكەن.

شۇڭا، ئاشتون كارتېر سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ ۋە ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تىنچلىققا كاپالەتلىك قىلىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، دۆلەت مەجلىسىنى مۇداپىئەگە ئاجرىتىلىدىغان مەبلەغنى ئاشۇرۇشقا ۋە بىر قىسىم ئىقتىسادىي پىلانلارنى دەرھال يولغا قويۇشقا چاقىرغان.