پروفېسسور پېي : شى جىنپىڭ جۇڭگونى ساقلاپ قىلىشى كېرەكمۇ ياكى كومپارتىيەنى؟

0:00 / 0:00


ياپونىيەدىن چىقىدىغان «خەۋەرلەر ھەپتىلىك ژۇرنىلى»نىڭ مارت ئېيىنىڭ تۇنجى سانىدا ئامېرىكا كلارەمونت ماكېننا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى، پروفېسسور پېي مىن شىننىڭ «شى جىنپىڭنىڭ ئۇرۇشى» سەرلەۋىلىك سىياسىي ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

مەزكۇر ماقالىدە جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي سىياسى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئاپتورنىڭ شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ پارىخور ئەمەلدارلارغا ۋە خىتايدىكى دېموكراتچىلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي كۈرىشى ۋە بۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدىكى قاراشلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. پىي مىنشىننىڭ قارىشىچە، خىتاي دۆلىتى رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ، جۇڭگونى ۋە ياكى جۇڭگو كومپارتىيەسىنى ساقلاپ قىلىشتىن ئىبارەت، ئىككىدىن بىرىنى تاللاش سىياسىي ھالاكەت گىرداۋىغا بېرىپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەلقئارا ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور پېي مىنشىن ماقالىسىنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا «ھەربىي ئۇرۇش ئىستراتېگىيەسىدە جەڭ ھەمىشە ئىككى يۈزلۈك ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر سىز كۈچلۈك ئىككى تەرەپ بىلەن جەڭ قىلماقچى بولسىڭىز، ئەلۋەتتە سىز ئەسكەرىي كۈچىڭىزنى ئىككىگە تەڭ بۆلۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ خىل جەڭ ئۇزۇنغا سوزۇلسا شەك - شۆھبىسىزكى، سىزنىڭ غەلىبىڭىز نول بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بەزى ۋاقىتتا بۇ خىلدىكى ھەربىي ئۇرۇش ئىستراتېگىيەسى سىياسىي كۈرەشلەرگە ئانچە ماس كەلمىسىمۇ، ئەمما ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بۇ خىل ھەربىي ئۇرۇش ئىستراتېگىيەسى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە بىر ئاز ماس كېلىپ قىلىۋاتىدۇ» دېگەن.

پروفېسسور پېي مىنشىن ماقالىدە، ئىككى يىل ئىلگىرى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى سىياسىي كۈرىشىنىڭ پارىخور ئەمەلدارلارنى يوقىتىش، دېموكراتچىلارنى باستۇرۇش،كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى نەزەربەند قىلىش، ئادالەت ياقلىغۇچى ئادۋوكاتلارنى كونتروللۇققا ئېلىشتىن باشلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئەمما، ياپونىيەدىكى جۇڭگونىڭ مىللەت مەسىلىسى تەتقىقاتچىلىرىدىن بىرى ناكو خانىم شى جىنپىڭنىڭ يالغۇز پارىخور ئەمەلدارلارنى ۋە خىتاي دېموكراتچىلىرىنىلا باستۇرۇپ قالماستىن، بەلكى تىبەت، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى شىدەت بىلەن باستۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ماقالىدە دېيىلىشىچە، شى جىنپىڭ دەۋرىدىن ئىلگىرىكى ئون يىل ئىچىدە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا جەمى 65 ئەمەلدار پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان، ئەمما شى جىنپىڭ ئىككى يىل ئىچىدە 71 پارىخور ئەمەلدارنى تۇتقان. مەملىكەت مىقىياسىدا 9600 ئەمەلدارغا جازا بېرىلگەن.

ياپونىيەدىن چىقىدىغان «خەۋەرلەر ھەپتىلىك ژۇرنىلى» دىكى «شى جىنپىڭنىڭ ئۇرۇشى» سەرلەۋىلىك سىياسىي ئانالىز ماقالىسى
ياپونىيەدىن چىقىدىغان «خەۋەرلەر ھەپتىلىك ژۇرنىلى» دىكى «شى جىنپىڭنىڭ ئۇرۇشى» سەرلەۋىلىك سىياسىي ئانالىز ماقالىسى


پېي مىنشىن ماقالىسىدە، خۇ جىنتاۋ دەۋرىگە سېلىشتۇرغاندا شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىدە پارىخورلۇققا زەربە بېرىش نىسبىتىنىڭ بەلگىلىك ئاشقانلىقىنى، ئەمما 2014 - يىللىق كومپارتىيە ئىچىدىكى پارىخور ئەمەلدارلارغا ئائىت دوكلاتنىڭ تېخى ئېلان قىلىنمىغانلىقىنى، لېكىن بەزى بىر ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ سانى ئىلگىرىكىدىن بەلگىلىك دەرىجىدە ئاشقانلىقى مۇمكىنچىلىكىنى كۆرسىتىپ، گۈيجۇ، يۈننەن،جياڭسۇ قاتارلىق ئۆلكىلەردە بايقالغان پارىخور ئەمەلدارلار سانىنىڭ ھېلىلا يۇقىرىلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ شى جىنپىڭنىڭ پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرەش نىشانىنى مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا قاراتقانلىقىنى، ھەربىي قوماندانلىق شتابلىرى، ھەربىي قىسىملاردىكى گېنېرال مايور دەرىجىسىدىن يۇقىرى 16 ئەمەلدارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتاي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئىككىنچى نومۇرلۇق ئەمەلدارى شۈ سەيخۇنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

ئاپتور ماقالىسىدە، شى جىنپىڭنىڭ پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە بىر قىسىم ئاۋام خەلق بارىكالا ئېيتىپ، دۆلەت رەئىسىگە ئاپىرىن ئوقۇپ «شى جىنپىڭ، پارىخورلار ئۈچۈن ئەڭ بىخەتەر جاي بولغان كومپارتىيە ئىچىگە موكۇنۈۋالغان پارىخور ئەمەلدارلارغا ئاتوم بومبىسى تاشلاۋاتىدۇ» دەپ، ئۇنى ماختاپ تەرىپلەۋاتقانلىقىنىمۇ بايان قىلغان.

ماقالىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە پروفېسسور پېي مىنشىن، ھازىرچە شى جىنپىڭنىڭ پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش، دېموكراتىيەنى باستۇرۇش كۈرىشىنىڭ غەلىبىلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا بۇ كۈرەشتە جۇڭگودىكى بىر قىسىم ئۆكتىچى ئىنتېرنېت بلوگ يازغۇچىلىرى قولغا ئېلىنىپ، بارلىق ئىنتېرنېت تورلىرى قامال قىلىنىپ، شى جىنپىڭغا قارشى ماقالە ۋە يازمىلارنىڭ بارغانچە ئازىيىپ بارغانلىقىنى قەيت قىلغان.

ماقالىدە، ئاپتور جۇڭگو ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى ئەركىنلىكنى تەرغىپ قىلىپ، شى جىنپىڭغا قارشى چىققۇچى زىيالىيلارنىڭ ئاللىقاچان تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىلەرگە تاشلىنىپ بولغانلىقىنى، ئەگەر شى جىنپىڭ بۇنداق قاتتىق قوللۇق قىلمىسا، ئۆز تەغدىرىنىڭ 80 - يىللاردىكى خۇ ياۋباڭ بىلەن جاۋ زىياڭغا ئوخشاپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.

پېي مىشىن ماقالىسىنىڭ «دېموكراتىيەنى باستۇرۇش» دېگەن قىسمىدا،«شى جىنپىڭ دېموكراتىيەنى باستۇرۇش، ئەركىنلىكە ئىنتىلگەنلەرنى تۇتقۇن قىلىش، بۇ خىل ئىدىيەلەرنىڭ دۆلەت ئىچىگە تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئارقىلىق، كومپارتىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ. ئۇ، دېموكراتىيە بىلەن ئەركىنلىك جۇڭگودا زورىيىپ كەتسە كومپارتىيە زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ دەپ قارايدۇ. شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى مەقسىتى بولسا، كومپارتىيەنى پاك - پاكىزە تازىلاپ، ساغلام بولغان خىتاي كومپارتىيەسىنى بەرپا قىلىش» دېگەن.

ماقالىنىڭ «شى جىنپىڭنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى» دېگەن قىسمىدا بولسا «شى جىنپىڭ "يولۋاسنى تۇتۇش، چىۋىننى ئۇرۇش"تىن ئىبارەت بۇ سىياسىي تاكتىكىسىنى ھە دەپ خەلققە كۆرسىتىۋاتىدۇ. لېكىن بۇ سىياسەت قاچانغىچە داۋا قىلىدۇ؟ ئەگەر بۇ ئۇزۇنغىچە داۋام قىلسا، بۇ مەنىسىز بىر سىياسەت بولىدۇ. چۈنكى، مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان، قانۇنىي جاۋابكارلىق بولمىغان بىر دۆلەت، ئۆز قانۇنى، ھاكىمىيىتى، دۆلەت سىستىمىسى ۋە باشقا تەرەپلەردە ئىسلاھات ئېلىپ بارمىسا، بۇ خىلدىكى پارىخورلۇق قىلمىشلىرى داۋاملىشىۋېرىدۇ. شى جىنپىڭ سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتىدۇ. ئۇنىڭ سىياسىي ئىسلاھات پىلانى ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش. ئۇ، ئۆزىنىڭ مەسلەكداشلىرىنى توپلاپ، ئۆز كۈچىنى كۈچەيتىپ كونا سىستىما بويىچە دۆلەتنى باشقۇرماقچى بولىۋاتىدۇ» دېيىلگەن.

پروفېسسور پېي مىنشىن ماقالىسىنىڭ ئاخىرىقى قىسمىنى «جۇڭگۇنىڭ ئىككى خىل كەلگۈسى» سەرلەۋھىلىك مۇلاھىزىسى بىلەن ئاخىرىلاشتۇرغان بولۇپ،ئۇنىڭدا «جۇڭگونىڭ سىياسىي ئىسلاھاتى 4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما، كومپارتىيە بۇنىڭغا ھازىرغىچە قىلچە پەرۋا قىلمىدى. شى جىنپىڭ پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ ئاۋام خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. 2013 - يىلىدىن باشلاپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بۇ كۈرەش غەلىبە قىلدى. لېكىن، شى جىنپىڭنىڭ كومپارتىيە ئىچىدىكى پارىخورلۇقنى پاك - پاكىزە تازىلاش ئۈمىدىگە يېتىشى تولىمۇ ئۇزاق ئىش بولۇپ، بەلكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كومپارتىيە ئىچىدىن ئۇنىڭغا قارشى دۈشمەن چىقىشى مۇمكىن. چۈنكى، شى جىنپىڭ باستۇرۇۋاتقان كومپارتىيە ئىچىدىكى پارىخورلۇق بىر - بىرىگە زەنجىرسىمان تۇتىشىپ كەتكەن. جۇڭگولۇقلارنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا " سېسىقلار دۆلەتنىمۇ سېسىتىدۇ" دېگەندەك كومپارتىيەدىكى پارىخور ئەمەلدارلار ئاخىرى جۇڭگونى ۋەيران قىلىدۇ. ئەگەر شى جىنپىڭ كومپارتىيە ئىچىدىكى تېگىدىن سېسىپ كەتكەن پارىخورلۇق قىلمىشلىرىغا قارشى ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلماقچى بولىدىكەن. ئاقىۋەتتە بۇ ئىشقا كومپارتىيە ئاجىز كېلىپ ئۆزى ۋەيران بولىدۇ. سەۋەبى جۇڭگو كومپارتىيەسى ئىچىدە ساپ ئەمەلدارلاردىن پارىخورلار كۆپ. يىغىپ ئېيتقاندا، جۇڭگونى كومپارتىيە ئىچىدىكى پارىخور ئەمەلدارلار ۋەيران قىلىدۇ. شۇڭا شى جىنپىڭ پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش بىلەن دېموكراتىيەنى باستۇرۇش كۈرىشىگە دىققەت قىلمىسا، ئۆزى كومپارتىيەنى ۋەيران قىلىپ قويىدۇ» دېگەن.

ماقالىنىڭ ئاخىرىقى بۇ قىسىمىدا يەنە ئاپتور «ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئىچىدە شى جىنپىڭ دېموكراتىيەنى باستۇرۇش ئارقىلىق ۋاقىتلىق غەلىبىگە ئېرىشكەندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن بىز ئۇزاققا نەزەر سالساق، جۇڭگو كومپارتىيەسى ئەمدى مەڭگۈ غەلىبە قىلالمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى تولىمۇ ئاددىي، چۈنكى شى جىنپىڭنىڭ ھازىر ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشى بىرلا كىشىگە قارىتىلغان كۈرەش ئەمەس، نۇرغۇنلىغان دېموكراتىيەنى ياقلىغۇچى خەلققە قارىتىلغان ئۇرۇش. مۇنداقچە ئېيتقاندا، شى جىنپىڭ دېموكراتىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا ئۇ، مۇتلەق غەلىبە قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا يەنە سەككىز يىل ۋاقىت بار. بۇ جەرياندا ئۇ يا كومپارتىيەنى ۋە ياكى جۇڭگونى ساقلاپ قىلىشتىن ئىبارەت ئىككىدىن بىرىنى تالاشقا دۇچ كېلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتساق، كومپارتىيە بىلەن بىرلىشىش كېرەكمۇ ۋە ياكى خەلق بىلەن دېگەن مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ. ئەگەر ئۇ، خەلق بىلەن بىرلەشسە كومپارتىيەنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ. ئەمما ئادالەتپەرۋەر بولىدۇ» دېگەن.

يۇقىرى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.