شى جىنپىڭ تۈركمەنىستانغا شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە قارشى تەكلىپ سۇندى

0:00 / 0:00


ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتىنى تۈركمەنىستاندىن باشلىغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2013 - يىلى 3 - سىنتەبېر كۈنى ئاشخابادتا تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى بەردىمۇھەممۇدۇف بىلەن ئۇچراشتى ۋە خىتاي بىلەن تۈركمەنىستان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى قارار قىلدى.

ئۇچرىشىشتا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈركمەنىستان بىلەن مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە ئورتاق قارشى تۇرۇش قاتارلىق 6 تۈرلۈك تەكلىپنى سۇندى.

شى جىنپىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسدىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن قارشى تەرەپنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشنى شەرت قىلغان.

شى جىنپىڭ تۈركمەنىستاندىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى نېفىت - تەبىئىي گاز ھەمكارلىقنىڭ بىخەتەر يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچكە ئورتاق قارشى تۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى توغرىسىدا خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورى ۋە خەلق گېزىتى ئۇچۇر تارقاتقان بولسىمۇ، چەتئەل مەتبۇئاتلاردا بۇ ھەقتە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.

كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭدىن خىتاينىڭ تۈركمەنىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن تۇرۇببا يولى ئارقىلىق يۆتكەۋاتقان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېنىرگىيەلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي خەلق گېزىتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە قارىغاندا، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «خىتاي بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى ھەققىدىكى بىرلەشمە باياناتى»نى بىرلىكتە ئىمزالىغان ۋە دىپلوماتىيە، ئىقتىساد، سودا، ئېنېرگىيە، ئورمانچىلىق، مائارىپ، تەنتەربىيە، يەرلىك ھەمكارلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىت بولغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 13 - كۈنىگىچە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردىن تۈركمەنىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىكەن ھەمدە رۇسىيەنىڭ سانتپېتىربۇرگدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى (G20) رەھبەرلىرىنىڭ 8 - قېتىملىق ئۇچرىشىشى ۋە قىرغىزىستاننىڭ بېشكەكتە ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 13 - قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن.

تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بولغان مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكنىڭ ئىپادىسى دەپ باھا بەردى ۋە شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتلىرىدە بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئەڭ مۇھىم نۇقتا بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

تۈركىيە ئاناتولىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، تۈركمەنىستان رەئىسى تۈركمەنىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئېنىرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ كۆپ مىقداردا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى ۋە خىتاي بىلەن تۈنجى قېتىم 40 مىليارد كۆپمېتىر تەبىئىي گاز ئېكىسپورت قىلىشقا توختام تۈزگەنلىكىنى، 2011 - يىلى 25 مىليارد كوپمېتىرلىق بىر قوشۇمچە توختام تۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە شۇنىڭ بىلەن خىتايغا يىلدا 65 مىليارد كۇپمېتىر تەبىئىي گاز ئېكىسپورت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەرلەردە بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ تۈركمەنىستاندا بەردىمۇھەممەدۇف بىلەن بىرلىكتە، دۇنيا بويىچە 2 - چوڭ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئېچلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. بۇ تەسىساتنى ياساش ئۈچۈن 10 مىليارد دوللار مەبلەغ كەتكەن بولۇپ، خىتاي تۈركمەنىستانغا 8 مىليارد دوللار قەرز بېرىپ تۇرغان، شۇنداق قىلىپ خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى (CNPC) نىڭ تۈركمەنىستان بىلەن ئورتاقلىشىپ ئاچقان نەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش تەسىساتى رەسمىي ئىشقا كىرىشكەن.

خەۋەرلەردە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھازىر تەبىئىي گازغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ 55% ىنى چەتئەللەردىن ئىمپورت قىلىش ئارقىلىق قامداۋاتقان بولۇپ، بۇ سان 2020 - يىلىغا بارغاندا 70% ىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. مۇنداقچە ئېيىتقاندا خىتاي تەبىئىي گاز ئېھتىياجىنى قامداشتا چەتئەلگە باغلىنىپ قالغان دۆلەت ھېسابلىنىدىكەن.

تۈركمەنىستاندا 26.2 تىرلىيون كۇپمېتىر تەبىئي گاز زاپىسى بار بولۇپ، بۇنىڭدىن خىتاي 4 - 6 مىليارد كۇپمېتىر تەبىئىي گازنى ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خىتاي نېمە ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ؟ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىستىراتېگىيسى نېمە ؟ نېمە ئۈچۈن خىتاي ھەر دائىم باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە ئورتاق قارشى تۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىدۇ؟ ھازىر دۇنيادا ئىقتىسادىي جەھەتتە ئامېرىكىدىن قالسا 2 - نومۇرلۇق چوڭ كۈچ دەپ قارىلىدىغان خىتاي مۇشۇنداق بىر چوڭ كۈچ تۇرۇپ شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى ئالدىدا نېمە ئۈچۈن تۈركمەنىستانغا ئوخشاش يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان بىر دۆلەتتىن ياردەم سورايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەنقەرە ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.