ياپونىيە مەتبۇئاتى ماقالىسى:«ئافرىقىدىكى جىبۇتى خىتاينىڭ ھەربىي بازىسى بولىدۇ»
2016.03.02

ياپونىيەدىن چىقىدىغان «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىنىڭ 23 - فېۋرالدىكى سانىدا مۇخبىر مورگان ۋېنزانىڭ «ئافرىقىدىكى جىبۇتى خىتاينىڭ ھەربىي بازىسى بولىدۇ»سەرلەۋھىلىك ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.
خىتاينىڭ ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدىكى بۇ رايوندا ھەربىي بازا قۇرۇشى ياپونىيە جەمئىيىتىدە كۈچلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ئۆزلىرىنىڭ ئوخشىمىغان قاراشلىرىنى بايان قىلغان.
مۇخبىر مورگان ۋېنزا ماقالىسىدە ئالدى بىلەن ئافرىقىدىكى جىبۇتى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىمزاھلانغان ھەربىي كېلىشىملەر توغرىسىدا توختىلىپ: «نوپۇسى بىر مىليونغا يەتمەيدىغان،ئاھالىسىنىڭ 20% نامراتلىقتا ياشايدىغان بۇ دۆلەتنىڭ، خىتاينىڭ ھەربىي بازا قۇرۇش تەكلىپىنى قىزغىنلىق بىلەن قوبۇل قىلىشى بەلكىم، ئىقتىسادىي نەپكە ئېرىشىشنى كۆزلىگەندىن بولسا كېرەك» دەيدۇ.
جىبۇتى دۆلىتىنىڭ جۇغراپىيىۋىي ۋە سىياسىي ئورنىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تىلغا ئالغان ئاپتور:«جىبۇتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى مۇھىم بولغانلىقتىن، يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا، فىرانسىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ بۇ يەرگە ھەربىي بازا قۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ» دەيدۇ.
ئاپتور ماقالىسىدە، ئىلگىرى فىرانسىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان جىبۇتىنىڭ ئەمدىلىكتە خىتاينىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىش ئېھتىماللىقىنىڭمۇ يىراق ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.
ماقالىدە 2015 - يىلى 11 - ئايدا خىتاي دۆلىتىنىڭ جىبۇتىدىكى ھەربىي بازىنى ئون يىللىق ئىجارىگە ئالغانلىقىنى، بازىنىڭ يىللىق ئىجارىسى يۈز مىليون دوللار بولۇپ، خىتاينىڭ دەسلەپكى قەدەمدە يۈز مىليون دوللار تاپشۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جىبۇتىنىڭ پرېزىدېنتى ئىسمايىل ئۆمەر رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا:«خىتاي پات يېقىندا ھەربىي قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى سېلىشنى باشلايدۇ» دېگەن.
مۇخبىر مورگان ۋېنزا ماقالىسىدە، نېفىتقا كۈچلۈك ئېھتىياجى بولغان خىتاي دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇش ئوتىدىن ئەنسىرەپ، جىبۇتى ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرقنىڭ نېفىتىنى ئۆزىگە توشۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا بېيجىڭنىڭ نەزىرىدە بۇ يول ئەڭ بىخەتەر سۇ يولى دەپ قارىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتاي ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدا تۈرلۈك ئىقتىسادىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ھەتتا بۇ رايونلاردا بانكىلارنى ئاچقان.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆزىدە ھېچقانداق يەر ئاستى تەبىئىي بايلىق بولمىغان جىبۇتى دۆلىتى خىتايدىن تۈرلۈك ماللارنى ئىمپورت قىلغان. 2000 - يىلىدىن تا ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي جىبۇتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن 60 مىليون دوللار ياردەم قىلغان.
جىبۇتى يېڭىدىن ئايرودروم، پورت قۇرماقچى بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە بۇ پىلان ئۈچۈن خىتايدىن 124 مىليون دوللار ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
ئۇندىن باشقا جىبۇتى ئۆزىدىن باشقا دۆلەتلەرگە تۇتىشىدىغان تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى باشلىماقچى بولغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن دەسلەپتە خىتايدىن 400 مىليون دوللار تەلەپ قىلغان.
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىرچە خىتاي ئارمىيەسىدىن ئون مىڭ ئەسكەر جىبۇتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ئارمىيەدە خىزمەت قىلىدىغان كۆپلىگەن خىتاي ئىشچى - خىزمەتچىلىرىمۇ بۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ماقالىدە ئامېرىكا جوھنس خوپكېنس ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقاتچىسى پروفېسسور بۇرا تىگان خىتاينىڭ جىبۇتىدا ھەربىي بازا قۇرۇشىغا باھا بېرىپ:«خىتاي بۇ يەردە ئەسكەرلەرگە ياتاق سېلىش ئارقىلىق بۇ يەرنى ئىككىنچى سىنگاپور قىلماقچى» دېگەن.
خىتاينىڭ جىبۇتىدا ھەربىي بازا قۇرۇشنى باشلىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ياپونىيە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا، گېزىت - ژۇرناللاردا كەڭ تارالغاندىن كېيىن، ياپونىيەدىكى بىر قىسىم خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسسىلىرى بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان قاراشلارنى بايان قىلماقتا.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتايدىكى مىللەتلەر ئىشلىرى مۇستەقىل تەتقىقاتچىسى ئارېنا ساتو خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ:«خىتاينىڭ كۆپلەپ مەبلەغ ئاجىرىتىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەربىي بازا بەرپا قىلىشى تىنچلىقنى بۇزۇپ، خەلقئارادىكى ھەربىي رىقابەتلەرنى كۈچەيتىۋېتىدىغان بىنورمال ھەرىكەت. شۇڭا خەلقئارا بۇنىڭغا قارشى ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن» دېدى.
ياپونىيەدىكى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىدىن كېنشى تارو خىتاينىڭ ئافرىقىدىكى بىر قىسىم ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا يېقىندا ياپونىيە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى پروگراممىلار ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرى بايان قىلىپ:«خىتاي ئافرىقىنىڭ ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ھالدا، ئافرىقا ئەللىرىگە كۆپلەپ مەبلەغ ئاجىرىتىپ يەرلىك خەلقلەر ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىپ بېرىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمىليەتتە خىتاينىڭ بۇ رايونلاردا ئېلىپ بېرىۋاتقان قۇرۇلۇش، دېھقانچىلىق، باقمىچىلىق ۋە كان ئېچىش ئىشلىرىدىكى بارلىق ئىشلەمچىلەرنىڭ ھەممىسى خىتايدىن كەلگەن ئىشچىلار بولۇپ، ئۇلار يەرلىكلەردىن ئەمگەك كۈچى تەلەپ قىلمايدۇ شۇنداقلا يەرلىك كىشىلەرگە ھېچقانداق تېخنىك ئىشلىرىنى ئۆگەتمەيدۇ. ئافرىقىدىن ئالغان ئىقتىسادىي نەپنى خىتايغا توشۇيدۇ. ئاقىۋەتتە كۆپلىگەن خىتاي ئىشچىلىرى ئافرىقىغا يەرلىشىپ بۇ يەردە خىتاي مەھەللىرىنى قۇرۇشقا تىرىشىدۇ» دېدى.
ۋەزىيەت ئانالىزچىسى كېنشى تارو خىتاينىڭ جىبۇتىدىكى ھەربىي بازىسى ھەققىدە توختىلىپ:«خىتاي دۆلىتى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەربىي بازا قۇرۇش ئارقىلىق ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ. يەنى ئىلگىرىكى رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى قوللىنىۋاتىدۇ. سېنكاكۇ ئاراللىرى ئەتراپىدا، جەنۇبىي تاقىم ئارىلىدا ھەربىي بازا قۇرۇپ بولدى. ئافرىقىدا ھەربىي بازا قۇرۇشقا كىرىشكەنلىكنىڭ ئۆزىنى خىتاينىڭ دۇنياغا خوجا بولۇش ئارزۈسىنى ئىپادىلەيدىغان ھەرىكەتلەر دەپ چۈشىنىمەن» دېدى.
كېنشى تارو سۆزىنىڭ ئاخىرىسىدا يەنە:«ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئۈزلۈكسىز قۇرۇلۇۋاتقان خىتاي مەھەللىلىرى قارىماققا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئولتۇراق جايى ھېسابلانسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ مەھەللىلەر خىتاينىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن بازىلىرى» دېدى.
ياپونىيەدىكى بىر قىسىم مەتبۇئاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان ئافرىقا ئەللىرىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، باغۋەنچىلىك ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈشكە ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشقا كۆپلەپ ئىقتىسادى ياردەم بەرگەن شۇنداقلا ئۇلارغا ھەقسىز تېخنىكا ئۆگىتىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان كەسپىي خادىملارنى ئافرىقىغا ئەۋەتكەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.