كېيىنكى ۋاقىتلاردا، خىتايدا ئىشلەنگەن ئاپتوموبىل ۋە مەخسۇس تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنىڭ قازاقىستاندا بارا-بارا كۆپىيىشى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
ئالماتا ۋىلايىتىنى كېسىپ ئۆتىدىغان غۇلجا يولىدا قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن بولغان چېگراسى تەرەپتىن كېلىۋاتقان تۈرلۈك تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنى پات-پاتلا كۆرۈشكە بولىدۇ. قازاقىستان شەھەرلىرىدە كۈن ساناپ كۆپىيىۋاتقان خىتاي ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئەرزان بولسىمۇ، ئامما سۈپىتى جەھەتتىن تەلەپلەرگە مۇۋاپىق ئەمەسلىكى توغرىسىدا مەلۇماتلار كېلىپ چۈشمەكتە.
يېقىندا «لىتېر جۇمھۇرىيەتلىك ھەپتىلىك گېزىتى» دا ئېلان قىلىنغان ئاندرېي ۋېرمېنىچېفنىڭ «قازاقىستاندىكى قايغۇلۇق لىدېرلىك. خىتاي ئىشلەپچىقارغان ئاپتوموبىللارغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئۆسۈشى پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەر بىلەن باغلىنىشلىق» ناملىق ماقالىسىدە، خىتاي ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە تېز كاردىن چىقىپ، تېخنىكىلىق تەلەپلەرگە جاۋاب بېرەلمەيۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ماقالىدە مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرى ئىچىدىن قازاقىستاننىڭ خىتاي ئاپتوموبىللىرىنى ئىمپورت قىلىش بويىچە لىدىر ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. بۇنى خىتاينىڭ شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئورۇنلاشتۇرغان ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارمۇ ئىسپاتلىماقتا ئىكەن. مۇنداق بولۇشى، بىرىنچىدىن، ياش دۆلەتنىڭ چوڭ بىر قۇرۇلۇش مەيدانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىدىن، ئىككىنچىدىن، خىتاي بىلەن بولغان جۇغراپىيىلىك يېقىنلىقتىن كېلىپ چىققان، يەنى بۇ جۇغراپىيىلىك يېقىنلىق خىتايدىن قازاقىستانغا ئاپتوموبىللارنىڭ ئۈزۈلمەي كېلىشىنى خېلى يېنىكلىتىدىغان كۆرۈنىدۇ.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئېلى تاموژنا پونكىتىدىن قازاقىستانغا ئىنتايىن كۆپ ساندا تېخنىكا ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىي قىسمىنى خىتاي ئىشلەپچىققان يۈك ئاپتوموبىللىرى تەشكىل قىلغان. ئۇنىڭدا كەلتۈرۈلگەن رەقەملەر بويىچە 2012-يىلى قازاقىستانغا 25 مىڭ تېخنىكا ئۆتۈپ، ئۇنىڭ ئومۇمىي باھاسى 980 مىليون تەڭگىگە يەتكەن. بۇ 2011-يىلغا قارىغاندا تېخنىكا سانىنىڭ 49 پىرسەنت، ئومۇمىي باھاسىنىڭ بولسا، 44،5 پىرسەنت ئۆسكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ماقالىدە شۇنداقلا قازاقىستانلىقلارنىڭ سىنالغان ھەم تەكشۈرۈلگەن تېخنىكىدىن كۆرە، خىتاينىڭ يۈك ئاپتوموبىللىرىغا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقى ئېيتىلغان.
ئامما بۇ يەردە ئانالىزچىلار، ئۆزلىرىنىڭ باشقىمۇ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا ئىكەن. خىتاي يۈك ئاپتوموبىللىرى ئەرزان بولسىمۇ، ئامما ئۇلارنى رېمونت قىلىشقا ئىنتايىن كۆپ مىقداردا خىراجەت سەرپ قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا رېمونت باھاسىنىڭ ئاپتوموبىل باھاسىدىن ئىككى، بەزىدە ئۈچ ھەسسە ئېشىپ چۈشىدىغانلىقىنى ئىقرار قىلغان. بەزىدە خىتاي يۈك ئاپتوموبىللىرىنى ماختاۋاتقان ئانالىزچىلارنىڭ ئەينە شۇلارنى ئىشلەپچىقىرىۋاتقانلار ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنماقتا ئىكەن.
پەقەت ئۆتكەنكى يىلنىڭ ئۆزىدىلا ئالماتا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا بىر قاتار يول-ترانسپورت ھادىسىلىرى يۈز بېرىپ، بۇنىڭغا خىتاي يۈك ئاپتوموبىللىرى سەۋەبچى بولغان. مەسىلەن، ئالماتانىڭ شەرقىي ئاپتوموبىل يولىدا خىتاي يۈك ئاپتوموبىلى ئوندىن ئوشۇق ئاپتوموبىلنى بېسىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدە ئىككى ئادەم قۇربان بولغان. ھايدىغۇچىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئاپتوموبىلنىڭ تورمۇزى تۇيۇقسىز كاردىن چىققان. يەنە بىر پاجىئەلىك ۋەقە ئالماتا-ئېكاتېرىنبۇرگ ئاپتوموبىل يولىدا يۈز بەرگەن. بۇ قېتىمدا يۈك ئاپتوموبىلى ئاپتوبۇس بىلەن توقۇنۇشۇپ، 16 ئادەم قۇربان بولغان. شۇ ۋەقەلەردىن كېيىن تاغلىق رايونلاردا خىتاينىڭ يۈك ۋە يولۇچى ئاپتوموبىللىرىنىڭ مېڭىشى مەنىي قىلىندى.
بۇنىڭدىن تاشقىرى، خىتاي يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ تېخنىكىلىق بىخەتەرلىك جەھەتتىن دېگەندەك نازارەت قىلىنماي كېلىۋاتقانلىقى ھەم ئۇلارغا بېسىلىدىغان يۈك ئېغىرلىقىنىڭ نورمىدىن ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىنمۇ ھالاكەتلەر يۈز بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدىمۇ ئېيتىلغان. قازاقىستاننىڭ ترانسپورت نازارىتى كومىتېتى ۋەكىلى ئاسېت ئاساۋبايېفنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، مەملىكەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان خىتاي يۈك ئاپتوموبىللىرى يوللارنىمۇ كاردىن چىقارماقتا ئىكەن.
ماقالە ئاپتورى قازاقىستانلىقلارنىڭ ئەرزان باھادىكى خىتاي يۈك ئاپتوموبىللىرىنى سېتىۋېلىشقا كىرىشىپ كېتىپ، ئۆز مەبلەغلىرىنى تۆۋەن ساپالىق مەھسۇلاتلارغا سېلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا ۋەتەنداشلىرىنىڭ ھايات بىخەتەرلىكىگە خەۋپ پەيدا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.