خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يۇ خوڭياڭ 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاخشام ئىپتار زىياپىتى بەرگەن. بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئەنقەرەدىكى ئۈرۈمچى ئاشخانىسىدا بەرگەن بۇ ئىپتار زىياپىتىگە كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، پەقەت 8 ئوقۇغۇچى ئىشتىراك قىلغان. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاز كېلىدىغانلىقىنى بايقىغان خىتاي ئەلچىخانىسى دەرھال سەپەرۋەرلىك قىلىپ، ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق خىتاي شىركەتلىرىدە ئىشلەۋاتقان خىتاي ۋە تۇڭگانلارنىمۇ زىياپەتكە تەكلىپ قىلغان. ئىپتارغا قاتناشقانلارنىڭ ئېيتىشىچە 40 ئەتراپىدا خىتاي ۋە تۇڭگان ۋە 8 ئۇيغۇر ئىشتىراك قىلغان.
ئىپتار زىياپىتىدا ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن خىتاي ئەلچىسى يۈ خوڭياڭ رامازان ئېيىنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بولغان ئەھمىيىتى، خاسىيەتلىرى ھەققىدە توختالغاندىن كېيىن، تۈركىيەدە دۆلەت رەئىسلىك سايلىمى بىلەن پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىنىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى، بەزى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن «شىنجاڭ مەسىلىسى» نى ئوتتۇرىغا تاشلاپ، پايدىلىنىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى، ئوقۇغۇچىلارنى تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ يىغىلىشلىرىغا قاتناشماسلىققا، ھۇشيار بولۇشقا چاقىرغان.
ئارقىدىن تۈركىيە دۆلەتلىك رادىيو ۋە تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدا ئىشلەۋاتقان زەينەش ئىسمايىل سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەنلىكىنى، گەرچە تۈرك پۇقرالىقىغا ئۆتكەن بولسىمۇ، قەلبىنىڭ خىتايدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. بىز ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ، «ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي دىنىي ئىبادەتنى چەكلىگەن بۇنداق بىر كۈندە، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىپتار زىياپىتىگە نېمىشقا قاتناشتىڭىز ؟» دەپ سورغىنىمىزدا ئۇ، ئۆزىنىڭ قاتنىشىپ سۆز قىلغانلىقىنى، ئەمما بۇ ھەقتە يۈزتۇرانە كۆرۈشكەندە مەلۇمات بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تېلېفونىنى ئېتىۋالدى.
«خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىپتار زىياپىتىگە قاتنىشىپسىز قانداق ئۆتتى؟» دېگەن سۇئالىمىزغا ئۇ، «ياخشى ئۆتتى» دەپ جاۋاب بەردى.
«سىز سۆزلەپسىز نېمىلەرنى ئاڭلاتتىڭىز؟» دېگەن سۇئالىمىزغا زەينەش ئىسمايىل «رامىزاننى ئاڭلاتتىم» دەپلا جاۋاب بەردى.
ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر ۋە قازاقلاردىن بولۇپ بىر مىليون ئەتراپىدا كىشى لاگېرلاردا ئىكەن، سىز بۇ يەردە خىتاينىڭ زىياپىتىگە قاتنىشىشىڭىز توغرىمۇ؟ دەپ سورغىنىمىزدا قازاق مىللىتىدىن بولغان زەينەش ئىسمايىل «يۈزتىرانە كۆرۈشكەندە دېيىشەيلى» دەپ تېلېفونىنى ئېتىۋەتتى.
خىتاي ئەلچىخانىسى ئورۇنلاشتۇرغان ئىپتار زىياپىتىگە ئىشتىراك قىلغان ئەنقەرەدىكى گازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى مەرگىيەگە تېلېفون قىلىپ، نېمە ئۈچۈن قاتناشقانلىقىنى سوردۇق. مەرگىيە «خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشساق ئاتا-ئانىمىزغا ۋەتەندە پايدىسى بولامدىكىن دەپ قاتناشتۇق» دېدى.
خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىپتار زىياپىتىگە ئىشتىراك قىلغان ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى فائىك بىلەنمۇ تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇمۇ «ۋەتەندە ئاتا-ئانىسىغا بېسىم ئىشلەتمەسمىكىن دەپ قاتناشقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى.
ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنىستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىدىن تۈپەيلى چەتئەلدە خىتايغا قارشى نارازىلىقنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى، خىتاي ئەلچىخانىسى بەرگەن ئىپتار زىياپىتىگە 8 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ قاتنىشىشىنىڭمۇ بۇنىڭ بىشارىتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. .
خىتاي ئەلچىخانىسى بۇرۇن چاغان، يېڭى يىل ۋە خىتاي دۆلەت بايرىمىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا زىياپەت بېرەتتى. ئۇيغۇرلار مىسلى كۆرۈلمىگەن دىنىي ۋە مىللىي بېسىمغا ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تۇنجى قېتىم ئىپتار زىياپەت بېرىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.