غەرب مەتبۇئاتلىرىدا خىتاي ئەمەلدارلىرىدىكى چىرىكلىشىش كەيپىياتى ھەققىدە ئىنكاسلار

يېقىندا خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن مەركىزى تەشكىلات بۆلۈمى بىرلىكتە، خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا يېڭى ئىنتىزام بەلگىلىمىسى چىقارغان. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى بۇ بەلگىلىمىلەرنىڭ خىتاي كادىرلىرىدىكى چىرىكلىشىشنى توسۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

0:00 / 0:00

ئەمما خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا پىكىر بايان قىلغان سىياسىي ئانالىزچىلار بولسا، بۇنداق بەلگىلىمىلەرنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىدىكى پارىخورلۇق، چىرىكلىك قىلمىشلىرىنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

خىتاي مەركىزى كومىتېتى تەرىپىدىن جايلارغا تارقىتىلغان كادىرلار ئىنتىزامى بەلگىلىمىسىدە، «بەشنى مەنئى قىلىش، 17 گە رۇخسەت قىلماسلىق، بەشتە بىردەك بولۇش» دېگەن ماۋزۇ قويۇلغان بولۇپ، بەلگىلىمىدە «ئاۋاز توپلاپ، پارا بېرىپ سايلىنىش، ئەمەل سېتىش-سېتىۋېلىش، ئەمەل سوراش-ئەمەل تەلەپ قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ئادەم ئىشلىتىش، نۆۋەت ئالمىشىشقا كاشىلا قىلىش قاتارلىقلار مېنى قىلىنىدۇ» دېگەن بەلگىلىمىلەر بايان قىلىنىپ، خىتاي كادىرلىرىدىكى پارىخورلۇق، چىرىكلىك قىلمىشلىرىنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، خىتايدىكى ھەر بىر ھۆكۈمەت كادىرىنىڭ ئاۋۋال بۇ بەلگىلىمىلەرگە شەرتسىز ئەمەل قىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

خىتاي رەھبىرى شى جىڭپىڭ يەنە 22-يانۋار سەيشەنبە كۈنى ئېچىلغان مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتايدا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىكى پارىخورلۇق، چىرىكلىك قىلمىشلىرىنىڭ ئېغىرلىقىنى بايان قىلىپ، بۇ ئەھۋالنىڭ خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، چىرىكلىك، پارىخورلۇق قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەلق گېزىتى قاتارلىق ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى خىتاي رەئىسى شى جىڭپىڭنىڭ سۆزى ۋە مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئېلان قىلغان بەلگىلىمىلەر ھەققىدە ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە بۇنىڭ شى جىڭپىڭ رەھبەرلىكىدىكى يېڭى رەھبەرلىك گۇرۇھىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىدىكى چىرىكلىشىش، پارىخورلۇق قىلمىشلىرىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش ئىرادىسىنىڭ مۇستەھكەملىكىنى مەدھىيىلىدى.

ئەمما، ب ب س ئاگېنتلىقى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، گېرمانىيە ئاۋازى قاتارلىق غەرب مەتبۇئاتلىرى شۇنداقلا بوشۈن، يېڭى ئىرا قاتارلىق چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىدە خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچى ئانالىزچىلار بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭىدىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان شى جىڭپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا ئاللىقاچان ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلىنىپ بولغان، كىشىلىك مۇناسىۋەت تورىغا ئاساسەن ئەمەلدار تەيىنلەش، ئەمەل سېتىۋېلىش، ئەمەل سېتىش، پارا ئېلىش قىلمىشلىرىنى مەركىزى كومىتېت نامىدىن ئېلان قىلغان بەلگىلىمە-قائىدىلەر؛ پارىخورلۇق-چىرىكلىك قىلمىشلىرى خەلققە ئاشكارىلىنىپ كەتكەن بىرقانچە ئەمەلدارلارنى جازالاش يوللىرى بىلەن توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە خىتايدا چىقىدىغان ئىقتىسادقا نەزەر گېزىتىدىن نەقىل ئېلىنىپ، يېقىندىن بۇيان، خىتايدىكى 45 شەھەردە باھاسى 10 مىليون سومدىن يۇقىرى بولغان ھەشەمەتلىك ئۆي ‏-جايلارنىڭ باشقىلارنىڭ نامىغا يۆتكەش، ئۆي ئىگىسى قول قويمىغان ھالەتتە ئۆيىنى باشقىلار ئارقىلىق نەق پۇلغا سېتىش، تۇرالغۇ جايلارنى توختام تۈزمەستىنلا يېقىنلىرىغا ئىجارىگە بېرىۋېتىشتەك غەيرىي نورمال ھالەتنىڭ ئەۋج ئالغانلىقى بايان قىلىنىپ، بۇنىڭ بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتاي مەركىزى كومىتېتى ئېلان قىلغان پارىخورلۇق، چىرىكلىك قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش دولقۇنىدىن ساقلىنىپ قېلىش ئۈچۈن ئېلىنىۋاتقان تەدبىر ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ تور بېكىتى بوشۈن تورىدا ئېلان قىلىنغان 24-يانۋار كۈنى چۇڭچىڭ شەھىرىدە بىر كۈن ئىچىدىلا يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن 10 كىشىنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەردە، نۆۋەتتە خىتايدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىشىگە زەربە بېرىش شامىلىدا تورغا چۈشكەنلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاز ساندىكى ئارقا تىرىكى بولمىغان بىر قىسىم ئەمەلدارلار ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پارىخورلۇق، چىرىكلىك قىلمىشى تېخىمۇ ئېغىر بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ يەنىلا ھاكىمىيەت ئۈستىدە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

بۈگۈن 24-يانۋار كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى سۈن ۋېنگۇاڭ ئەپەندى خىتاي رەھبىرى شى جىڭپىڭنىڭ 22-يانۋار سەيشەنبە كۈنىدىكى سۆزىدە تەكىتلىگەن خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىشىش يولىنى توساش چاقىرىقى ۋە خىتاي مەركىزى كومىتېتى چىقارغان كادىرلار ئىنتىزامى بەلگىلىمىسى قاتارلىقلارنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتايدا ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلانغان چىرىكلىك قىلمىشىنى تۈپ يىلتىزىدىن تۈگىتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:
-خىتايدىكى سىياسىي تۈزۈلمىنىڭ ئۆزى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىشىش، پارىخورلۇق قىلمىشلىرىغا يول ئاچىدىغان تۈزۈم. خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ھەر خىل بەلگىلىمە-قائىدە، تۈزۈملەرنى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە پارىخورلۇق، چىرىكلىك قىلمىشلىرى تور بېكەتلىرىدە ئاۋامغا ئاشكارىلىنىپ كەتكەن بىر قىسىم ئەمەلدارلارنى جازالاش ئارقىلىق، خەلققە ھۆكۈمەتنىڭ چىرىكلىك،پارىخورلۇق قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. يېقىندىن بۇيان گۇاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەردە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنىڭ سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدىغانلىقىنىمۇ تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. ئەمما، كومپارتىيىدىن ئىبارەت بىر پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىدا بولىدىغان، ئۆكتىچى پارتىيە -گۇرۇھلارنىڭ نازارىتى بولمىغان بۇنداق بىر پارتىيىلىك ھاكىم مۇتلەقلىق تۈزۈم يۈرگۈزۈلۈۋاتقان دۆلەتتە، سىزنىڭچە، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىشىشىنى توسۇپ قالغىلى بولامدۇ؟ چۈنكى، چىرىكلىشىشنىڭ ئەسلى مەنبەسى ھېچقانداق چەكلىمە قويۇلمايدىغان مۇتلەق ھاكىم مۇتلەقلىق تۈزۈمنىڭ ئۆزى. بۇ پۈتكۈل دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ھەقىقەت.