خىتاي ئەلچىلىكى تۇنجى قېتىم ئەنقەرەدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىردى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسى ئەنقەرەدە تۇنجى قېتىم «خىتاينى تونۇشتۇرۇش ۋە شىنجاڭ» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر رايوننىڭ 60 يىلدىن بۇيان كۆپ تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ بۇ يىغىدىمۇ «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى قۇربانجان سەمەتنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى كۆرسەتكەن كۆزەتكۈچىلەر قۇربانجان سەمەتنىڭمۇ خىتاي ئىلگىرى ياساپ چىققان سۈنئىي چولپانلار كەبى تارىخنىڭ شاللىشىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

«تايىمتۈرك» گېزىتىدە 27 - نويابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەردە خىتاينىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى يۈ خۇڭياڭ يىغىندا قىلغان ئېچىلىش نۇتقىدا، شىنجاڭنىڭ 23 مىليوندىن كۆپ نوپۇسى بارلىقىنى، يەر كۆلىمى جەھەتتىن تۈركىيەدىن ئىككى ھەسسە چوڭلۇقتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، يېقىندا 47 مىللەت ياشايدىغان شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلىگەنلىكىنى، ئۆتكەن بۇ 60 يىلدا شىنجاڭنىڭ زور تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

ئارقىدىن خىتاي يازغۇچى ۋاڭ مىڭ بىلەن «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى قۇربانجان سەمەتنى دوكلات بېرىش ئۈچۈن سەھنىگە تەكلىپ قىلغان. قۇربانجان سەمەت سۆزىنى ئۇيغۇر تىلى بىلەن باشلاپ خىتاي تىلى بىلەن داۋاملاشتۇرغان.

ئۇ، ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ: «مېنىڭ ئىسمىم قۇربانجان، دادامنىڭ ئىسمى مۇسا سەمەت، مەن قۇربان ھېيتتا تۇغۇلغان بولغاچقا ئىسمىمنى قۇربانجان قويۇپتىكەن. مەن ئەمدى مېنىڭ دۆلىتىمنىڭ تىلى خىتاي تىلى بىلەن سۆزلەيمەن» دېگەن.

ئۇ، نۇتقىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ قېرىنداشتەك ئۆتۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

يىغىن ئاخىرىدا قۇربانجان سەمەت يازغان «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق كىتاب يىغىن ئەھلىگە تارقىتىپ بېرىلگەن.

قۇربانجان سەمەتنى تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىلتىماس قىلىشى بىلەن تۈركىيەنىڭ سابىق رەئىسى جۇمھۇرى ئابدۇللا گۈلمۇ قوبۇل قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قۇربانجان سەمەتنى تىكلەپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دوكلات بەرگۈزۈشىدىكى سەۋەب نېمە؟ ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە خەلقئارا ئىشىنەمدۇ؟ خىتاي كۈتكەن ئۈمىدىگە ئېرىشەلەمدۇ؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خىتاي تارىختا لى فىڭ، قۇربان تۇلۇم قاتارلىق كىشىلەرنىمۇ ياساپ چىققانلىقىنى، ئەمما ھەممىسىنىڭ تارىخنىڭ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلانغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ، 21 - ئەسىرگە كىرگەن بۈگۈنكى كۈندە بۇ خىل يوللار بىلەن ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى يوشۇرالمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

«تايىمتۈرك» تور گېزىتىنىڭ 27 - نويابىر كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يىغىنغا تۈركىيەنىڭ باش مىنىستىر مۇئاۋىنى تۇغرۇل تۈركەش، خىتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىسى يۈ خۇڭياڭ ۋە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي تىلى ۋە ئەدەبىياتى كافېدراسىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئەنقەرەدىكى بەزى خىتايلاردىن بولۇپ 120 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان تۈركىيە باش مىنىستىر مۇئاۋىنى تۇغرۇل تۈركەش ئەپەندى، «دۆلىتىمىز بىلەن تارىخىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئورتاقلىققا ئىگە شىنجاڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىماقتا» دېگەن.

بۇ خىتاي ئەلچىلىكىنىڭ ئەنقەرەدە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار توغرىسىدا چاقىرغان دوكلات بېرىش يىغىنى ھېسابلىنىدۇ.