رۇسىيە، ھىندىستان ۋە موڭغۇلىيە دۆلەت باش مىنىستىرلىرىنىڭ خىتاينى تەڭلا زىيارەت قىلىشىغا نېمە تۈرتكە بولدى؟

0:00 / 0:00

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى مېدۋېدېۋ، ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموخان سىنگ ۋە تاشقى موڭغۇلىيە باش مىنىستىرى نوروۋ ئالتانخۇياگ ئايرىم-ئايرىم 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭغا كېلىپ، خىتايدىكى رەسمىي زىيارەتلىرىنى باشلىدى.

ئەتراپىدىكى ئۇچ قوشنا دۆلەتلەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا تەڭ خىتايغا دىپلوماتىيە زىيارىتى ئورۇنلاشتۇرۇشى، خىتاينىڭ دىپلوماتىيە تارىخىدا ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال، ئۇنداقتا بۇ دۆلەتلەرنىڭ باش مىنىستىرلىرىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا خىتاينى زىيارەت قىلىشىغا نېمە تۈرتكە بولدى؟ بۇ دۆلەتلەر بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا قانداق ئورتاقلىق ۋە زىددىيەتلەر مەۋجۇت ؟ خىتاينىڭ رۇسىيە، موڭغۇلىيە ۋە ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى دۇنيانىڭ سىياسىي ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىچۇ؟ دېگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە نۆۋەتتە سىياسىي ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى، تۈركىيە ھاجىتېپە ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ يۈرگۈزگەن ئانالىزلىرىنى مۇخبىرىمىز تەييارلىغان پروگراممىدىن ئاڭلاڭ.

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى مېدۋېدېۋ خىتايدىكى ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتى مەزگىلىدە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشىدۇ، لى كېچياڭ بىلەن «جۇڭگو-رۇسىيە دۆلەت باش مىنىستىرلىرىنىڭ 18-قېتىملىق قەرەللىك سۆھبىتى»نى ئېلىپ بارىدۇ، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ.

ئۇلار خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

خىتاي بىلەن رۇسىيە ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. ئىككى دۆلەت ھەر قايسى ساھەدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ كەلمەكتە.

ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموخان سىنگ خىتايدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، جۇڭگو بىلەن ھىندىستان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھىندىستانغا بېرىشىغا ۋىزا تەستىقلىتىش چەكلىمىسىنى ئەركىن قويۇۋېتىش توغرىسىدا چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ھەم چېگرا مۇداپىئە ھەمكارلىقى قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەدىكى بىر قاتار ئىككى تەرەپلىمە كېلىشىملەرنى ئىمزالايدىكەن. شەرقىي ئاسىيا بىلەن جەنۇبىي ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان باڭلادىش، خىتاي، ھىندىستان، بىرما ئىقتىسادى كارىدورى قۇرۇش تەسەۋۋۇرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىنمۇ ئۈمىد بار ئىكەن.

خىتاي دۆلەت باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بۇ يىل 5-ئايدا ھىندىستاننى رەسمىي زىيارەتتە بولىدىغان تۇنجى بېكەت قىلىپ تاللىغان ئىدى. بۇ ھىندىستاننىڭ خىتاينىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدىكى مۇھىم ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

موڭغۇلىيە باش مىنىستىرىنىڭ بۇ قېتىم خىتايغا قاراتقان زىيارىتى، موڭغۇلىيە ھۆكمەت ئالمىشىشىدىن كېيىنكى خىتايغا تۇنجى زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ. گەرچە خىتاي بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشى دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە موڭغۇلىيە بولسا ئىنتايىن مۇھىم جۇغراپىيىلىك ۋە سىياسىي ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنغا ئىگە بىر دۆلەت. خىتاي دېڭىز ئارقىلىق چېگرىلىنىدىغان فىلىپپىن، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەنسېرى قۇرۇقلۇق ئارقىلىق چېگرىلىنىدىغان دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا.

سىياسىي ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ خۇلاسىلىشىچە:
تارىختىن بۇيان، خىتاينىڭ رۇسىيە، موڭغۇلىيە ۋە ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن، بۈگۈن بۇ قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد-سودا جەھەتتە ئۆزئارا تولۇقلاشنى، ھەربىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى، خەلقئارا ئىشلاردا ئۆزئارا ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىشىدەك ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشى بۇ ئاسىيا ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن يېقىنلىشىشى ئەكسىچە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا پايدىسىز ۋەزىيەت يارىتىدۇ، كەلگۈسىگە نەزەر سالغاندا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقئارا ۋەزىيەتمۇ بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە ئۆزگىرىش ياسىيالايدۇ.

بۇ ھەقتە، سىياسىي ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى، تۈركىيە ھاجىتېپە ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ يۈرگۈزگەن ئانالىزلىرىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.