خىتاي ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ ھەيۋە كۆرسىتىش ئۈچۈن شىۋېتسىيەگە كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

0:00 / 0:00

شىۋېتسىيەنىڭ ھەر قايسى مەتبۇئاتلىرىدا خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ 3دانە ھەربىي پاراخوتى شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدىكى سۇلۇسسۇن پورتىغا 1-ئۆكتەبىر يېتىپ كەلدى.

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ پاراخوتلىرى سۇمالىيە بىلەن يەمەن ئارىلىقىدىكى دېڭىز يولى بىخەتەرلىكىنى قوغداۋاتقان بولۇپ، ۋەزىپە ئۆتەش ۋاقتى توشۇپ خىتايغا قايتىش يولىدا شىۋېتسىيەگە كەلگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەربىي پاراخوتلىرى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنىگە ئۇدۇللاپ ھەمدە شىۋېتسىيەدە خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىدىغان تەشكىلاتلارنىڭ نامايىشقا توغرىلانغانلىقى ئالاھىدە دىققەت چەكمەكتە.

شىۋېتسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ قارمىقىدىكى مۇداپىئە قىسىمنىڭ باياناتچىسى مىكائىل ئەبرەمسون ئەپەندىنىڭ بۈگۈن شىۋېتسىيە ئاخباراتىدا ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر ھەربىي پاراخوتلارنىڭ بىرى نورمال ھۇجۇمچى پاراخوت، يەنە بىرى بولسا تىز سۈرئەتلىك ئالاھىدە ھۇجۇمچى پاراخوت ۋە بىر دانە قۇتقۇزۇش پاراخوتىدىن تەشكىل تاپقانلىقى، مەزكۇر ھەربىي پاراخوتتا جەمئىي 800 نەپەرگە يېقىن خىتاي ئەسكىرى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئەبرەمسون ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، بۇ تۇنجى قېتىم خىتاي ھەربىي پاراخوتىنىڭ شىۋېتسىيە تەۋەلىكىگە زىيارەت قىلىشى ئىكەن، شۇنداقلا بۇ خىل زىيارەت تاسادىپىي بولسىمۇ، نورمال زىيارەت ھېسابلىنىدىكەن.

شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى تېخى يېقىندا خىتاي ۋە رۇسىيە ئىستىخباراتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، شىۋېتسىيەنىڭ سۇ ئاستى ھەربىي پاراخوت تېخنىكىلىرىغا خىتاينىڭ كۆز تاشلاۋاتقانلىقى ۋە خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ شىۋېتسىيەدە پاناھلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى يېقىندىن تەقىب قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان تۇرۇپ، خىتاينىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىنى مۇھىم دېڭىز تەۋەلىكى يەنە كېلىپ پايتەخت پورتى رايونلىرىغا باشلاپ زىيارەت قىلدۇرۇشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

بۇ قېتىملىق خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى زىيارىتى شىۋېتسىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە قىزىق مۇنازىرە تېمىسى بولماقتا.

شىۋېتسىيەدىكى بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ شىۋېتسىيە پورتلىرىدا ئورۇن ئېلىشى شىۋېت خەلقىنىڭ كاللىسىدا ھەر خىل سوئاللارنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى، ھازىرقى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭمۇ خەلقىنىڭ ئەندىشىسىنى يوق قىلىش ئۈچۈن، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە قايتا-قايتا بۇ بىر نورمال ساياھەت شەكلىدىكى بىر زىيارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

ئانالىزچىلار بىردەك قارىشىچە، ھازىرقى ھۆكۈمەتنى باشقۇرۇۋاتقان سوتسىيال پارتىيىسىدىن بولغان باش مىنىستىر سىتىۋان لوۋنىڭ باش مىنىستىر بولغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللا ئەھەت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتاي ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ شىۋېتسىيەگە كىرگەندىن بۇيان خەۋەرلەرنى يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرۇش بىلەن بىرگە، پاراخوت توختىتىلغان پورتقا بېرىپ يېقىندىن كۆزىتىپ تەتقىق قىلغىنى ھەمدە شىۋېتسىيەدە خىتايغا قارشى پائالىيەتلەر كۈچىيىۋاتقان مۇشۇنداق مەزگىلگە توغرىلاپ شىۋېتسىيەگە كېلىشىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قانداق پىلان مەقسىتى بارلىقى كىشىنى ئويلاندۇرغان ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى.